داغۇر مىللىتى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
تال چىۋىقتىن توقۇلغان چىتلاق ئىچىدە شەكىللىك كەپە بار بولۇپ، كەپىدە بىر داغۇر ئايال پىلەك سۇپىدا ئولتۇرۇپ تېرە يەكتەك تىكىۋاتاتتى. ئۇ توختىماستىن يىڭنە ئىشى قىلاتتى، پۇتىمۇ ھەدەپ يۆتكىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ پۇتى يۆتكىلىشى بىلەن پۇتىغا باغلانغان ئارغامچىنىڭ يەنە بىر ئۇچى باغلانغان بۆشۈكنى تەۋرىتەتتى، بۇنىڭ بىلەن بۆشۈكتىكى تاراقلىغان ئاۋاز ئۇنىڭ بالىسىنى ئەللەيلىتىپ ئۇخلىتىش رولىنى ئوينايتتى. بوۋاق بۆشۈككە تاسما ۋە تانا بىلەن باغلاپ قويۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بوۋاقلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇش دولقۇنلىرىدا كۈچلۈكلەردىن بولۇپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
داغۇرلار ئاساسلىقى نوننى دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇ يەرنىڭ بايلىقى مول، دەريا ئېقىنلىرى كۆپ بولۇپ، يىل بويى بېلىق تۇتقىلى بولىدۇ؛ ئۇلار تۇرغان جايلارنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت بولۇپ، كۆممىماش، قوناق، شال قاتارلىق زىرائەتلەر كۆپ چىقىدۇ، تاغ - ئورمانلاردىن ئەتىۋارلىق ھايۋاناتلار، قىممەتلىك دورا ماتېرىياللىرى ۋە ياۋا ئىقتىسادىي زىرائەتلەر چىقىدۇ. تاكى20 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، داغۇرلار ئىپتىدائىي كوممۇنا دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى بەزى ساددا ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلگەن. داغۇرلارنىڭ ئىلگىرى18 قەبىلىسى بولۇپ، ئۆز قەبىلىسى ئىچىدە ئۆزئارا نىكاھلىنىش مەنئى قىلىنغانىدى. نىكاھ تامامەن ئاتا - ئانىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بويىچە بولاتتى، ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە چوڭ - كىچىك سوۋغىلارنى بەرگەندىن كېيىن كېلىننى يۆتكەپ كېلىدۇ. يولدىن ئۆتكەن كىشىلەرگە بىردەك ھاراق، گۆش ۋە تاتلىق - تۈرۈملەر بېرىلىدۇ. ئىچ كۈيئوغۇل بولۇش بىرقەدەر ئومۇملاشقان بولۇپ، كۈيئوغۇل قېيناتىسىنىڭ ئۆيىدە ئەمگەك قىلىدۇ، ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ مال - مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، پەرزەنتلىرى دادىسىنىڭ جەمەتىگە تەۋە بولىدۇ. بىر ئائىلە قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، باشقىلار مەردلىك بىلەن ياردەم قىلىدۇ. بىرەر ئائىلىدە مال سويۇلسا، قوشنا - قولۇملىرى ۋە ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرى بىلەن تەڭ يەيدۇ. ئوۋ ئوۋلاپ ياكى بېلىق تۇتۇپ قايتقانلار ئوۋ غەنىمەتلىرىنى يولدا ئۇچرىغانلارغا بىر ئۈلۈشتىن بۆلۈپ بېرىدۇ.
داغۇرلارنىڭ ئۆز تىلى بار، ئەمما يېزىقى يوق. ئۇلار ئاساسلىقى شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئەنئەنىۋى ناخشا - ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرىدۇ، »مۇكۇليەن« دەپ ئاتىلىدىغان مىللىيچە چالغۇنى دائىم چالىدۇ. ئاياللىرى قەغەز قىيىشقا ۋە كەشتىچىلىككە ماھىر بولۇپ، ھەر خىل نەپىس گۈل بېزەكلەر ئارقىلىق تۇرمۇشىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ.