تاجىكلار
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
«تاجىك» نىڭ ئەسلىي مەنىسى «خان تاجىسى» دېگەنلىك بولۇپ، رىۋايەت قىلىنىشىچە، قەدىمكى پارس دۆلىتىنىڭ خانى جۇڭگو پادىشاھى بىلەن قۇدىلىشىپ، گۈزەل خەنزۇ مەلىكىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ خانىش قىلىدۇ. مەلىكە پارس ئېلىگە بېرىش يولىدا، تاشقورغاندىن ئۆتىدۇ، دەل شۇ چاغدا ئۇلار ئۇرۇش مالىمانچىلىقىغا دۇچ كېلىپ، ئېگىز قارلىق تاغدا تۇرۇپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر كۈنى كېلىشكەن بىر يىگىت قۇياشتىن خاسىيەتلىك تاي بىلەن تاغقا چۈشۈپ مەلىكە بىلەن ئۇچرىشىدۇ ۋە مەلىكە بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرۈپ بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرىدۇ. بۇ ئەقىللىق ئوغۇل تاجىكلارنىڭ ئەجدادى بولىدۇ.
تاجىكلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي قىسمىغا تارالغان بولۇپ، كۆپچىلىكى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان؛ قالغانلىرى يەكەن، پوسكام، قاغىلىق ۋە گۇما قاتارلىق ناھىيىلەرگە ماكانلاشقان.
تاجىك ئەرلىرى ياقىسىز ئۇدۇل پەشلىك چاپان كىيىپ، بەلۋاغ باغلايدۇ، قىش كۈنلىرى سىلىق تاشلانغان تېرە جۇۋا، بېشىغا قوزا تېرىسىدىن تىكىلگەن تۇماق كىيىدۇ. ئاياللار ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىدۇ، سىرتلارغا چىققاندا چاسا ياغلىق ئارتىۋالىدۇ. ئەرلەرمۇ، ئاياللارمۇ قىزىل رەڭلىك، ئۇچلۇق مەسە كالاچ كىيىۋالىدۇ. تاجىكلار سېرىقماي ۋە قېتىققا ئامراق، ئۇلار چوشقا گۆشى، ئىت گۆشى ۋە ئۆلۈپ قالغان مالنىڭ گۆشلىرىنى يېمەيدۇ. ئۇلار چاسا، ئۆگزىسى تۈز كەلگەن، ياغاچ - تاش قۇرۇلمىلىق ئۆيدە ئولتۇرىدۇ. چارۋىچىلارنىڭ كۆپچىلىكى كىگىز ئۆيلەردە ۋە پاكار كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ.
تاجىكلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئەمما ئۇلاردا مەسچىت ئىنتايىن ئاز، مۇخلىسلار رامىزان تۇتمايدۇ، ھەجگە بارمايدۇ، پەقەت ھېيتتىلا ناماز ئوقۇيدۇ. دىنىي سەردار «ئىشان» دەپ ئاتىلىدۇ. تاجىكلار قائىدە - يوسۇنغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، سالاملاشقاندا ئەرلەر ئوڭ قولىنى مەيدىسىگە قويۇپ ئېگىلىپ سالام قىلىدۇ، ئاياللارمۇ ئېگىلىپ سالام قىلىدۇ. تاجىكلارنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغاندا باش كىيىمىنى ئېلىۋېتىشكە، تۇز ۋە باشقا يېمەكلىكلەرگە دەسسەشكە بولمايدۇ، ئات بىلەن قوي پادىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتۈشكە ياكى قوينى تېپىشكە بولمايدۇ، بولمىسا چوڭ ھۆرمەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.
تاجىكلارنىڭ ئۆز تىلى بار، يېزىقى يوق بولۇپ، ئۇيغۇر يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدۇ. تاجىكلار ئات مىنىشكە ماھىر، ھېيت - بايرام ياكى توي مۇراسىملىرىدا ئوغلاق تارتىش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئويۇندا ئۆلتۈرۈلگەن ئوغلاق ئوتتۇرىغا تاشلىنىدۇ، نەچچە ئون مۇنەۋۋەر چەۋەنداز ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ئوغلاقنى تالىشىدۇ، ئوغلاقنى ئالالىغان ھەمدە دېگەن يەرگە ئاپىرىپ تاشلىيالىغان ئەترەت ئۇتقان بولىدۇ. ئات توپى ئويۇنىمۇ تاجىكلار ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ.
تارىختا، تاجىكلار چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىپ، قوشۇمچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش خېلى تېز راۋاجلاندى، تاجىكلارنىڭ ساپاسى ئۆستى، چارۋىچىلىق ئىشلىرىمۇ راۋاجلاندى. تاشقورغان «پامىردىكى نۇرلۇق مەرۋايىت» قا ئايلاندى.