UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو مىللەتلىرىدۇڭشياڭ مىللىتى

دۇڭشياڭ مىللىتى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى، گەنسۇنىڭ دۇڭشياڭ دېگەن يېرىدىكى خېيداشەن تېغىدا بوغما يىلان ئەتراپتىكىلەرگە بالايىئاپەت كەلتۈرۈپتۇ، بىر باتۇر ئايال بوغما يىلاننى ھاراق بىلەن مەست قىلىپ، ئاق رەخت بىلەن ئۇنىڭ كۆزىنى تېڭىپ، ئالدىن كېلىشىۋالغىنى بويىچە »خالۇ ئاخۇڭيو« دېگەن ناخشىنى توۋلاپتۇ، كىشىلەر بۇ بېشارەتنى كۆرۈپ، بوغما يىلاننىڭ ئۇۋىسىغا ئېتىلىپ كىرىپ، بوغما يىلاننى ئۆلتۈرۈپتۇ. بۇ باتۇر ئايالنى ياد ئېتىش ئۈچۈن، دۇڭشياڭ مىللىتى «خالى» نى «توي نەغمىسى» قىپتۇ. ھەر قېتىم توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، كېلىننى كۆچۈرۈپ كەلگەندە »نادۇچى« ناخشىچىلىرى، خالى ئاھاڭىغا كەلتۈرۈپ ناخشا ئوقۇيدۇ، كىشىلەر ناخشىغا جور بولۇپ چاۋاك چېلىپ، سورۇننى ئەۋجىگە كۆتۈرىدۇ. مىلادىيە14 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا دۇڭشياڭدا ئولتۇرۇشلۇق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان غەربىي يۇرتلۇق ئۇيغۇرلار، موڭغۇللار يەرلىك خەنزۇلار ۋە تىبەتلەر بىلەن پەيدىنپەي قوشۇلۇپ، ھازىرقى دۇڭشياڭ مىللىتى بولۇپ شەكىللەنگەن. تارىختا ئۇلار «دۇڭشياڭ تۇڭگانلىرى»، «دۇڭشياڭ مۇسۇلمانلىرى» دەپ ئاتالغان. دۇڭشياڭ مىللىتى ئاساسلىقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭشياڭ ئاپتونوم ناھىيىسىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئاز بىر قىسمى گەنسۇنىڭ لەنجۇ شەھىرى، دىڭشى ۋىلايىتى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. دۇڭشياڭلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، تۇرمۇش ئادىتى خۇيزۇلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ. دۇڭشياڭ مىللىتى «ئاخابىئو دىنى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل دىنىي تەشكىل شەكلىنى ھازىرغا قەدەر ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ھەربىر ئاخا بىئودىنى تەشكىلىدە10 نەچچىدىن100 نەچچىگىچە تۈتۈن بار. دۇڭشياڭ مىللىتىنىڭ ئۆز تىلى بار، كۆپچىلىكى خەنزۇچە سۆزلىيەلەيدۇ، ئۆز يېزىقى يوق بولۇپ، خەنزۇ يېزىقىنى قوللىنىدۇ. دۇڭشياڭ مىللىتى «خۇائېر» ناخشىسىنى ئېيتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ مول مەزمۇنلۇق ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بار. مەسىلەن، ئات بەيگىسى، چېلىشىش، دۆمبە ئويۇنى قاتارلىقلار. دۇڭشياڭ مىللىتىنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمۇ مول ۋە رەڭدار، رىۋايەت قىلىنىپ كەلگەن ھەر خىل ھېكايە ۋە ئېپىك پوئېمىلىرى بار. دۇڭشياڭ مىللىتى ئەڭ كۆپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون − دۇڭشياڭ ئاپتونوم ناھىيىسى بىر قۇرغاق تاغلىق رايون بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئاساس قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىدا چارۋىچىلىق، بولۇپمۇ قوي باقمىچىلىقى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۇڭشياڭ مىللىتى سۇ ئىنشائاتلىرىنى قۇرۇپ، كۆچەت تىكىپ، ئورمان ئەھيا قىلىپ، سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئازايتتى، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كالا ئازار كېسەللىكى ۋە لېپبر كېسەللىكىنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈگەتتى
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو مىللەتلىرى