UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو مىللەتلىرىرۇسلار

رۇسلار

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار مىلادىيە18 - ئەسىردىن كېيىن، چارروسىيىدىكى بىر قىسىم رۇسلار كەينى - كەينىدىن جۇڭگونىڭ شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن. فېئودال مىلىتارىستلار ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە ئۇلار «ئۆزلەشتۈرۈلگەن مىللەت» دەپ ئاتالغان، ئۇلار ئولتۇراقلاشقان كەنتلەرمۇ «ئۆزلەشتۈرۈلگەن كەنت» دەپ ئاتالغان. كېيىنچە ئۇلارنىڭ مىللەت نامى رۇس مىللىتى دەپ ئاتالغان. رۇسلار جۇڭگودا سانى ئەڭ ئاز مىللەت بولۇپ، ئاساسلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا، چۆچەك، ئالتاي ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلىرىدا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان، يەنە بىر قىسمى خېيلۇڭجياڭ ۋە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قاتارلىق جايلاردا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان.1949 - يىلىدىن ئىلگىرى، شەھەر - بازارلاردىكى رۇسلارنىڭ كۆپچىلىكى رېمونتچىلىق، ترانسپورت ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن، يەنە بەزىلىرى قوشۇمچە يېزا ئىگىلىكى بىلەن، ئاز ساندىكىلىرى باغۋەنچىلىك، باقمىچىلىق ۋە ھەسەل ھەرىسى بېقىش بىلەن شۇغۇللىناتتى. يېزىلارغا ماكانلاشقان رۇسلارنىڭ كۆپىنچىسى10 ئائىلە بىر بولۇپ مۇستەقىل كەنتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىلى دەرياسى ۋە تېكەس دەرياسى قىرغاقلىرىدا بوز يەر ئېچىپ، دېھقانچىلىق قىلغان. چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى رۇسلار چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. رۇس قىز - ئاياللىرى قات - قات ياقىلىق كاناپ رەختتىن تىكىلگەن كۆڭلەك كىيىدۇ. سىرتىغا «ساراپان» دەپ ئاتىلىدىغان يەڭسىز كۆڭلەك كىيىدۇ. ئەرلەر يانتۇ ياقىلىق كاناپ كۆڭلەك كىيىدۇ، تار پۇشقاقلىق شىم، سارجا چاپان كىيىپ، كەمەر باغلايدۇ. تۇرمۇش ئادىتى روسىيە رۇسلىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشايدۇ، پراۋسىلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو مىللەتلىرى
رۇسلار | UyghurWiki | UyghurWiki