«مەنجياڭخۇڭ «نى يۆ فېي يازغانمۇ
جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلار
ئۇزاقتىن بۇيان كىشىلەر «مەنجياڭخۇڭ» نى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مىللىي قەھرىمان يۆ فېي يازغان دەپ قاراپ كەلدى. يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئالىملىرى بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەگەر ئۇنى يۆ فېي يازغان بولسا، نېمە ئۈچۈن يۆ فېي ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن سۇڭ، يۈەن سۇلالىلىرىدىكى كىتابتا بۇ شېئىر خاتىرىلەنمەي، تاكى400 يىلدىن كېيىنكى مىڭ سۇلالىسى كىشىلىرى تۈزگەن «يۆ ۋۇمۇ ئەسەرلىرى» دە ئاندىن كۆرۈنىدۇ؟ شۇنداقلا يۆ فېينىڭ ئەۋلادلىرى تۈزگەن «يۆۋاڭ ئائىلە توپلىمى» غىمۇ بۇ شېئىر كىرگۈزۈلمىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن «مەنجياڭخۇڭ» نى مىڭ سۇلالىسىدىكى كىشىلەر يۆ فېينىڭ نامىدا يازغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىدى.
بۇ ئالىملار شېئىردىكى «خېلەنشەننى تۈزلەپ» دېگەن مىسرانى تەتقىق قىلىپ، خېلەنشەن ھازىرقى گەنسۇ خېتاۋنىڭ شىمالىدا، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىدە بۇ يەر تاڭغۇتلارنىڭ تېررىتورىيىسىدە بولۇپ، جىن دۆلىتىگە تەۋە ئەمەس ئىدى؛ يۆ فېي ئۇدۇل باستۇرۇپ كىرمەكچى بولغان خۇاڭلۇڭ مەھكىمىسى ھازىرقى جىلىن ئۆلكىسىدە، دەپ قارايدۇ. ئەگەر بۇ شېئىرنى يۆ فېي يازغان بولسا، يەر - جاينى قانداقلارچە خاتا قىلىپ قويىدۇ؟ بەزىلەر شېئىر مەزمۇنى ۋە ئۇسلۇبىنى تەتقىق قىلىپ، «مەنجياڭخۇڭ» كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مەردانە، قەھرىمانلىق شېئىرى بولۇپ، بۇ يۆ فېينىڭ شېئىر يېزىش ئۇسلۇبى بىلەن ئوخشاشمايدۇ، دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ بىلەن «مەنجياڭخۇڭ» نى يۆ فېينىڭ يازغانلىقىدىن گۇمانلىنىدۇ.
بىر قىسىم ئالىملار يۇقىرىقى ھۆكۈملەرگە قارىتا ئۆزلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: يۆ فېي ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆيدىكى ئەسەرلىرى پېچەتلىنىپ مۇسادىرە قىلىنىدۇ، كېيىن گەرچە بىر قىسمى قايتۇرۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن چىن خۇي ۋە ئۇنىڭ قولچوماقلىرى ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرلەردە بۇ ئەسەرلەر جەمئىيەتكە تارالمىغان. شۇڭا «مەنجياڭخۇڭ» دېگەن شېئىرنىڭ سۇڭ، يۈەن سۇلالىلىرىدە كىتابقا كىرگۈزۈلمەي، تاكى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جەمئىيەتكە تارىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. «خېلەنشەن» دېگەن سۆزگە كەلسەك، باشقا يەر ناملىرىغا ئوخشاش بۇ بىر ئوخشىتىش بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاڭغۇتلار بىلەن شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى ئارىسىدا جەڭ ئۈزۈلمىگەن. يۆ فېينىڭ بۇ ۋاقىتتىكى تارىخنى بىلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس. «مەنجياڭخۇڭ» دا يۆ فېي خېلەنشەننى دۈشمەنگە ئوخشاتسا تامامەن بولىدۇ. «مەنجياڭخۇڭ» نىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبىنى ئۇنىڭ باشقا شېئىرلىرىنىڭ ئۇسلۇبىغا ئوخشىمايدۇ دەپلا ئۇنى يازمىغان دېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، تارىختا ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئۇسلۇبتا ئەسەر يازىدىغان يازغۇچىلار ئاز ئەمەس.
يەنە بەزىلەر سۆزلەرنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق «مەنجياڭخۇڭ» يېزىلغان كونكرېت ۋاقىتنى ئىسپاتلاپ چىققان. يۆفېي30 يېشىدا ھەربىي ھوقۇقنى قولغا ئېلىپ، توختىماي جەڭ قىلغان، يۈرۈش مۇساپىسى8000 چاقىرىمدىن ئېشىپ كەتكەن، شۇڭا بۇ شېئىردا «ئوتتۇز ياشتا ئېرىشىپ نام - ئەمەلگە، سەككىز مىڭ چاقىرىم كەزدىم كېچەيۇ - كۈندۈز» دېگەن مىسرالار بار. يۆ فېي بۇ ۋاقىتتا جياڭجۇنى قوغداۋاتقان بولۇپ، بۇ دەل كۈز پەسلى بولغاچقا، ئۇ يەردە يامغۇر كۆپ ياغىدۇ، شۇڭا ئۇ شېئىردا «سىم - سىم يامغۇر توختىغاندىن كېيىن» دېگەن سۆزلەر بار. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۆ فېي «مەنجياڭخۇڭ» نى مىلادىيە1133 - يىل (سۇڭ سۇلالىسى شاۋشىڭنىڭ3 - يىلى)9 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى يازغان دېگەن يەكۈننى چىقارغان.
گەرچە «مەنجياڭخۇڭ» نىڭ ئاپتورىنى بېكىتمەك ۋاقتىنچە قىيىن بولسىمۇ، لېكىن بۇ شېئىرنىڭ قىممىتى ۋە تارىخىي تەسىرىدىن ھېچكىم گۇمانلانمايدۇ.