خەنزۇ مىللىتى
جۇڭگو مىللەتلىرى
جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە ھون، سىيانپىي، جيې ، چاڭ ۋە دى قاتارلىق مىللەتلەر ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرىپ دۆلەت (بەگلىك) قۇردى. ئۇلار ئەسلىدە خۇاشيا مىللىتى دەپ ئاتالغان مىللەتنىڭ خەن سۇلالىسىنىڭ قائىدىسى بويىچە ئىش قىلىدىغانلىقىنى، خەن سۇلالىسىنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنى كىيىدىغانلىقىنى، بۇ دۆلەتتىكى پۇقرالارنىڭ خەنزۇلار دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، بۇ پۇقرالار ئىشلىتىدىغان تىلنىڭ خەنزۇ تىلى ئىكەنلىكىنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار خەنزۇلارنىڭ نامىنى قوللىنىپ كەلدى.
خەنزۇلارنىڭ ئەجدادى بولغان خۇاشيا مىللىتى ئەمىنىيە - يېغىلىق دەۋرىدىلا مۇقىم مىللەت گەۋدىسى بولۇپ شەكىللەنگەن ئىدى. چىن سۇلالىسى ئەلنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ئالتە بەگلىكنىڭ پۇقرالىرى چىن سۇلالىسىنىڭ پۇقرالىرىغا ئايلاندى. ئەينى يىللاردا غەربىي يۇرتلۇقلار ۋە ھونلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى چىنلار دەپ ئاتايتتى.
خەن سۇلالىسى چىن سۇلالىسىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ،400 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلدى، ئۇلار يىپەك يولىنى ئېچىپ، غەربىي يۇرت بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ھەربىيلەرنى بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلدۇردى؛ ئوغانلارنى قوغداش چىرىكچى ئەمەلدار قويدى، ھونلارنى ئەل قىلىپ، غەربىي - جەنۇبتىكى يىلارنى بويسۇندۇردى، ۋىلايەت - ناھىيىلەرنى تەسىس قىلدى. جەنۇبىي يۆلەر، شەرقىي ئوۋلار ۋە مىنيۆلەرنى ئەل قىلدى، خەن سۇلالىسىنىڭ زېمىنى مىسلىسىز كېڭەيدى ۋە دۆلىتى بىرمەھەل گۈللەندى. چىن، خەن دەۋرىدە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئالدىنقى چىن سۇلالىسى مەزگىلىدىكى خۇاشيا مىللىتىنى يادرو قىلغان ئاساستا، چاڭ ۋە ھون قاتارلىق قوۋملارنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈش ئارقىلىق خەنزۇ مىللىتى شەكىللەندى. بۇ ۋاقىتتا، خەنزۇ مىللىتى تارقالغان جايلار ئاساسلىقى يەنىلا خۇاڭخې، خۇەيخې ۋادىلىرى بولۇپ، ئۇلار غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن باشلاپ تەدرىجىي ھالدا چاڭجياڭ دەرياسى ۋە جۇجياڭ دەريا ۋادىسىغا كەڭ كۆلەمدە كۆچكەن. مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىگە كەلگەندە، جەنۇبتىكى خەنزۇلارنىڭ ئاھالىسى شىمالدىكى خەنزۇلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى. خەنزۇلارنىڭ ھازىرقى نوپۇسى1 مىليارد42 مىليون (1990 - يىلى7 - ئايدىكى سان)غا يېتىپ، مەملىكەتنىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقالدى.
خەنزۇ مىللىتى ئەزەلدىن ئىشچان، ئاددىي - ساددا ۋە ئالغا بېسىش روھى كۈچلۈك مىللەت بولۇپ، دۇنيا كۆز تىككەن قەدىمىي مەدەنىيەت ياراتقان. چىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى شۇ ۋىلايىتىنىڭ بېگى لى بىڭ ياساتقان دۇجياڭ توسمىسى ھازىرغىچە خەلققە بەخت ياراتماقتا. قەغەزچىلىك تېخنىكىسى، مەتبەئە تېخنىكىسى، مىلتىق دورىسى، كومپاس قاتارلىق تۆت چوڭ كەشپىيات ھەمدە پىلە بېقىش، يىپەك ئىشلەپچىقىرىش، چاي ئىشلەش ۋە قاچا - قۇچا ياساش قاتارلىق تېخنىكىلار مەدەنىيەت ۋە پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان. خەنزۇ مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئەت جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرىمۇ كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. جۇ نەزملىرى، نەغمە - ناۋا مەھكىمىسى، تاڭ شېئىرلىرى، سۇڭ نەزملىرى، يۈەن شىمال نەغمىسى ۋە مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى ھېكايە قاتارلىق خەنزۇ ئەدەبىيات - سەنئىتى ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە يۈكسەك دەرىجىدە گۈللەنگەن. تارىخ ئىلمى جەھەتتە «تارىخىي خاتىرىلەر» قاتارلىق24 تارىخىي خاتىرە ۋە «چۈنچيۇ (ئەمىنىيە)»، «زۇچيۇمىڭ تەپسىرى»، «ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى» قاتارلىق تارىخنامە ۋە ئەسەرلەر بار. ھەربىي ئىلىم جەھەتتە «سۈنزىنىڭ ھەربىي تەدبىرلىرى»، «سۇنبىننىڭ ھەربىي تەدبىرلىرى» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەر بار. خەنزۇلاردىن چىققان مەدەنىيەت ساھەسىدىكى نۇرغۇن داڭلىق شەخسلەرنىڭ دۇنياغا نامى مەشھۇر.
خەنزۇلارنىڭ تارىخى ئۇزاق، تىلى مول بولۇپ، ئاساسلىقى يەتتە چوڭ دىئالېكتقا (شېۋىگە) بۆلۈنىدۇ. ھازىرقى خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئورتاق تىلى شىمال دىئالېكتىنى ئاساس، بېيجىڭ تەلەپپۇزىنى ئۆلچەملىك تەلەپپۇز قىلىدۇ. خەنزۇ يېزىقى يىراق قەدىمكى زاماندىن باشلانغان بولۇپ، ئورتاق قوللىنىۋاتقان چاسا خەت شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چېغىناق - تاغاق يېزىقى ۋە شاڭ، جۇ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى مېتال پۈتۈك ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان. چىن سۇلالىسى دەۋرىدە كىتابلاردا بىرلىككە كەلگەن ئوخشاش يېزىق قوللىنىلغان. شياۋ جۇەن، لى شۇ قاتارلىقلار خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە كەيشۇ خەت نۇسخىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ نۇسخا ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا. خەنزۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى ياد ئېتىش ئېڭى بىرقەدەر كۈچلۈك بولۇپ، ئەجدادلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر - چىراغ قىلىشنى چوڭ ئىش قاتارىدا كۆرىدۇ ھەمدە بۇنى ئەجدادلىرىغا بولغان ساداقەتمەنلىك دەپ قارايدۇ. خەنزۇلار ئەزەلدىن دىنلارغا يول قويۇش، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتۇپ كەلگەن. تويىن دىنى خەنزۇلاردا قەدىمدىن بار دىن بولۇپ، بۇددا دىنى، نېستۇرى دىنى، ئاتەشپەرەسلىك، مانى دىنى، ئىسلام دىنى ۋە خرىستىئان دىنى قاتارلىقلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، چەت ئەلدىن كىرگەن دىنلار ھېسابلىنىدۇ، لېكىن بۇ دىنلار پۈتكۈل مىللەت ئورتاق ئېتىقاد قىلىدىغان دىنغا ئايلىنالمىغان. ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان كۇڭزىچىلىق ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولغاچقا، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭىپ كىرگەن. ئۈچ ئەركان، بەش ئەھكام، ئىلاھىي ھاكىمىيەت، ھاكىمىيەت، جەمەت ھوقۇقى ۋە ئەرلەر ھوقۇقى قاتارلىقلار خەنزۇ مىللىتىنىڭ پۇت - قولىنى چۈشەپ كەلگەن بويۇنتۇرۇق بولۇپ كەلگەن.
خەنزۇ مىللىتى ئائىلىۋى نىكاھ مۇستەھكەملىكى ۋە مۇقىملىقى بىلەن جاھان ئەھلىگە مەشھۇر. خەنزۇلارنىڭ كىيىم - كېچىكىدە تارىخىي دەۋرلەردە ئۆزگىرىش ئىنتايىن چوڭ بولدى.20 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە خەنزۇ ئەر - ئاياللار ئۇزۇن پەش ياكى يانتۇ پەش كىيىملەرنى ۋە ئۇزۇن ئىشتانلارنى كىيەتتى. خەنزۇلار ھېيت - بايراملار ئىچىدە چاغاننى ئەڭ چوڭ بىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە چوكانتال بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى ۋە تاۋۇز چاغىنى قاتارلىقلار بار.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن خەنزۇ مىللىتى بىلەن باشقا قېرىنداش مىللەتلەر باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ۋەتىنىمىزنى ئورتاق گۈللەندۈرمەكتە.