UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلارخەتسىز قەبرە تېشى

خەتسىز قەبرە تېشى

جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلار قەدىمدىن تارتىپ كىشىلەرنىڭ ئابىدە تىكلىشى تارىخ قالدۇرۇش ئۈچۈندۇر. لېكىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئايال پادىشاھ ۋۇ زېتيەن ئۆزى ئۈچۈن بىر «خەتسىز قەبرە تېشى» تىكلەپ، كېيىنكىلەرنى ھەر خىل گۇمانغا قويغان. شەنشى ئۆلكىسى چيەنشيەن ناھىيىسىدىكى چيەنلىڭغا تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۈچىنچى خانى گاۋزۇڭ − لى جى بىلەن ۋۇ زېتيەن تەڭ دەپنە قىلىنغان، قەبرىگە ۋۇ زېتيەننىڭ قەبرە تېشى بىلەن تاڭ گاۋزۇڭنىڭ قەبرە تېشى يانمۇيان تىكلەنگەن. غەرب تەرەپتىكى قەبرە تېشىدا تاڭ گاۋزۇڭنىڭ مەمۇرىي، ھەربىي جەھەتتىكى تۆھپىلىرى مەدھىيىلەنگەن، شەرق تەرەپتىكىسى دەل ۋۇ زېتيەننىڭ «خەتسىز قەبرە تېشى» دۇر. ۋۇ زېتيەن نېمە ئۈچۈن ئۆزى ئۈچۈن خەتسىز قەبرە تېشى تىكلەيدۇ؟ بۇ كىشىلەرنىڭ ۋۇ زېتيەننىڭ ھاياتىغا بەرگەن باھاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ۋۇزېتيەننىڭ ھاكىمىيەتكە قاتناشقان ۋە ئالىي ھوقۇقنى ئىگىلىگەن ۋاقتى50 يىلغا يېتىدۇ، ئۇ جۇڭگو تارىخىدىكى بىردىنبىر ئايال پادىشاھ بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن باھاسىدا ئىختىلاپ ئىنتايىن زور. بەزىلەر ئۇنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە جاسارىتىنى ماختىسا، يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ قەبىھلىكى ۋە كەيپ - ساپالىقىنى ئەيىبلەيدۇ. كېيىنكىلەر ئۇ خەتسىز قەبرە تېشى قالدۇرۇشتا باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ تۆھپىسى ۋە سەۋەنلىكىگە بەرگەن باھاسىنى ئاساس قىلغان، دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بەزىلەر ۋۇ زېتيەننىڭ خەتسىز قەبرە تېشى تىكلىشىدىكى مەقسىتى ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى كۆز - كۆز قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئۇنىڭ تۆھپىلىرىنى خەت بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، دەپ قارىسا، بەزىلەر، ۋۇ زېتيەننىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۆزىگە ئايان بولغاچقا، قەبرە تېشىغا خەت يازماسلىقنى مۇۋاپىق كۆرگەن، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر، ۋۇ زېتيەننىڭ خەتسىز قەبرە تېشى تىكلىشى ئۇنىڭ دانالىقىدىندۇر، ئۇ تۆھپە - سەۋەنلىكلەرگە كېيىنكىلەرنىڭ باھا بېرىشىگە قالدۇرغان، دەپ قارىشىدۇ. چۈنكى، ۋۇ زېتيەننىڭ تارىخىي تۆھپىسى ۋە قابىلىيىتى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەدھىيىسىگە ئېرىشكەن، بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئېغىر تەن جازاسى بېرىش، بىگۇناھلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە ئىسراپخورلۇقتەك سەلبىي تەرەپلىرىمۇ ئىنتايىن گەۋدىلىك. شۇڭا ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتىغا ھەر خىل باھالارنى بېرىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، قەبرە تېشى تېكىستىنى يازماقمۇ تەس بولۇپ، «خەتسىز قەبرە تېشى» قالدۇرغان
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلار
خەتسىز قەبرە تېشى | UyghurWiki | UyghurWiki