UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو مىللەتلىرىدۇلۇڭ مىللىتى

دۇلۇڭ مىللىتى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار دۇلۇڭ مىللىتىنىڭ كونا نامى «چيۇ» بولۇپ، ئاساسلىقى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ گۇڭشەن دۇلۇڭ - نۇزۇ ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ دۇلۇڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى دەريا جىلغىسىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.1949 - يىلىدىن ئىلگىرى ئۇلاردا دېھقانچىلىق ئۆرتەپ - تىلغاپ تېرىش باسقۇچىدا ئىدى، يىغىمچىلىق ۋە بېلىق تۇتۇش ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىدۇر، سودا - سېتىقتا، مالغا مال ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىناتتى. ئادەتتە ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەر بىر يەرگە يىغىلىپ قالسا ياكى بىر - بىرىنى يوقلىغاندا، ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، باشقىلارنىڭ ئالاھىدە يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ قايتىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ ياغاچقا بەلگە ئويۇش ئارقىلىق ھېساب خاتىرىلەيدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۇلۇڭ خەلقى يېڭى تۇرمۇشقا قەدەم قويۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردە تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. دۇلۇڭلار چاچلىرىنى قويۇپ بېرىدۇ، چېچى ئالدى قېشىغا، كەينى يەلكىسىگە ۋە ئىككى تەرەپتە قۇلاقلىرىغىچە چۈشۈپ تۇرىدۇ. ئىلگىرى دۇلۇڭلارنىڭ كىيىملىرى ئاددىي بولۇپ، ئەر - ئاياللار بىر پارچە قاتلاق كاناپ رەخت بىلەنلا بەدىنىنى ئورىۋالاتتى. سول مۈرىسى ۋە مەيدىسىنى ئېچىپ قويۇپ، رەختنىڭ ئىككى ئۇچىنى شۇڭ ياكى بامبۇك شوخا بىلەن چېتىۋالاتتى. ئاشۇ بىر پارچە رەختنى كۈندۈزى كىيىم، كېچىسى يېپىنچا قىلاتتى. بەزى ئەرلەر ھەتتا پەقەت بېلىنىڭ تۆۋىنىنى دەرەخ يوپۇرمىقى بىلەنلا ئورىۋالاتتى. كىچىك قىزلاردا بەدىنىنىڭ ئالدى تەرىپىگە گۈل چېكىۋالىدىغان ئادەت بار بولۇپ، گۈل نۇسخىلىرى جەمەتكە قاراپ پەرقلىنىدۇ. دۇلۇڭخې دەرياسىنىڭ شىمالىدىكىلەر ياغاچ ئۆيدە، جەنۇبىدىكىلەر بامبۇك ئۆيدە ئولتۇرىدۇ. دۇلۇڭلارنىڭ كۆپچىلىكى ساكرامېنتالىزمغا ئىشىنىدۇ، تەبىئەتتىكى شەيئىلەر ۋە جىن - شەيتانلارغا چوقۇنىدۇ. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر بايرىمى يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ،12 - ئايدا يېڭى يىل بايرىمى ئۆتكۈزىدۇ. بايرامنىڭ كونكرېت كۈنى بەلگىلەنمىگەن بولۇپ، بايرامدا ياخشى ئۆتىدىغان ئائىلىلەر بىر - بىرىنى تەكلىپ قىلىپ، كالا ئۆلتۈرۈپ، نەزىر - چىراغ قىلىدۇ، «كالا ئۇسسۇلى» ئوينايدۇ. دۇلۇڭ مىللىتىنىڭ تىلى بار، يېزىقى يوق.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو مىللەتلىرى