چاۋشيەن مىللىتى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
چاۋشيەن مىللىتى ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىرلىقى بىلەن داڭلىق. ھېيت - بايراملاردا چاڭبەيشەن تېغى ئېتىكىنى جيايېچىن سازىنىڭ ئاۋازى قاپلايدۇ. قىزچاقلار ئۇچىسىغا چاققانغىنە قىسقا چاپان، كۆركەم كۆڭلەكلەرنى كىيىپ، تاختاي ئۈستىدە ئۇسسۇل ئوينايدۇ. جۈپ - جۈپ يىگىتلەر بەل تۇتۇشۇپ چېلىشىشقا چۈشۈپ، كۈچ سىنىشىدۇ. ئائىلىۋى ئۇسسۇل سورۇنلىرىدا ئاق چاچلىق بوۋاي - مومايلار نەۋرە - چەۋرىلىرى بىلەن بىرلىكتە رىتىمغا تەڭكەش قىلىپ لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، چاۋشيەن مىللىتىنىڭ مول ۋە رەڭگارەڭ تۇرمۇشىنى نامايان قىلىدۇ.
جۇڭگودىكى چاۋشيەن مىللىتى ئاساسلىقى شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە ۋە ئىچكىرىدىكى بىر قىسىم چوڭ شەھەرلەردە ياشايدۇ. ئۇلار ئەڭ كۆپ توپلاشقان جاي جىلىن ئۆلكىسىنىڭ چاڭبەيشەن تېغى ئېتىكىدىكى چاۋشيەن ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە چاڭبەي - چاۋشيەن ئاپتونوم ناھىيىسى. چاڭبەيشەن تېغىدىكى بىرىنچى ئاساسىي چوققا بەيتۇشەن چوققىسى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، تاغ چوققىسىدىكى تەڭرى كۆلىنىڭ مەنزىرىسى تولىمۇ ئۆزگىچە. چاڭبەيشەن تېغىدىكى ئورمانلىقتا قىزىل قارىغاي، ئاق قارىغاي ۋە ھەر خىل كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمانلار كۆپ بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇ يەردىن ئادەمگىياھ، بۇلغۇن تېرىسى، بۇغا مۈڭگۈزى قاتارلىق «ئۈچ گۆھەر» مۇ چىقىدۇ. چاۋشيەن مىللىتى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلار شىمالدىكى «گۈرۈچ ماكانى» بولۇپ، بۇ يەردىن چىقىدىغان گۈرۈچلەر خۇددى مەرۋايىتتەك ئاپئاق، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى.
چاۋشيەن مىللىتىنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىسى تۆت يانتۇ تەرەپتىن تۈزۈلگەن، ئۆينىڭ ئالدى تەرىپىدىن ئۈچ ياكى تۆت ئىشىك ئېچىلىدۇ، ئۆي ئىچىگە كېسەك ياكى تەكشى يۈزلۈك تاش بىلەن كاڭ (سۇپا) ياسىلىدۇ، ئۆيگە كىرگەندە ئاياغنى سېلىپ، سۇپىغا چىقىپ ئولتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى تاماقلىرىدىن چىلىغان سەي، سوغۇق ئاش، تورت - پېچىنە، جياڭيۇ ئارىلاشتۇرۇلغان شورپا ۋە ئىت گۆشى قاتارلىقلار بار. چاۋشيەن مىللىتى قىز - ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمى قىسقا يەڭلىك ئۇزۇن كۆڭلەك، قىسقا كىيىمى يانتۇ پەش بولىدۇ، ئۇزۇن رەخت بىلەن توقۇناق ھاسىل قىلىنىدۇ. كۆڭلەكنىڭ بەل قىسمىغا قات - قات چىقىرىلغان بولۇپ، كاناي يوپكا ۋە قاتلاق يوپكا دەپ ئايرىلىدۇ. ئەرلەرمۇ قىسقا كىيىم كىيىپ، سىرتىغا جىلىتكە كىيىدۇ. شىمنىڭ پۇشقىقى كەڭ بولىدۇ، سىرتقا چىققاندا يانتۇ پەشلىك ئۇزۇن يەكتەك كىيىدۇ.
چاۋشيەن مىللىتى مىلادىيە15 - ئەسىردە ئۆز يېزىقىنى ئىجاد قىلغان بولۇپ، يېزىقى خەنزۇچە خەتلەر بىلەن ئارىلاش ئىشلىتىلەتتى، كېيىنچە، خەنزۇچە خەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ،40 فونېمىدىن تۈزۈلگەن ھەرپلەرنى قوشۇپ يېزىش ئارقىلىق بوغۇم ھاسىل قىلىنىدىغان چاسا شەكىللىك يېزىقنى ئىجاد قىلغان. چاۋشيەن مىللىتى ئىچىدە، كۆپلىگەن كىشى كۇڭزىچىلىق ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە خېلى چوڭقۇر ئۇچرىغان بولۇپ، كۇڭزى ۋە مېڭزىغا چوقۇنىدۇ.