لىزۇ مىللىتى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
خەينەن ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى «جاھاننىڭ ئۇ چېتى» دە ياشاۋاتقان لىزۇ مىللىتىنىڭ ئۆز تىلى بار، نۇرغۇن كىشىلەر خەنزۇ تىلىدىمۇ سۆزلىشىدۇ،1957 - يىلى لاتىن ھەرپى ئاساس قىلىنغان لىزۇ يېزىقى يارىتىلدى.
لىزۇ ئاياللىرى چېچىنى كەينىگە تۈرمەكلىۋالىدۇ، چېچىغا چوشقا قىلى ياكى مېتال، كالا سۆڭىكىدىن ياسالغان چاچقىسقۇچ سانجىۋالىدۇ، بېشىغا گۈللۈك ياغلىق ئارتىدۇ، ئۈستىگە ئۇدۇل پەش، تۈگمىسى يوق كوپتا، ئاستىغا گۈللۈك كاناي يوپكا كىيىدۇ، كاتتا كىيىنگەندە بۇلاپكا، بىلەزۈك، پۇت زىننىتى، ھالقا قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقايدۇ. بەزى جايلاردا ئاياللارنىڭ ھالقىسى ھەم كۆپ، ھەم ئېغىر، قۇلىقىدىن مۈرىسىگىچە تۇتىشىدۇ. قىسمەن رايونلاردىكى لىزۇ ئاھالىسىدە يۈزىگە، بەدىنىگە گۈل چېكىۋالىدىغان ئادەت ساقلانغان. ئەرلەر ئۈستىگە ياقىسىز ئۇدۇل پەش كىيىم كىيىدۇ، ئاستىغا ئاسما ئىشتان كىيىدۇ. لىزۇلار «شۇيفەن» يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. گۆشنى كاۋاپ قىلىپ ياكى تۇزغا بېسىپ يەيدۇ، تۇزلانغان گۆشكە مىفىڭ، ياۋا كۆكتاتنى ئارىلاشتۇرۇپ چىلاپ قويغاندىن كېيىن، ئۇزاق مۇددەت ساقلايدۇ. ئاياللارنىڭ سىپارى چايناش ئادىتى بار. ۋۇجىشەن تاغلىق رايونىدا لىزۇلار كېمىسىمان ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ. ئۆيلەر بامبۇك بىلەن جازا قىلىنىپ، ئۈستى ئوت - چۆپلەر بىلەن يېپىلىدۇ، پالما چىۋىقلىرى ياكى بامبۇك تاختاي قىلىنىدۇ.
لىزۇلار ناخشا ھەم ئۇسسۇلغا ماھىر. ئەنئەنىۋى چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن بىشاۋ، كوگۇڭ، شۇيشاۋ، دۇڭشاۋ قاتارلىقلار بار. قوش قىلىچ ئۇسسۇلى، ئوتۇن چېپىش ئۇسسۇلى، گۈرۈچ ئايرىش ئۇسسۇلى قاتارلىق ئۇسسۇللار ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. لىزۇلاردا ئىلگىرى ئەجدادلىرىغا ۋە تەبىئەتكە چوقۇنۇش ئەۋج ئالغان، توخۇ سۆڭىكىدە، تۇخۇمدا پال سېلىش كەڭ تارقالغان. بەزى رايونلاردا ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن بىر تال ياغاچنى گۇەنسەي قىلىپ دەپنە قىلىدۇ، قەبرە قوپۇرمايدۇ، دەپنە قىلغاندىن كېيىن تۇپراق بېشىغا قايتا چىقمايدۇ.
لىزۇ ئاياللىرى يىپ ئېگىرىشكە، بولۇپمۇ پاختا دەرىخى پاختىسى توقۇمىچىلىقىغا ئۇستا. سۇڭ دەۋرىنىڭ ئاخىرى يۈەن دەۋرىنىڭ باشلىرى، مەشھۇر توقۇمىچى خۇاڭ داۋپو لىزۇ رايونىدا40 نەچچە يىل تۇرۇپ توقۇمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەن.
لىزۇلار رايونىدا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئاساس قىلىنىدۇ، شال، ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر، كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەردىن باشقا يەنە كاۋچوكمۇ كۆپ چىقىدۇ.