UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلارچۈشىنىكسىز گېئومېتىرىيىلىك

چۈشىنىكسىز گېئومېتىرىيىلىك

جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلار يېڭى تاش قورال دەۋرىدە ساپال بۇيۇملاردىكى شەكىللەر ھايۋان رەسىمىدىن ئابستراكت گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەرگە ئۆزگەرگەن. بۇ گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەرنىڭ كۆپىنچىسى تۈز سىزىق، سىلىق ئەگرى سىزىق، دولقۇنسىمان سىزىق، بۇلۇتسىمان سىزىق، قاينام شەكىلدىكى سىزىق، چەمبەر قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەرنىڭ مەنىسىنىڭ نېمىلىكى جۇڭگو مەدەنىيەت تارىخىدا ھازىرغىچە بىر سىر بولۇپ كەلمەكتە. بىر خىل قاراشتىكىلەر مۇنداق دەپ قارايدۇ: ساپال بۇيۇملاردىكى گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەر ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشتىن ئېستېتىك زوقلىنىشقا قاراپ ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ساپال بۇيۇملاردىكى دەسلەپكى گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەر ئىشلەپچىقىرىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، مەسىلەن، جەنۇبىي جۇڭگو رايونىدىكى چاسا شەكىل ۋە كىرىشتۈرمە شەكىللەر جەنۇبنىڭ بامبۇك، چىگە توقۇلمىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. جەمئىيەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر ساپال بۇيۇملارغا نىسبەتەن ئەمەلىي ئىشلىتىشتىن باشقا يەنە كۆركەم بولۇش تەلىپىنى قويغان، شۇڭا ساپال بۇيۇملاردىكى شەكىللەرمۇ پەيدىنپەي ئۆزگىرىپ، زىننەتلەش تەلىپىمۇ ئاستا - ئاستا بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن. يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەر: ساپال بۇيۇملاردىكى گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەرنىڭ بەزىلىرى گەرچە تۇرمۇشتىن كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆپىنچىسى قەبىلىلەرنىڭ توتېمغا چوقۇنۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدۇ. بۇ خىل قاراشتىكىلەر، قەدىمكى جەمئىيەتتە ساپال بۇيۇمىدىكى رەسىملەرنى زىننەتلەش سەنئىتى دېيىشكە بولمايدۇ، ئۇ كۆپ ھاللاردا توتېم ياكى باشقا ئېتىقاد بەلگىسى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىكى ئاساسلىق گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەر ھايۋانات رەسىمىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن، ئوخشاش بولمىغان گېئومېتىرىيىلىك شەكىل ئوخشاش بولمىغان ھايۋاننى توتېم قىلغان ئوخشاش بولمىغان قەبىلىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار يەنە ئۈچىنچى خىل كۆزقاراشنى، يەنى رەڭلىك ساپالدىكى گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتىن كەلگەن ھەمدە ئەينى زاماندىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى بىرقەدەر ئەتراپلىق ئەكس ئەتتۈرگەن، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە گەنسۇدىن قېزىۋېلىنغان رەڭلىك ساپالدىكى رەسىملەرگە ئاساسلىنىپ: ئەينى چاغدىكى قەبىلە كىشىلىرىنىڭ يۈزگە ۋە بەدەنگە گۈل چېكىش ئادىتى بار، كىشىلەرنىڭ يۈز ۋە بەدەنگە گۈل چېكىشىدىكى سەۋەب ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئىنتايىن قالاق شارائىتتا، ئىپتىدائىي كىشىلەرنىڭ ھاياتلىقى قەبىلىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىتتىپاقلىقتىن ئايرىلالمايدۇ، ئۇلار قەبىلىدىكى كىشىلەرنىڭ ئورتاق ياسىنىشى ئارقىلىق ئالاقىنى كۈچەيتىدۇ، شۇڭا ئۇ ۋاقىتلاردا كىشىلەر «زىننەتلەش»، «ئېستېتىكا» دېگەنلەرنى بىرىنچى ئورۇنغا قويمىغان، دېگەن يەكۈننى چىقاردى. تەتقىقاتچىلار يەنە يېڭى تاش قورال دەۋرىگە دائىر خارابىلەردىن بايقالغان نۇرغۇنلىغان ھايۋانات سۆڭەكلىرىگە ئاساسەن، ئەينى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ بۇ ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى، بۇ ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇ قەبىلىنىڭ چوقۇنۇش ئوبيېكتى بولۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلدى. شۇڭا، رەڭلىك ساپالدىكى گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەر پەقەت قەبىلىنىڭ توتېمغا چوقۇنۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە شۇ ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ مول يېمەكلىكى ۋە نىسبەتەن مۇرەككەپ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، ئېھتىمال بىر خىل گېئومېتىرىيىلىك شەكىل بىرلا ۋاقىتتا نەچچە خىل شەيئىگە ۋەكىللىك قىلغان، نەچچە خىل مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى مۇمكىن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلار