شۈي فۇ ياپونىيىگە بارغانمۇ
جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلار
جۇڭگو بىلەن ياپونىيىنىڭ2000 يىلدىن ئارتۇق ئالاقە تارىخى بار. ئۇنداقتا كىم ئەڭ بۇرۇن ياپونىيىگە بارغان؟ بىر قىسىم تارىخىي خاتىرىلەر ۋە تەرجىمىھال ئەسەرلىرىدە شۈي فۇ تىلغا ئېلىنغان.100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان شۈي فۇنىڭ ياپونىيىگە بارغان - بارمىغانلىقى جۇڭگو ۋە ياپونىيىلىك نۇرغۇن ئالىملار قىزىقىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.
مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جۇڭگو - ياپونىيە ئالىملىرى ئورتاق تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شۈي فۇنىڭ تارىختا ھەقىقەتەن ئۆتكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، لېكىن ئۇنىڭ ياپونىيىگە بارغان - بارمىغانلىقى توغرىسىدا ئوخشاش بولمىغان كۆزقاراشلار بار. بەزى ئالىملار شۈي فۇ ئوغۇل - قىزلارنى باشلاپ ياپونىيىگە كۆچمەن بولۇپ بارغىنى ھەقىقەتەن راست، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر شۈي فۇ ياپونىيىگە بېرىپ ياپونىيە خانلىقىنى قۇرغان، ئۇ دەل تېننو شېنۋۇ، دەپ قارايدۇ. مۇشۇ خىل قاراش بولغاچقا، شۈي فۇ قەبرىسى، شۈي فۇ ئىبادەتخانىسى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ياپونىيىنىڭ شىنگۇڭ شەھىرىدە، ھازىرغىچە ھەر يىلى چوڭ تەزىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. يەنە بەزىلەر جۇڭگو بىلەن ياپونىيىنىڭ قەدىمكى زاماندىكى دېڭىز يولى ئالاقىسى، دېڭىز كېمىلىرىنىڭ كۆلىمى ۋە قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ئاساسەن شۈي فۇ ياپونىيىگە بارغاندىكى لىنىيىنى مۆلچەرلەپ چىققان.
جۇڭگو ۋە ياپونىيىلىك بەزى ئالىملار شۈي فۇنىڭ ياپونىيىگە بارغانلىقىغا ئۆزلىرىنىڭ گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار چىن بەگلىكى ئالتە بەگلىكنى يوقاتقاندىن كېيىن جۇڭگولۇقلار چىن شىخۇاڭنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆپلەپ ياپونىيىگە كۆچمەن بولۇپ بارغان، لېكىن بۇ شۈي فۇ ۋە ئۇ باشلاپ بارغان ئوغۇل - قىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، شۈي فۇنىڭ ھېكايىسى خەلق رىۋايەتلىرىدىنلا ئىبارەت، تېننو شېنۋۇغا كەلسەك، ئۇ ياپونىيە رىۋايەتلىرىدىكى شەخس، ئۇنىڭ شۈي فۇ بىلەن ئالاقىسى يوق، دەپ قارىغان، شۇنداقلا شىنگۇ شەھىرىدىكى شۈي فۇ قەبرىسى بىلەن شۈي فۇ ئىبادەتخانىسى ۋە باشقا خارابىلەر ساختا، دەپ قاراشتى. ياپونىيىلىك يەنە بىر قىسىم ئالىملار نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ، بۇ نۇقتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلىدى. ئۇلار شۈي فۇنىڭ ياپونىيىگە بارغانلىق توغرىسىدىكى رىۋايەتنى خەن، تاڭ سۇلالىلىرىدىن كېيىن جۇڭگوغا كەلگەن ياپونىيىلىك راھىبلار تارقاتقاچقا، كىشىلەر راست - يالغاننى ئايرىمايلا كىتابلارغا خاتىرىلەپ كىرگۈزگەن، كېيىن كىشىلەر بۇ رىۋايەتنى راست دەپ بىلىپ، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق گۇمانلانمايدىغان بولغان، دەپ قارىدى.