ئەۋەلوكتېشۋەرە ئەرمۇ - ئايالمۇ
جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلار
ئەۋەلوكتېشۋەرە جۇڭگودىكى خەنزۇ ئىبادەتخانىلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان تۆت بۇدساتۋا مەنچۇشرى سەمەنتەبەدرە، كىشىتىگەربە، ئەۋەلوكتېشۋەرەنىڭ بىرى، بۇددا دىنىدا ئۇ مېھىر - شەپقەتلىك مەبۇدە دەپ قارىلىدۇ. بۇددا دىنىدا بۇدساتۋالار ئادەتتە ئەر بولىدۇ، لېكىن كىشىلەر ئەۋەلوكتېشۋەرەنى «خانىش» دەيدۇ، ئۇنداقتا، بۇ «خانىش» زادى ئەرمۇ ياكى ئايالمۇ؟
بۇددا نوملىرىدا ئەۋەلوكتېشۋەرە ئامىتا بۇدساتۋانىڭ شاگىرتى ياكى ئامىتا بۇدساتۋانىڭ ياردەمچىسى دېيىلگەن، لېكىن ئۇنىڭ ئايال ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىگەن. بۇدساتۋانىڭ قىياپىتى ۋە ياسىنىشى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملاشقان، گەرچە تاڭ سۇلالىسى كىشىلىرى ئاياللارنىڭ گۈزەللىك ئالاھىدىلىكى بىلەن بۇدساتۋانىڭ رەسىمىنى سىزغان بولسىمۇ، لېكىن ئەينى زاماندا ئەۋەلوكتېشۋەرە يەنىلا ئايال ئەمەس ئىدى. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى راھىبلار سىزغان »ئەۋەلوكتېشۋەرە بۇدساتۋا«نىڭ يىپەككە سىزىلغان رەسىمىدىمۇ ئۇنىڭ ئازراق ساقىلى بولۇپ، روشەنكى ئۇ ئەر ئىدى.
يەنە بىر قىسىم بۇددا نوملىرىدا ئەۋەلوكتېشۋەرە بۇدساتۋا ئايال دەپ خاتىرىلەنگەن. مەسىلەن، «ھىنايانا نوملىرى» دا ئەۋەلوكتېشۋەرە بۇدساتۋا مياۋجۇاڭ شاھىنىڭ ئۈچىنچى قىزى دېيىلگەن. سۇڭ سۇلالىسى راھىبلىرىمۇ ئەۋەلوكتېشۋەرە بۇدساتۋانىڭ ياسىنىشىنى ئالتۇن زىبۇ زىننەت تاقىغان، كۆڭلەك كىيگەن، دەپ تەسۋىرلىگەن. بۇنىڭدىن ئەۋەلوكتېشۋەرە بۇدساتۋانى ئايال دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا، سۇڭ سۇلالىسىدىن كېيىنكى ئەۋەلوكتېشۋەرە بۇدساتۋانىڭ ھەيكىلى ئاساسەن ئايال قىلىنغان. مىڭ سۇلالىسىدە بەزىلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەۋەلوكتېشۋەرە بۇدساتۋانى ئايال دېيىشكە قارشى تۇرغان، لېكىن ئۇلارنىڭ يېتەرلىك ئاساسى بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئەۋەلوكتېشۋەرە بۇدساتۋانىڭ جىنسى يەنىلا سىر بولۇپ كەلگەن. مۇشۇنداق بولغاچقا، شۇ ۋاقىتلاردىكى بىر قىسىم ئەدەبىي ئەسەر، ھەيكەلتىراشلىق ۋە رەسساملىق ئەسەرلىرىدە ئۇ ئەر دېسە ئەر ئەمەس، ئايال دېسە ئايال ئەمەس قىياپەتتە بولۇپ قالغان. ھازىر گەرچە ئەۋەلوكتېشۋەرە بۇدساتۋانىڭ ھەيكىلى كۆپىنچە ھاللاردا ئايال قىياپىتىدە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ جىنسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش يەنىلا تەس بولماقتا.