UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو مىللەتلىرىماۋنەن مىللىتى

ماۋنەن مىللىتى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار چېچەن ھەم قولى ئەپچىل ماۋنەنلەر بامبۇك ئۆرىمىچىلىكىگە ۋە ئويمىچىلىققا ماھىر. ئۇلار ئۆرىگەن گۈللۈك بامبۇك شىلەپە، ئەل ئارىسىدا «ماۋنەن شىلەپىسى» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ شىلەپىنىڭ يىراق - يېقىندا بازىرى ئىتتىك. ماۋنەن ئاياللىرى كۆپ ھاللاردا ئۇنى كىيىپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. ئۇلار ئويغان ياغاچ نىقاب خۇددى راستتەكلا كۆرۈنىدۇ، ئۇلار ئويغان تاش تۈۋرۈك، تاش ئابىدە ۋە خۇددى راستتەكلا كۆرۈنىدىغان ئەجدىھا، سۇمۇرغ، بوبرا كېيىك، ئاق تۇرنا، قارىغاي ماۋنەن خەلقىنىڭ سەنئەت تالانتىنى نامايان قىلىدۇ. ماۋنەنلەر ئۆزلىرىنى «ئانەن» دەپ ئاتايدۇ، بۇ «بۇ يەرلىكلەر» دېگەننى بىلدۈرىدۇ، ئاساسلىقى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى خۇەنجياڭ دەرياسىنىڭ سەننەن (يۇقىرى جەنۇب، ئوتتۇرا جەنۇب، تۆۋەن جەنۇب) دىكى تاغلىق رايونلارغا تارقالغان. ئۇلار ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ھەر خىل قوشۇمچە كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلار باققان گۆش كالىسى شياڭگاڭ قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ. ماۋنەنلەرنىڭ كىيىم - كېچىكى جۇاڭزۇلارنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەر - ئاياللار كۆك ۋە يېشىل رەڭلىك چوڭ پەشلىك ۋە ئۇدۇل پەشلىك چاپان كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاياللار چېتىگە ئىككى يول گۈل چېكىلگەن سول تەرەپتىن توپچىلىنىدىغان چاپان ۋە زىغزىق تۇتۇلغان ئىشتان كىيىدۇ، بىلەزۈك قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقايدۇ. يېمەكلىكتە گۈرۈچ، كۆممىقوناقنى ئاساس قىلىدۇ. چۈچۈمەل گۆش، چۈچۈمەل قۇلۇلە، ئاچا سەي، تۇزلۇق سەي يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار ئەدەپلىك ھەم مېھماندوست، كۆرۈشكەندە بىر - بىرىنى ئاغا - ئىنى دەپ ئاتىشىدۇ، مېھماننىڭ چوڭ - كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى ئاقساقاللار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ئۆيىدىكى ئەڭ ياخشى تاماق بىلەن كۈتىدۇ. ماۋنەن كەنتلىرى تاغ باغرىدا قۇرۇلىدۇ. ئوخشاش فامىلىلىك بىر جەمەت بىللە توپلىشىپ ئولتۇرىدۇ، ئادەتتە بىر كەنتتە ئون نەچچە ئائىلە بولىدۇ. ئادەتتە تۇرالغۇ ئۆيلىرىنىڭ ئۈستى كاھىش، تاملىرى لاي بولۇپ، ئىككى قەۋەتلىك بولىدۇ، ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ئادەم ئولتۇرىدۇ، ئاستىدا مال چارۋا باقىدۇ ۋە پارچە - پۇرات نەرسىلەرنى قويىدۇ. ماۋنەن مىللىتىنىڭ ئۆز تىلى بار، خەنزۇ يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ. ناخشا ئېيتىش ماۋنەن خەلقى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى. ئوغۇل - قىزلارنىڭ سىرتتا ئېيتىشىدىغان مۇھەببەت ناخشىسى «لوخەي» ناخشىسى دېيىلىدۇ، توي - تۆكۈن، بايرام كۈنلىرى ئېيتىدىغان ناخشا «خۇەن» دېيىلىدۇ، تارىخىي ھېكايىلەر ۋە ئەجدادلارنىڭ رىۋايەتلىرى تەسۋىرلەنگەن ناخشا «پەيجيەن» دېيىلىدۇ. ماۋنەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى داۋجياۋ دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، كۆپ ئىلاھقا چوقۇنىدۇ. خۇراپي، پەرھىز تۇتىدىغان تەرەپلىرى بىرقەدەر كۆپ. «فىنلۇڭ بايرىمى» يەنى «ماي ئىبادەتخانا بايرىمى» ماۋنەن مىللىتىنىڭ ئالاھىدە بايرىمى بولۇپ، ئاساسلىقى ئىلاھلارغا ۋە ئەجدادلارغا نەزىر - چىراغ قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو مىللەتلىرى
ماۋنەن مىللىتى | UyghurWiki | UyghurWiki