UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو مىللەتلىرىمياۋزۇ مىللىتى

مياۋزۇ مىللىتى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار مياۋزۇلار ناخشىدىمۇ، ئۇسسۇلدىمۇ يېتىشكەن، قومۇش نەي ئۇلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان چالغۇ ئەسۋابى. قومۇش نەي ئالتە تال بامبۇك نەيچىدىن ياسىلىدۇ، چوڭلىرى1 —2 گەز، كىچىكلىرى8 —9 سۇڭ كېلىدۇ. مياۋزۇلارنىڭ قومۇش نەي ئۇسسۇلى مەملىكەت ئىچى - سىرتىغا داڭلىق. چىن، خەن دەۋرلىرىدە، مياۋزۇلارنىڭ ئەجدادلىرى »بەش ئېقىن« (ھازىرقى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمى ۋە گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي قىسىم رايونى)دا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كېيىن توختىماي كۆچۈپ، جەنۇبتىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە تارقالغان. ھازىر، مياۋزۇلار ئاساسەن گۇيجۇ، خۇنەن، يۈننەن، سىچۇەن، گۇاڭشى، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، خەينەن قاتارلىق ئۆلكە، رايونلارغا تارقالغان. گۇيجۇنىڭ شەرقىي جەنۇبى ۋە خۇنەن، خۇبېي، سىچۇەن، گۇيجۇ چېگرىلىنىدىغان رايونلار (خۇنەننىڭ غەربىي قىسمى ئاساس قىلىنىدۇ)دا ئاساسلىق توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، گۇاڭشىنىڭ دامياۋشەن تېغى، يۈننەن، گۇيجۇ، گۇيلىن ۋە سىچۇەن، گۇيجۇ، يۈننەن چېگرىلاشقان رايونلاردا تار دائىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، مياۋزۇلار تاغ باغرى، سۇ ياقىلىرىنى ماكان قىلغاچقا، ئولتۇراقلاشقان رايونلار كۆپرەك دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ۋە ئىقتىسادىي ئورمانلارنى ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ ھەم مول كان بايلىقى بار. مياۋزۇ ئەرلىرى ئادەتتە ئۇدۇل پەش ياكى ئوڭ تەرەپتىن ئىزمىلىنىدىغان كالتە چاپان، ئۇزۇن ئىشتان كىيىپ، بېلىگە چوڭ پوتا، بېشىغا يېشىل ياغلىق چىگىۋالىدۇ. ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى چوڭ ياقىلىق كالتە چاپان ۋە گارمون يوپكا كىيىدۇ. تاغلىق رايونلاردىكى مياۋزۇلار كۆپرەك «كۆتۈرمە ئۆي» لەردە ئولتۇرىدۇ، ئۇ تاغ باغرىنىڭ تەبىئىي يەر تۈزۈلۈشى بويىچە، ئاستى ۋە يۇقىرىغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۇزۇنراق ۋە قىسقىراق ياغاچ قوزۇقنى تېرەك قىلىپ ئۈستىگە تاختاي يېپىپ ياسالغان ئىمارەت. ئۈستۈنكى قەۋەتتە ئادەم ئولتۇرىدۇ، ئاستىغا پارچە - پۇرات نەرسىلەرنى قويىدۇ ياكى ئۆي ھايۋانلىرىنى باقىدۇ. مياۋزۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەممە مەۋجۇداتلارنىڭ روھى بولىدۇ دېگەنگە ياكى كۆپ ئىلاھقا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئەجدادلىرىغا نەزىر - چىراغ بېرىدۇ، تەبىئەتكە چوقۇنىدۇ. مياۋزۇ ياش ئوغۇل - قىزلىرى نىكاھتا بىرقەدەر ئەركىن. ئوغۇللار ۋە قىزلار «كېزىپ يۈرۈش»، «قىز ئولتۇرۇشى»، «قىز كۆرۈش»، «كەشتە تىكىش» قاتارلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئەركىن ناخشا ئېيتىشىش ئارقىلىق، بىر - بىرىگە مەيلى بولسا، بىر - بىرىگە قىلغان سوۋغىسىنى مۇھەببەتنىڭ گۇۋاھچىسى قىلىدۇ، ئاندىن كېيىن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىدۇ. مياۋزۇلار ئۇزاق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە، كۆپلىگەن يېقىملىق شېئىر - ناخشىلار ۋە رىۋايەت، ھېكايىلەر بۈگۈنگە قەدەر تارقىلىپ كەلگەن. «ئۇچار ناخشا» (يەنى يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتىش)نىڭ داڭقى بار، ئۇنى دائىم ئىككى ياكى تۆت ئادەم تەڭ ئېيتىدۇ، قىزغىن، ياڭراق بولۇپ، كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. مياۋزۇلارنىڭ چالغۇلىرى ئىچىدە قومۇش نەي، ياغاچ دۇمباق، تېرە دۇمباق، مىس دۇمباق ئەڭ داڭلىق. كەشتە تىكىش، گۈل بېسىش، رەخت توقۇش، قەغەز قىيما، زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساش قاتارلىق ھۈنەر - سەنئىتى كۆركەم ھەم رەڭگارەڭ تۈس ئالغان. موم بىلەن گۈل بېسىش ھۈنەر - سەنئىتى1000 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىغا داڭلىق. مياۋزۇلارنىڭ ئۆز تىلى بار، ئىلگىرى بىرلىككە كەلگەن يېزىقى يوق ئىدى.1956 - يىلى ئېلىپبەلىك يېزىق ئىجاد قىلىندى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو مىللەتلىرى