UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو مىللەتلىرىتۇجيا مىللىتى

تۇجيا مىللىتى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار «شىلاڭ كاپۇ» (تۇجيالارنىڭ يوتقان - كۆرپىلىكىنى بىلدۈرىدۇ) تۇجيالارنىڭ ئىككى تۈرلۈك ئۆزگىچە سەنئىتىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ توقۇلۇشى سىپتا، رەڭگى چىرايلىق،100 نەچچە خىل نەقىش بار. تۇجيا قىزلىرى11 —12 يېشىدىن باشلاپلا توقۇشنى ئۆگىنىدۇ، چوڭ بولۇپ توي قىلىدىغان چاغدا ئۆز قولى بىلەن توقۇغان يوتقانلىق بولۇشى كېرەك. تۇجيالارنىڭ يەنە بىر سەنئەت گۈلى قول پۇلاڭلىتىش ئۇسسۇلى. ئۇ تۇجيالارنىڭ كەڭ تارقالغان قەدىمكى ئۇسسۇلى بولۇپ، ساددا ھەم گۈزەل، تۇرمۇش پۇرىقى قويۇق، ئويۇننى ئوينىغانلار كۆپ بولغاندا1000 غا يېتىدۇ. تۇجيالار ئاساسەن خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمالى قىسمى، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئېنشى رايونى ۋە سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان، تۇجيالارنىڭ ئۆز تىلى بار، يۇشۈي ۋادىسىدىكى كىشىلەر تۇجيا تىلىنى ئىشلەتكەندىن سىرت، كۆپ ساندىكى كىشىلەر خەنزۇ تىلىنى ئىشلىتىدۇ. يېزىقى يوق، ئومۇميۈزلۈك خەنزۇ يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ. تۇجيا ئاياللىرى ئۈستىگە ئوڭ تەرەپتىن توپچىلىنىدىغان، زىغزىق تۇتۇلغان چوڭ يەڭلىك قىسقا چاپان، قۇراق يوپكا ۋە كاناي ئىشتان كىيىدۇ، چېچىنى تۈگۈن قىلىۋالىدۇ، ھالقا، مونچاق، قول، پۇت زىننىتى قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەرلەر ئۇدۇل پەشلىك، كۆپ تۈگمىلىك قىسقا چاپان كىيىدۇ. ماتا ياكى كەندىر يىپتىن توقۇلغان رەختلەردىن كىيىم كىيىدۇ. تارىخىي كىتابلاردا بۇ رەخت شبۇ، دۇڭبۇ دەپ ئاتالغان. تۇجيالاردا ئۆتكەندە ئوخشاش فامىلىدىكىلەر ئارا قۇدىلىشىدىغان ئادەت بولغان، يەنى نەۋرىنى نەۋرىگە چېتىپ، بۇنى «ئۇرۇقنى ساقلاش» دەپ ئاتىغان. تۇجيالارنىڭ كۆپىنچىسى جىن ۋە ئىلاھقا ئېتىقاد قىلىدۇ. كۆپ جەھەتلەردە پەرھىز تۇتىدۇ، مەسىلەن، «ۋۇ كۈنى» (ئون بۇرچنىڭ بەشىنچىسى) يەر كولاشقا بولمايدۇ، بەختىيار كۈندە يامان گەپلەرنى قىلىشقا بولمايدۇ. تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرى دەۋرلىرىدە، تۇجيالار قولدا ئىشلەنگەن شىبۇ، سىماب، قىزىل لاك يېقىن - يىراققا داڭق چىقىرىپ، تارتۇق قىلىنىدىغان بۇيۇم بولۇپ قالغان. مىنگو دەۋرىدە، مىلىتارىستلارنىڭ يېغىلىقلىرى تۈپەيلىدىن، ئەپيۈن تېرىش يامراپ، خەلق ئۇنىڭ زەھەرلىشىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، تۇجيا رايونىدىكى تۈرلۈك ئىشلار خېلى تېز راۋاجلىنىپ، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلاندى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو مىللەتلىرى