دۇڭزۇ مىللىتى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
«قومۇش نەي چېلىپ كونا يىلنى ئۇزىتار، ناغرا راۋىقىدا مول ھوسۇل ئۈستىدە قىزغىن پاراڭلىشار». ناغرا راۋىقى دۇڭزۇ كەنتىدىكى ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە ئىمارەت بولۇپ، شەكلى مۇنارغا ئوخشايدۇ، ئۇ كەنت ئاھالىسى يىغىلىش ئۆتكۈزىدىغان، دەم ئالىدىغان ۋە كۆڭۈل ئاچىدىغان جاي. ھەممە كەنتتە ناغرا راۋىقى بار، بەزىلىرىنىڭ ئېگىزلىكى13 قەۋەت كېلىدۇ، تولىمۇ كۆركەم ياسىلىدۇ. ھېيت - بايرام كۈنلىرى، دۇڭزۇ خەلقى ناغرا راۋىقى ئالدىدىكى مەيدانغا يىغىلىپ، قانغۇچە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىدۇ.
دۇڭزۇ مىللىتى ئاساسلىقى گۇيجۇ، خۇنەن ئىككى ئۆلكىگە ۋە گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىغا جايلاشقان. ئۇلار ئاساسلىقى دېھقانچىلىق بىلەن، قوشۇمچە ئورمانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
دۇڭزۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزى ئېگىرىپ، ئۆزى توقۇپ، ئۆزى بويىغان دۇڭزۇ رەختىدىن يېشىل، سۆسۈن، ئاق، كۆك رەڭلىك كىيىم كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، كەنتلەر تاغ باغرى، دەريا بويلىرىغا جايلاشقان، شەمشاد ياغىچىدىن سېلىنغان ياغاچ بىنا ئۆيدە ئولتۇرىدۇ. ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ئادەم ئولتۇرسا، ئاستىدا چارۋا مال باقىدۇ ياكى پارچە - پۇرات نەرسىلەرنى قويىدۇ. يېمەك - ئىچمەكتە گۈرۈچنى ئاساس قىلىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ئاچچىق - چۈچۈك ئوزۇقلىنىشنى ياقتۇرىدۇ، ساكې، ھۈمەل چاي بىلەن مېھمان كۈتۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.
دۇڭزۇلار ئەجدادلىرىغا چوقۇنىدۇ، بولۇپمۇ «مەبۇدە» نى ئالاھىدە ئىززەتلەيدۇ، نۇرغۇن كەنتلەردە «مەبۇدە ئېتىكاپگاھى»، «مەبۇدە ئىبادەتخانىسى» بار.
دۇڭزۇ مىللىتىنىڭ تىلى بار، لېكىن يېزىقى يوق، خەنزۇ يېزىقىنى ئىشلىتىپ كەلگەن.1958 - يىلى ئېلىپبەلىك يېزىق ئىجاد قىلىندى. دۇڭزۇلارنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى باي ھەم مەزمۇنلۇق، «شېئىر ماكانى، ناخشا دېڭىزى» دېگەن نامى بار. تاش - ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئىمارەت، ناغرا راۋىقى سېلىشقا ئۇستا، فېڭيۈجياۋ كۆۋرۈكى ئۇلارنىڭ بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ جەۋھىرىدۇر.