UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو مىللەتلىرىقازاق مىللىتى

قازاق مىللىتى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار گۈل - چېچەككە پۈركەنگەن يايلاقتا، جۈپ - جۈپ قىز - يىگىتلەر ئات چاپتۇرۇپ يۈرمەكتە. مەنزىلگە يېتىش يولىدا يىگىت قىزغا خالىغانچە چاقچاق قىلسا بولىدۇ، قىز بۇنىڭغا خاپا بولمايدۇ، ئەمما قايتىش يولىدا قىز قامچىسى بىلەن يىگىتنى راسا ساۋاپ، پوخۇرلۇق قىلغانلىقىنىڭ ئۆچىنى ئالىدۇ. بۇ قازاق ياشلىرى ئەزەلدىن ياخشى كۆرىدىغان ئات ئۈستىدىكى ئويۇن بولۇپ، «قىز قۇۋار» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل قىزىقارلىق ئويۇن ياش قىز - يىگىتلەرنىڭ ئۇچرىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ ھەم مۇھەببەت ئىزاھار قىلىشنىڭ ئۆزگىچە ئۇسۇلىغا ئايلانغان. ھېيت - ئايەم ۋە خۇشاللىق كۈنلەردە قازاقلار «قىز قۇۋار» ئوينايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە چېلىشىش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش ۋە بەيگە قاتارلىق ئويۇنلارنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. مىلادىيە15 - ئەسىردە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېك خانلىقىدا ئىچكى نىزا كۆرۈلۈپ، بىر قىسىم كىشىلەر شەرققە قاچقان، ئۇلار «قاچقۇچى، ئايرىلغۇچى» دېگەن مەنىدە «قازاق» دەپ ئاتالغان. قازاقلار ئاساسلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، مورى ۋە بارىكۆل ئاپتونوم ناھىيىلىرىگە، يەنە بىر قىسمى گەنسۇ ۋە چىڭخەي ئۆلكىلىرىگە ماكانلاشقان. قازاقلار ئۇزاق يىللىق كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى داۋامىدا ئۆزگىچە تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئۆرپ - ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇلارنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى كۆپىنچە تېرە - يۇڭدىن تىكىلىدىغان بولۇپ، يېڭى ئۇزۇن، كەڭرى، ئات مىنىشكە ئەپلىك بولىدۇ. يىگىتلەر قىشتا جۇۋا كىيىپ، بەلۋاغ باغلاپ، پىچاق ئېسىۋالىدۇ. قىزلار ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىدۇ، قىشتا ئۇزۇن پەشلىك پاختىلىق چاپان كىيىدۇ. قىزلار دوپپىسىغا مۈشۈكياپىلاقنىڭ پەيلىرىنى قىستۇرۇۋالىدىغان بولۇپ، بەكمۇ گۈزەل كۆرۈنىدۇ. ئاياللارنىڭ باشياغلىقىغا تۈرلۈك نۇسخىلار چۈشۈرۈلۈپ، ئوشۇقىغىچە ساڭگىلىتىپ قويۇلىدۇ. ئەر - ئايال چارۋىچىلار ئۇزۇن قونچىلىق ئۆتۈك، قىش كۈنلىرى پىيما كىيىدۇ. قازاقلار گۆش ۋە سۈتتىن ئىتىلگەن يېمەكلىكلەرنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ. ئات گۆشىدىن قېزا، سۈتتىن قۇرۇت، قايماق، ئېرىمچىك، سېرىقماي قاتارلىقلارنى ياسايدۇ. ئاتنىڭ سۈتىدىن داڭلىق ئىچىملىك «قىمىز» ياسايدۇ، پولۇ ئېتىدۇ، نان ياقىدۇ. قازاقلار پەسىل بويىچە يايلاقلارغا كۆچىدۇ، ئەتىياز، ياز ۋە كۈزدە يۇمىلاق كىگىز ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، ئۇنى «چېدىر» دەپ ئاتايدۇ، قىشتا ئۆگزىسى تەكشى يېپىلغان كېسەك ئۆيدە ئولتۇرىدۇ. قازاقلار قىزغىن، مېھماندوست بولۇپ، ئۆيىگە كەلگەن كىشىنى تونۇش - تونۇماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى ئەزىز مېھمان قاتارىدا كۈتۈۋالىدۇ. غىزالانغاندا، ساھىبخان قوينىڭ كاللىسىنى مېھماننىڭ ئالدىغا قويىدۇ. مېھمان كاللىنىڭ تاڭلىيىدىكى گۆشنى كېسىۋېلىپ تەخسىگە سالىدۇ، ئاندىن كاللىنىڭ بىر قۇلىقىنى كېسىۋېلىپ، ئولتۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك بىرەيلەنگە بېرىدۇ، بۇ سوۋغىنى قوبۇل قىلغانلىقنىڭ رەسمىيىتى بولىدۇ. قازاقلار قازاق تىلىدا سۆزلىشىدۇ، ئۆز يېزىقى بار. قازاقلاردا نۇرغۇن قەدىمىي شېئىر - قوشاقلار، ھېكايە، مەسەل ۋە ئەقلىيە سۆزلىرى تارقىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار مۇزىكىغا بەكمۇ ئامراق، مىللىي چالغۇسى »دۇمبىرا« دەپ ئاتىلىدۇ. قازاقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىدە دىننىڭ تەسىرى بىرقەدەر ئېغىر، توي - تۆكۈن ۋە ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى دىنىي قائىدە بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. قازاقلار ئۇزاقتىن بۇيان چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، تەبىئەتكە تايىنىپ مال - چارۋا باقىدۇ، ئوت - سۇ قوغلىشىپ كۆچىدۇ، دائىم تەبىئىي ئاپەتنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ. بەزى قازاقلار دېھقانچىلىق قىلىشقا ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھوسۇلى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. قازاقلارنىڭ ئائىلىۋى قول سانائىتى ئۇلارنىڭ قوشۇمچە كەسپى ھېسابلىنىدۇ، بۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى كەم - كۈتىلىرىنى تولۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇلار سودا تىجارىتىدە مالغا مال ئالماشتۇرۇشنى ئاساس قىلىدۇ، بەزىدە ئوۋچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ، ئوۋ غەنىيمەتلىرىنى ئوۋغا چىققانلار تەڭ بۆلۈشىدۇ.20 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، فېئوداللىق پاترىئارخاللىق تۈزۈم قازاقلار رايونىدا ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەنىدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن كونا تۈزۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قازاقلار ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو مىللەتلىرى