UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو مىللەتلىرىئېلۇنچۈن مىللىتى

ئېلۇنچۈن مىللىتى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار ھەيۋەتلىك ھىنگان تاغلىرى كۆز يەتكۈسىز ئورمانلار بىلەن قاپلانغان، ئورمانلىقتا باتۇر ئېلۇنچۈن مىللىتى ياشايدۇ، ئۇلار ئاتلىرىغا مىنىپ، ئۆشنىسىگە مىلتىقىنى ئارتىپ، ئورمان، دالىلاردا ياۋا قاپلان ۋە بۇغا ئوۋلايدۇ. مانا بۇ خەلق ناخشىسىدا ئىشچان، باتۇر ئېلۇنچۈن مىللىتىنىڭ ئوۋچىلىق ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئېلۇنچۈن مىللىتى ئاساسلىقى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ۋە خېيلۇڭجياڭدىكى چوڭ - كىچىك ھىنگان تېغى ئەتراپىدا ياشايدۇ. بۇ جايدا تاغلار بىر - بىرىگە تۇتاشقان، ئورمانلار كۆز يەتكۈسىز بولۇپ، يىرتقۇچ ياۋايى ھايۋانلار ناھايىتى كۆپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ئىنتايىن جاپالىق. ئېلۇنچۈن مىللىتى ھىنگان تېغى ۋە تەبىئىي يايلاقلارنى يۇرت - ماكانىمىز دەپ بىلىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى «تاغ چوققىسىدىكى ئادەملەر» دەپ ئاتايدۇ. ئېلۇنچۈنلەر ئوۋچىلىق بىلەن ھايات كەچۈرىدىغان بولۇپ،20 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بۇ يەردە قويۇق ئىپتىدائىي كوممۇنانىڭ ئىزنالىرىنى كۆرگىلى بولاتتى. ئۇلار كوللېكتىپ ئەمگەك قىلىپ، تەڭ تەقسىم قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قوياتتى. ئۇلار ئوۋغا يەككە - يېگانە ياكى كوللېكتىپ چىقىدۇ، ئومۇمەن پەسىل خاراكتېرلىك «دائىرىگە ئېلىپ» ئوۋ ئوۋلاشتا،4 —5 ئوۋچى »ئاناگې« دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك گۇرۇپپا بولۇپ ئۇيۇشىدۇ ۋە تەجرىبىلىك بىر ئوۋچىنى ئۆزىگە باشلىق قىلىپ سايلايدۇ. ئۇلار ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىلەن پىششىق تونۇش بولۇپ، قورشاش، قوغلاپ تۇتۇش ۋە بۇغىنى دوراش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بۇغا ئوۋلايدۇ. «پىلەن» (قاپلاننىڭ ئاۋازىنى دوراش) ئارقىلىق قاپلاننى قايمۇقتۇرۇپ قاپلان ئوۋلايدۇ، بەزىدە يەنە ئېيىق ۋە يولۋاسمۇ ئوۋلايدۇ. ئات ئۇلارنىڭ قاتناش قورالى، ئوۋ ئىتى ئۇلارنىڭ ئوۋنى قورشاشتىكى قابىل ياردەمچىسى. كوللېكتىپنىڭ ئوۋ غەنيمەتلىرى »ئاناگې« ئەزالىرى ئىچىدە تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ. قېرى، ئاجىز، مېيىپلارمۇ ئوۋچىلار بىلەن ئوخشاش بىر كىشىلىك نېسىۋىگە ئېرىشىدۇ. ئوۋنىڭ چوققىسى، ئىچكى ئەزالىرى ۋە سۆڭەكلىرى شورپا قىلىنىپ ئورتاق ئىستېمال قىلىنىدۇ. قىزلار كىچىكىدىنلا تېرە ئاشلاشنى، گۆش قۇرۇتۇشنى، ياۋا كۆكتاتلارنى ۋە مېۋىلەرنى يىغىشنى ھەمدە يىڭنە ئىشلىرىنى ئۆگىنىدۇ. ئۇلار تىككەن قاپلان تېرىسىدىن تىكىلگەن قولقاپ، پەلتو، تېرە شىم، تېرە چېدىر ۋە تېرە يانچۇق قاتارلىقلار يېنىك ھەم پىششىق بولۇپ، ئۈستىگە كەشتىلەنگەن ھەر خىل نۇسخىلارمۇ ئىنتايىن كۆركەم. ئېلۇنچۈن مىللىتى تۇرىدىغان ئاددىي چېدىر «ئەۋلىيا تۈۋرۈكى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئون نەچچە تال5 —6 مېتىرلىق بونجا يۇمىلاق كونۇسسىمان رامكا شەكىلدە ياسىلىدۇ، قىش كۈنلىرى ئۇنىڭغا قاپلان تېرىسى ۋە قومۇش مىلەڭزە بېكىتىلىدۇ، ياز كۈنلىرى قېيىن دەرىخىنىڭ قوۋزىقى بىلەن چۈمكىلىدۇ. ئەۋلىيا تۈۋرۈكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا گۈلخان يېقىلىدۇ، گۈلخان ئوتتۇرىسىغا تۆمۈر قازان ئېسىلىپ شورپا قاينىتىلىدۇ. تورۇسقا ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋە ئىس - تۈتەكلەرنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن كامار قويۇلىدۇ. ئېلۇنچۈن مىللىتىنىڭ تىلى بار، يېزىقى يوق، شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوۋ ئوۋلاش ۋە تۇرالغۇ جەھەتتە نۇرغۇن پەرھىزلىرى بار. دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئېلۇنچۈن مىللىتى مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ دېھقانچىلىق ۋە بۇغا بېقىش بىلەن تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. ئۇلار خەنزۇ تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ماددىي، مەنىۋى مەدەنىيلىك سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسمەكتە.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو مىللەتلىرى
ئېلۇنچۈن مىللىتى | UyghurWiki | UyghurWiki