UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو مىللەتلىرىقىرغىز مىللىتى

قىرغىز مىللىتى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار يايلاق ئالتۇن كۈز مەنزىرىسىگە پۈركىنىدۇ، تويدا چېلىنىدىغان قومۇز ساداسى ئىچىدە، يېڭى كېلىننىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى كەشتىلىك چۈمبەل ئارتىۋالغان يېڭى كېلىننى ئاتقا يۆلەپ مىندۈرۈپ يولغا چىقىدۇ. يولدا، ھەربىر ئاۋۇلدىكى ياشلار يولغا ئارغامچا تارتىپ، يېڭى كېلىننى توسۇۋېلىپ كەمپۈت سورايدۇ، ياشانغان كىشىلەر «بوز» دەپ ئاتىلىدىغان يەرلىك ھاراقنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، تويى بولغان قىز - يىگىتكە بەخت تىلەيدۇ. يىگىتنىڭ ئۆيىگە بارغاندىن كېيىن، يېڭى كېلىن شىرداققا دەسسەپ ھۇجرىغا كىرىدۇ. كاتتا توي مۇراسىمى، بەيگە ۋە ئوغلاق تارتىشىش پائالىيەتلىرى باشلىنىپ كېتىدۇ. كۈن ئولتۇرغاندا، قىز بىلەن يىگىت ئالدى بىلەن بېقىشىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. ئۇسسۇل ئوينىغاندا يىگىت جەزمەن قىزنىڭ ئۇزۇن چېچىنى تۇتۇۋېلىشى شەرت، ئېيتىلىشىچە، بۇنداق قىلغاندا ئىككى ياشنىڭ رىشتىسى تۇتىشىپ، چېچى ئاقارغۇچە ئىناق ئۆتەرمىش، قىرغىزلارنىڭ توي مۇراسىمى ئەل ئايىغى بېسىققاندا ئاندىن ئاياغلىشىدۇ. قىرغىز دېگەن سۆز «4» تۈتۈن،40 قەبىلە» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا ماكانلاشقان، قالغانلىرى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ فۇيۈ ناھىيىسىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئىلگىرى، قىرغىزلار چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىپ، ئوت - سۇ قوغلىشىپ كۆچۈپ، تەبىئەتكە تايىنىپ ياشايتتى. تۈرلۈك لازىمەتلىكلىرىنى چارۋا مەھسۇلاتلىرىغا ئالماشتۇراتتى. ئوۋ ئوۋلاش قىرغىزلارنىڭ مۇھىم قوشۇمچە كەسپى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق گۆش، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ۋە دورا ماتېرىياللىرىغا ئېرىشەتتى. قىرغىزلار قەبىلە - جەمەت تەشكىلىي شەكلىنى ساقلاپ قالغان، بىرنەچچە چوڭ قەبىلىگە بۆلۈنىدۇ، ئائىلىنى ئاساس قىلغان نۇرغۇن «ئاۋۇل» لاردىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ خىل تەشكىلىي شەكىلنىڭ ئىچكى قىسمىغا قارايدىغان بولساق، بۇ، ئەمەلىيەتتە چارۋا ئىگىسى بىلەن پادىچىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھېسابلىنىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، قىرغىز خەلقى كونا تەشكىلىي شەكىلنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىدە، يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردى. قىرغىز ئەرلىرى تېرە ياكى كىگىزدىن تىكىلگەن ئۇچلۇق، ئۇزۇن ۋە چۆرىسى ئۆرۈلگەن قالپاق، ئۇچىسىغا ياقىسىز ئۇزۇن چاپان، ئىچىگە گۈللۈك جىيەكلىك، يۇمىلاق ياقىلىق كۆڭلەك كىيىپ، تاسما باغلايدۇ، كەڭرى پۇشقاقلىق شىم ۋە ئۇزۇن قونچىلىق ئۆتۈك كىيىدۇ. ئاياللار كۆپىنچە ئۇزۇن كۆڭلەكنىڭ تۆپىسىگە قارا جىلىتكە كىيىپ، ياغلىق ئارتىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى چارۋا مەھسۇلاتلىرى بولۇپ، كالا، ئات، قوي ۋە تۆگە قاتارلىقلارنىڭ گۆشى، ئۆچكە سۈتى، قېتىق ۋە گۈرۈچ، ئۇن قاتارلىق ئاق ئاشلىقلارنى ئىستېمال قىلىدۇ. قىرغىزلار تولىمۇ مېھماندوست كېلىدۇ، مەيلى مېھمان تونۇش بولسۇن - بولمىسۇن قىزغىن كۈتۈۋېلىنىدۇ. ئۇلار ئۆيىدىكى ئەڭ ياخشى تائاملار بىلەن مېھماننى كۈتۈۋالىدۇ، قوينىڭ كاللىسى بىلەن كۈتۈۋېلىش ئارقىلىق مېھمانغا بولغان ئەڭ زور ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. قىرغىزلار يازدا چېدىردا، قىشتا چاسا شەكىللىك كېسەك ئۆيدە تۇرىدۇ. قىرغىزلارنىڭ كۆپچىلىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى لاما دىنى ۋە شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. قىرغىزلارنىڭ ئۆز تىل - يېزىقى بار بولۇپ، ئەدەبىيات - سەنئىتى ئىنتايىن رەڭدار، خەلق ئارىسىدا مول شېئىر - قوشاق، ھېكايىلەر تارالغان، »ماناس« ئېپوسى خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار بىر يىلدىكى12 ئاينى چاشقان، كالا، يولۋاس، توشقان، بېلىق، يىلان، ئات، قوي، تۈلكە، توخۇ، ئىت ۋە چوشقا قاتارلىق12 ھايۋان بىلەن ئىپادىلەيدۇ. ھەر يىلنىڭ1 - ئېيى يېڭى يىل − نورۇزنى ئۆتكۈزىدۇ. ئۆي - ئۆيلەردە »كوچا« دەپ ئاتىلىدىغان تاماق يېيىلىپ، مول ھۇسۇل، قۇت - بەرىكەت تىلىنىدۇ. كەچكە يېقىن چارۋىچىلار ماللىرىنى يايلىتىپ بولۇپ قايتقاندا، ھەربىر ئۆينىڭ ئالدىغا گۈلخان يېقىلىدۇ، ئادەم ۋە مال گۈلخاندىن ئاتلاپ ئۆتىدۇ. ئېيتىلىشىچە، مۇشۇنداق قىلغاندا بالايىئاپەتتىن ساقلىنىپ، بەخت - سائادەتكە ئېرىشكىلى بولىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو مىللەتلىرى
قىرغىز مىللىتى | UyghurWiki | UyghurWiki