UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو مىللەتلىرىلاخۇ مىللىتى

لاخۇ مىللىتى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار رىۋايەت قىلىنىشىچە، قەدىمدە ئاسمان ئىلاھى توققۇز مىللەتنى يارىتىپتۇ ھەمدە ئۇلارغا ئايرىم - ئايرىم يېزىق ئىنئام قىپتۇ. بىر ياش لاخۇ مىللىتىنىڭ يېزىقىنى قوتۇرماچنىڭ ئىچىگە سېلىپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇ ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ئۆيگە كەلگۈچە يولدا ئاچلىققا چىدىيالماي، قوتۇرماچنى يەۋېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن لاخۇلارنىڭ يېزىقى يوق بولۇپ قاپتۇ. بۇ قەدىمىي رىۋايەت ئىنسانلارنىڭ تۈگۈچ تۈگۈپ ئىش - ۋەقەلەرنى خاتىرىلەيدىغان دەۋرىگە ئائىت قىزىقارلىق پاراڭدىن ئىبارەت. لاخۇ مىللىتىنىڭ ئۆز تىلى بار، ئۇلار ئۇزاق مەزگىل خەنزۇ، دەيزۇ مىللەتلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ كەلگەچكە خەنزۇ تىلى ۋە دەيزۇ تىلىنىمۇ قوللىنىدۇ،1957 - يىلىغا كەلگەندىلا ئۇلارنىڭ پىنيىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى يېزىقى ئىجاد قىلىندى. لاخۇلار يۈننەن ئۆلكىسى لەنساڭ لاخۇ ئاپتونوم ناھىيىسى، مېڭليەن دەيزۇ، لاخۇ ئاپتونوم ناھىيىسىدە توپلىشىپ، يۈننەننىڭ غەربىي جەنۇب چېگرىلىرىدىكى ناھىيىلەردە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. مىلادىيە20 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇرۇن، ھەرقايسى جايلاردىكى لاخۇلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تەكشىسىز ئىدى. بەزى جايلاردا فېئودال پومېشچىكلار ئىگىلىكى شەكىللەنگەن بولسىمۇ، لېكىن تېرىقچىلىق ناھايىتى يىرىك ئېلىپ بېرىلاتتى، ھوسۇلمۇ تۆۋەن بولۇپ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئۇلارنىڭ مۇھىم ئائىلىۋى قوشۇمچە كەسپى ئىدى. باشقا بەزى رايونلاردا چوڭ ئائىلىۋى كوممۇنا تەشكىل بار ئىدى، دېھقانچىلىق تىلغاپ - ئۆرتەپ تېرىش باسقۇچىدىلا توختاپ قالغانىدى. جىنپىڭ ناھىيىسىدىكى لاخۇلار ئورمانلىق ئىچىدە ئىپتىدائىي كۆچمەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى، ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ياكى بانان دەرىخى يوپۇرمىقى ئۇلارنىڭ كىيىمى ئىدى، ئادەم بويى سېلىنغان كىچىك ئۆيىدە «تىلسىز سودا» شەكلى ئارقىلىق باشقا قوۋملار بىلەن بولىدىغان سودىنى پۈتكۈزەتتى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن لاخۇلارنىڭ ئىجتىمائىي قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، ئىشلەپچىقىرىش زور دەرىجىدە يۈكسەلدى. لاخۇ ئەرلىرى ئوڭ تەرەپتىن ئىزمىلىنىدىغان ياقىسىز چاپان ۋە پۇشقىقى چوڭ ئىشتان كىيىپ، بېشىغا قارا رەخت ئورىۋالىدۇ. ئاياللار ئاراچلىرى ناھايىتى كەڭ ئۇزۇن يەكتەك كىيىدۇ، بىر غۇلاچتىن ئارتۇق رەختنى بېشىغا ئورىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بېشىغا ئورىۋالغان رەختنىڭ بىر ئۇچى بېلىگىچە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ. ئىلگىرى لاخۇ ياشلىرى توي قىلغان كۈنى، يىگىت ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنى ئېلىپ قىزنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۈچ يىل تۇراتتى. بەزى جايلاردىكى ياشلار ئەركىن مۇھەببەتلىشەتتى، تۇغۇلغان بالىلار ئانا تەرەپنىڭ جەمەتىگە تەۋە بولاتتى، ئادەم ئۆلسە، كۆپىنچە كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلاتتى. لاخۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئىپتىدائىي كۆپ ئىلاھلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ، «ئېشيا» (يەر - زېمىننى، بارلىق مەۋجۇداتنى ياراتقان، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى بەلگىلەيدىغان ئىلاھ)قا باش ئۇرىدۇ. ئېشيا قەدىمىي قاراڭغۇ ئورماننىڭ ئىچكىرىسىدىكى چەكلەنگەن رايونغا قويۇلىدىغان بولۇپ، يات قوۋمنىڭ يېقىنلىشىشىغا بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو مىللەتلىرى