پۇمى مىللىتى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
ھەر يىلى12 - ئاينىڭ14 - كۈنى پۇمىلار يارىشىملىق يېڭى كىيىملىرىنى كىيىپ، چوڭ - كىچىك ھەممەيلەن كەنت يېنىدىكى تاغقا چىقىپ چېدىر تىكىپ ئورۇنلىشىدۇ. قاش قارايغاندا، ئەتراپقا گۈلخانلارنى يېقىپ نەي ۋە خۇلۇشېڭ (پۈۋلەپ چېلىنىدىغان بىر خىل چالغۇ) چېلىشىپ، شادىمان ناخشىلىرىنى توۋلىشىپ، گۈلخاننى چۆرگىلەپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. مانا بۇ پۇمىلارنىڭ يېڭى يىلنىڭ15 - كۈنىنى تەبرىكلەۋاتقان كۆرۈنۈشى.
پۇمىلار ئۆزىنى «پۇرىمى»، «پۇيىڭمى» دەپ ئاتايدۇ، بۇنىڭ مەنىسى «ئاق تەنلىك» دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ لەنپىڭ، لىجياڭ، ۋېيشى، يۇڭشېڭ قاتارلىق ناھىيىلىرىگە ھەمدە نىڭلاڭ يىزۇ ئاپتونوم ناھىيىسىگە تارقالغان، يەنە بىر قىسمى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ مورى زاڭزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى ۋە يەنيۈەن ناھىيىسىدە ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار ئاساسلىق تاغلىق رايوندا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، قوناق، بۇغداي، دادۇر، ئارپا ۋە يالىڭاچ ئارپا قاتارلىقلارنى تېرىيدۇ. چارۋىچىلىق دېھقانچىلىقتىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، چارۋىچىلىقتا ئاساسلىقى كالا، قوي كۆپ بېقىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئائىلىدە چوشقا، توخۇ ۋە ھەسەل ھەرىسى قاتارلىقلارنى باقىدۇ. پۇمىلار قوي يۇڭىدا كىيىم تىكىش، كاناپ رەخت توقۇش، بامبۇكتىن ھەر خىل سايمانلارنى ياساش، ھاراق ئېچىتىش، ئوۋ ئوۋلاش ۋە دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى يىغىش قاتارلىق قوشۇمچە كەسىپلەر بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ.
پۇمى ئەرلىرى كاناپ چاپان ۋە كەڭ ئىشتان كىيىدۇ، قوي تېرىسىدىن ئىشلەنگەن ئاق رەڭلىك جىلىتكە كىيىپ، بېلىگە قىلىچ ئېسىۋالىدۇ. يۇڭشېڭ رايونىدىكى ئاياللار بېشىغا چوڭ ياغلىق سېلىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چوڭ پەشلىك كىيىم ۋە گارمون يوپكا كىيىدۇ، قىزىل، يېشىل، كۆك ۋە سېرىق رەڭلىك لېنتىلار بىلەن بېلىنى بوغىدۇ. دۈمبىسىگە قوي تېرىسى ئارتىۋالىدۇ. كەنتلەر كۆپىنچە تاغنىڭ بېلىگە قۇرۇلىدۇ، كەنت بىلەن كەنتنىڭ ئارىلىقى ئادەتتە يېرىم كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، بىر - بىرىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، توخۇلىرىنىڭ چىللاشلىرى ۋە ئىتلىرىنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. ئۆيلىرى ياغاچ قۇرۇلمىلىق بولۇپ، ئىككى قەۋەت بولىدۇ، ئۈستىدە ئادەم، ئاستىدا چارۋا تۇرىدۇ. ئۆينىڭ سىرتىغا كالا، قوينىڭ باش سۆڭىكى ئېسىپ قويۇلۇپ، بايلىقى كۆز - كۆز قىلىنىدۇ. يېمەكلىكتە قوناقنى ئاساس قىلىدۇ، چوشقا گۆشى بىلەن ئېتىلىدىغان «پىبا گۆش» نى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
پۇمىلار كۆپ ئىلاھلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئەجدادلىرىغا نەزىر - چىراغ بېرىدۇ، يەنە لاما دىنى ۋە تويىن دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارمۇ بار. پۇمى مىللىتىنىڭ تىلى بار، ھازىر ئومۇميۈزلۈك خەنزۇ تىلىنى قوللىنىدۇ. ئۇلار ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر، ھەر قېتىملىق توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغ ئىشلىرىدا قوشاق ئېيتىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ.