UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو مىللەتلىرىباۋئەن مىللىتى

باۋئەن مىللىتى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار باۋئەن مىللىتى ئەسلىدە چىڭخەينىڭ تۇڭرېن تەۋەسىدىكى لوڭۋۇ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى باۋئەن سەنجۇاڭ كەنتىدە ياشىغان، كېيىنچە گەنسۇغا كۆچۈپ كېلىپ، جىشىشەن تېغى رايونىدا ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار ئولتۇراقلاشقان دادۈن، گەنمېي، گاۋلى قاتارلىق كەنتلەر يەنىلا ئادەت بويىچە باۋئەنسەنجۇاڭ (باۋئەندىكى ئۈچ كەنت) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، باۋئەن دېگەن يەر نامى مىللەت ئىسمىغا ئايلىنىپ قالغان. باۋئەن مىللىتى ئاساسلىقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لىنشيا خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ناھىيىلەر ۋە چىڭخەينىڭ بىر قىسىم جايلىرىغا تارالغان. باۋئەن مىللىتى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ كۆپچىلىكى دەريا بويىغا جايلاشقان بولۇپ، غەرب تەرىپى جىشىشەن تېغى بىلەن، شىمال تەرىپى خۇاڭخې دەرياسى بىلەن تۇتىشىدۇ، كىلىماتى ئىللىق بولۇپ، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىققا باب كېلىدۇ. باۋئەنلەر ئاساسلىقى دېھقانچىلىق، قوشۇمچە قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە قوشۇمچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. قول ھۈنەرۋەنچىلىكتە پىچاق ياساشنى ئاساس قىلىدۇ، ياسىغان نەپىس، ئىتتىك، چىداملىق، سىپتا ۋە كۆركەم پىچاقلار «باۋئەن پىچىقى» دېگەن نام بىلەن ئەلگە داڭلىق. نامى مەشھۇر قوش بىسلىق، قوش ئوقۇرلۇق پىچاقلارنىڭ سېپى سېرىق مىس، قىزىل مىس ۋە كالا مۈڭگۈزى قاتارلىقلارنى تىزىش ئارقىلىق ياسالغان بولۇپ، نۇسخىلىرى كۆركەم بولغاچقا، «نەقىشلىق ساپلىق پىچاق» دېگەن چىرايلىق نامى بار. باۋئەن مىللىتىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئۆرپ - ئادىتى خۇيزۇلار ۋە دۇڭشياڭ مىللىتىنىڭكىگە ئوخشايدۇ. يېمەك - ئىچمەكتە گۈرۈچنى ئاساس قىلىدۇ، كالا، قوي گۆشلىرىنى ئىستېمال قىلىدۇ، باشقا ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ھايۋانلارنىڭ قېنىنى ئىستېمال قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ. ئۆزى ئۆلۈپ قالغان مالنىڭ گۆشىنى يېمەيدۇ. باۋئەن مىللىتى ئات مىنىپ ئوقيا ئېتىش ۋە چېلىشىشقا ماھىر. باۋئەن مىللىتى باۋئەن تىلىنى قوللىنىدۇ، كۆپچىلىكى خەنزۇ تىلىنىمۇ قوشۇمچە قوللىنىدۇ، ئۇلارنىڭ يېزىقى يوق بولۇپ، خەنزۇ يېزىقىنى قوللىنىدۇ. باۋئەن مىللىتى ناخشا -ئۇسسۇلغا ماھىر. مىللىيچە ناخشا «باۋئەن خۇائېر» ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇسسۇلىنىڭ رىتىمى تېز ھەم مەردانە. باۋئەن قىز - ئاياللىرى قەغەز قىيىشقا ماھىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر خىل قورال - سايمانلىرىغا بەئەينى راستتەك گۈل نۇسخىلىرى ۋە كۆركەم نەقىشلەر چۈشۈرۈلگەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو مىللەتلىرى