سۇن ۋۇكۇڭنىڭ» دۆلەت تەۋەلىكى»
جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلار
كۆپچىلىك «غەربكە ساياھەت» تىكى سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ھەممىگە قۇربى يېتىدىغان، ئەقىل ۋە ماھارەت جەھەتتە تولۇق يېتىلگەن قەھرىمان ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ قايسى دۆلەتلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا بەس - مۇنازىرە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.
بىر خىل قاراشتىكىلەر سۇن ۋۇكۇڭ ھىندىستاندىن ئىمپورت قىلىنغان، دەپ قارايدۇ. چۈنكى، بۇنىڭدىن1000 يىل بۇرۇنلا ھىندىستان رىۋايەتلىرىدە «مايمۇننىڭ ئەرش ئوردىسىنى قالايمىقان قىلىشى» دېگەن ھېكايىلەر بار ئىدى. «غەربكە ساياھەت» نى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يازغۇچى ۋۇ چېڭئېن تاڭ سۇلالىسى راھىبى شۈەنزاڭنىڭ ھىندىستانغا بېرىپ نوم ئەكېلىشتەك تارىخىي پاكىت ۋە خەلق ئارىسىدا ئېقىپ يۈرگەن تاڭسېڭنىڭ نوم ئەكېلىش ھېكايىلىرىگە ئاساسەن يېزىپ چىققان. ۋۇ چېڭئېن «غەربكە ساياھەت» نى يېزىش جەريانىدا بەلكىم ھىندىستاننىڭ «ئىلاھىي مايمۇن» ئەپسانە - ھېكايىلىرىنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ سۇن ۋۇكۇڭنى ھىندىستاندىن كەلگەن، دەپ پەرەز قىلىشنىڭ ئاساسى.
لېكىن، يەنە بەزىلەر جۇڭگونىڭ قەدىمكى رىۋايەتلىرى ۋە كېيىنكى كۆپلىگەن قەدىمىي كىتابلىرىدا يۈينىڭ ئوغلى چى تاشنى يېرىپ چىقىپ تۇغۇلغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ، شۇنداقلا خۇەيۋو سۇ ئىلاھى ئاق مايمۇن ۋۇجىشيېنىڭ جىنغا ئايلىنىپ ئەسكىلىك قىلغانلىقىدەك ئاجايىپ ھېكايىلەرمۇ بار، دەپ قارايدۇ.
ئۇنداقتا، جۇڭگونىڭ قەدىمىي كىتابلىرىدا مايمۇنغا ئائىت مۇشۇنداق جىق ھېكايىلەر بولغاندىكىن، ھىندىستاننىڭ مۇقەددەس مايمۇنىنىڭ تەسىرىنى ئىنكار قىلىشقا بولامدۇ؟ بۇنىڭغىمۇ بىرنەرسە دېمەك تەس. چۈنكى، دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارا باردى - كەلدى ئالاقە ئەزەلدىنلا مەۋجۇت ئىدى، سۇن ۋۇكۇڭ «ئىمپورت» قىلىنغان بولۇشىمۇ، «ئېكسپورت» قىلىنغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. يېقىندا كىشىلەر ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى قەدىمىي قەبرىدىن سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ھەيكىلىنى قېزىپ چىقارغان. بەزىلەر بۇ ئىشقا ئاساسەن ئۇنى جۇڭگونىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتىنىڭ چەت ئەلگە بولغان غايەت زور تەسىرى دەپ پەرەز قىلىشماقتا. يەنە بەزىلەر سۇن ۋۇكۇڭدىن ئىبارەت مايمۇن بەلكىم جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيەتلىرىگە ئورتاق بولغان «ئۇنىۋېرسال ئوبراز» بولۇشى مۇمكىن، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى.
سۇن ۋۇكۇڭنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى تا ھازىرغىچە بىر سىر.