جىڭپۇ مىللىتى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
جىڭپۇ مىللىتى بىرقەدەر ئېگىزرەك بولغان تاغدا ياشايدىغان بولۇپ، «تاغ چوققىسىدىكى مىللەت» دېگەن نامى بار، ئۇلار ئاساسلىقى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ دېخۇڭ دەيزۇ - جىڭپۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىغا تارقالغان.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن كۆپ ساندىكى جىڭپۇزۇ «تاغ ئەمەلدارلىق تۈزۈمى» نى يولغا قويغانىدى. تاغ ئەمەلدارى شۇ يۇرتنىڭ باشلىقى بولۇپ، بەلگىلىك ئىمتىيازغا ئىگە ئىدى. كەنجى ئوغۇل ۋارىسلىق تۈزۈمى يولغا قويۇلغانىدى. يۇرتتىكى خەلق ئەمەلدارلار ئەۋلادى، پۇقرا ۋە قۇل دەپ دەرىجىگە ئايرىلاتتى. يۇرت خەلقى ئارىسىدا ماجىرا يۈز بەرسە، تاغ ئەمەلدارى، ئاقساقال ۋە ياشقا، ھۆرمەتكە چوڭ پېشقەدەملەر بىرلىكتە سورايتتى. دەۋاغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى تەرەپ، ئايرىم - ئايرىم ئۆزلىرىنىڭ سەۋەبلىرىنى بايان قىلىشاتتى. بىر سەۋەبكە بىر پۇرچاق قويۇلۇپ، كىمنىڭ پۇرچىقى كۆپ بولسا، شۇ دەۋادا يەڭگەن ھېسابلىناتتى. دەۋا سورىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن، بىر كالتەككە بەلگە قويۇلۇپ ئىككى پارچە قىلىنىپ، ئىككى تەرەپكە ئىسپات سۈپىتىدە بىر پارچىدىن بېرىلەتتى، ھەر ئىككىيلەن كالتەك ئۇچىدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، ئارىسىدىكى ئارازلىقنى تۈگەتكەن بولاتتى. ئادەتتە ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەي، تۆلەم بېرىشكە بۇيرۇلاتتى. دېلوغا تەكشۈرۈپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمىغاندا «ئىلاھ ھۆكۈم چىقىرىش» ئۇسۇلى قوللىنىلاتتى، دائىم قوللىنىلىدىغان ئىلاھ ھۆكۈم چىقىرىش ئۇسۇلى قارغاش، تۇخۇم بىلەن پال ئېچىش ۋە قۇلۇلە سوقۇشتۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ بېكىتىلگەن ئادەت ئۇسۇلى بولۇپ، جىڭپۇلار ياشاۋاتقان جايلارنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاشتا ناھايىتى زور رول ئوينىغان، ھازىر ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
جىڭپۇلار ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شال، قوناق، كاۋچوك، ئالېئورتېسى دەرىخى ۋە چاي قاتارلىقلارنى تېرىپ ئۆستۈرىدۇ. ئەرلەر ئاق ياكى قارا رەخت بىلەن بېشىنى ئوراشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇزۇن قىلىچ ۋە ئۇزۇن باغلىق سومكا ئېسىۋالىدۇ. ئاياللار قارا، قىسقا چاپان ۋە قوي يۇڭىدىن تىكىلگەن چىلان رەڭ يوپكا كىيىۋالىدۇ، قارا، قىزىل بەللىك تاقاپ، چەمبىرەك بېكىتىۋالىدۇ، يۇڭ رەخت بىلەن پۇتىنى ئورىۋالىدۇ ھەمدە ھەرخىل زىبۇزىننەت ۋە بېزەكلەرنى تاقىۋالىدۇ.
جىڭپۇلار ئىلگىرى تاماقنى بانان يوپۇرمىقىغا ئوراپ تەڭ تەقسىم قىلاتتى ھەمدە قول بىلەن يەيتتى. كالا سويۇپ، نەزىر - چىراغ قىلغاندا، گۆشى كەنت بويىچە تەقسىم قىلىناتتى. ئوۋ غەنىيمەتلىرى كۆرۈپ قالغان كىشىگىمۇ بىر كىشىلىك بېرىلەتتى. ئۇلار «شاجى» دەپ ئاتىلىدىغان (كۆك تاماكا، قومۇش ۋە ئۆچۈرۈلگەن ھاك بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ ياسىلىدۇ) نەرسىنى چايناشقا ئامراق بولۇپ، كۆرۈشكەندە ئۆزئارا «شاجى» تەقدىم قىلىش بىر خىل ئەنئەنىۋى رەسىم - قائىدە ھېسابلىنىدۇ.
جىڭپۇ مىللىتىنىڭ كۆپىنچە ئەزالىرى ساكرامېتالىزملىق ئىپتىدائىي دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ. تۇرمۇشتا مەنئى قىلىدىغان ئىشلىرىمۇ بىر قەدەر كۆپ. ئومۇمەن تېرىقچىلىق، ھوسۇل يىغىش، كېسەللىك، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ۋە ئۇرۇش قاتارلىقلاردا باخشىنى تەكلىپ قىلىپ كالا سويۇپ، نەزىر - چىراغ قىلىدۇ. ئۇلار بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمنى يولغا قويغان بولۇپ، ئىلگىرى نەۋرىنى نەۋرىگە چېتىش ئومۇميۈزلۈك ئادەت ئىدى، يەنى ھاممىسىنىڭ ئوغلى تاغىسىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنەتتى، ئەمما، تاغىسىنىڭ ئوغلى ھاممىسىنىڭ قىزىغا ئۆيلەنسە بولمايتتى. ئادەم ئۆلگەندە يەرلىك كولاپ دەپنە قىلىنىدۇ. قاتىللىقتا ئۆلگەنلەر كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىنىدۇ، چاچراپ كەتكەن بالىلار ئوچۇقچىلىققا دەپنە قىلىنىدۇ.
جىڭپۇ مىللىتىنىڭ ئۆز تىلى بار.20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پىنيىن ھەرپلىرى ئىجاد قىلىنغان. جىڭپۇلار كوللېكتىپ ئۇسسۇلغا ماھىر، بەزىدە1000 دىن ئارتۇق كىشى بىرلىكتە ئۇسسۇل ئوينايدۇ، ئۇسسۇلغا جۇشقۇن دۇمباق ساداسى تەڭكەش قىلىنىدىغان بولۇپ، رىتىمى ئېنىق، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ.