پادىشاھنىڭ تامغىسى
جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلار
ئەنئەنىۋى چاڭچىلىلەردە، خان سەھنىگە چىققاندا بىر ئاغۋاتنىڭ ئالتۇن تامغا تۇتۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يۈرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ ئالتۇن تامغا فېئوداللىق دەۋردىكى ئالىي ھوقۇقنىڭ سىمۋولى − پادىشاھ تامغىسىدىن ئىبارەت.
سانسىزلىغان خان تامغىلىرى ئىچىدە ئەڭ قىممەتلىكى چىن سۇلالىسىنىڭ «پادىشاھ تامغىسى» بولۇپ، ئۇ ھەرقايسى دەۋرلەردە «ئەڭ قىممەتلىك گۆھەر» دەپ قارىلىپ كەلگەن. نەچچە مىڭ يىل مابەينىدە، ئالتۇن بىلەن بېزەلگەن بۇ قاشتاش تامغىنى چۆرىدىگەن ھالدا نۇرغۇنلىغان شىددەتلىك ئۇرۇش، پۇت تېپىشىشتەك قىزىقارلىق ئىشلار بولۇپ ئۆتۈپ، «ھاكىمىيەت تامغىسى» نى تېخىمۇ سىرلىق تۈسكە كىرگۈزدى.
رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئەمىنىيە دەۋرىدە چۇ بەگلىكىدىن بولغان بيەنخې تاغدىن بىر دانە يونۇلمىغان قاشتاش تېپىۋېلىپ، ئۇنى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چۇ لىۋاڭ، چۇ ۋۇۋاڭلارغا ھەدىيە قىلغان، لېكىن بۇ ئادەتتىكى تاش دەپ قارالغان، بۇنىڭ بىلەن بيەنخېمۇ بەگنى ئالداش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دەپ قارىلىپ، ئىككى پۇتى كېسىۋېتىلگەن. چۇ ۋېنۋاڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان بيەنخې جىڭشەن تېغى باغرىدا بۇ قاشتېشىنى تۇتۇپ ئېسەدەپ قاتتىق يىغلىغان، ۋېنۋاڭ ئۇنىڭ بۇ روھىدىن تەسىرلىنىپ ئادەم چاقىرىپ بۇ تاشنى يونىغان، بۇ ھەقىقەتەنمۇ كەم ئۇچرايدىغان قىممەتلىك تاش بولۇپ چىققان ھەمدە داڭلىق ھۈنەرۋەنلەر ئۇنى ئويۇپ تۆشۈك تەشكەن، كىشىلەر ئۇنى «خېشى قاشتېشى» دەپ ئاتىغان.
ئومۇمەن، ئەتىۋارلىق نەرسىلەرنىڭ ئاجايىپ كەچۈرمىشى بولىدۇ.400 يىلدىن كېيىن چۇ بەگلىكىنىڭ ۋەزىرى جاۋياڭنىڭ بىر قېتىملىق زىياپىتىدە «خېشى قاشتېشى» ئۇشتۇمتۇت يوقاپ كەتكەن. كېيىن «خېشى قاشتېشى» جاۋ بەگلىكىگە بېرىپ قالغان، چىن بەگلىكىنىڭ بېگى جاۋ شياڭۋاڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ قاشتاشنى15 شەھەرگە تېگىشمەكچى بولغان، لېكىن ئۇنىڭ سۇيىقەستىنى جاۋ بەگلىكىدىكى لىن شياڭرۇ سېزىپ قالغان. بۇ تارىختىكى مەشھۇر «قاشتاشنى ئىگىسىگە ساق قايتۇرۇش» دېگەن ۋەقە. كېيىن چىن بەگلىكى جاۋ بەگلىكىنى يوقاتقان، «خېشى قاشتېشى» يەنىلا چىن بەگلىكىدىكىلەرنىڭ قولىغا چۈشكەن.
چىن شىخۇاڭ ئالتە بەگلىكنى يوقىتىپ ئالەمنى تىنچىتىپ، جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈشتەك ئۇلۇغۋار ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. چىن سۇلالىسىدىكى يۈكسەك ھوقۇققا ۋەكىللىك قىلىدىغان ھاكىمىيەت تامغىسى دەل مۇشۇ ئالەمدە بىر «خېشى قاشتېشى» دىن ئويۇلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ «پادىشاھ تامغىسى» ھەرقايسى سۇلالە ھۆكۈمرانلىرى تەرىپىدىن توختىماي تالاش - تارتىش قىلىنغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ليۇ باڭ شيەنياڭغا باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىن، بۇ «شىخۇاڭ تامغىسى» غا ئېرىشكەن. غەربىي خەن سۇلالىسىدە ۋاڭ ماڭ ھاكىمىيەت تارتىۋالماقچى بولۇپ، بۇ قىممەتلىك تامغىنى تالىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ بىر بۇرجىكىنى پۇچۇلدۇرۇپ قويۇپ، ئالتۇندا ياماپ قويغان. شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بۇ پادىشاھ تامغىسىنى خەن شاۋدى يوقىتىپ قويغان. ئۇزاق ئۆتمەي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە مالىمانچىلىق كۆتۈرۈلۈپ،18 بەگ قاتتىق جەڭگە چۈشكەن، پادىشاھ تامغىسىمۇ قولدىن قولغا ئۆتۈپ، ئاخىر ساۋ ساۋنىڭ قولىغا چۈشكەن. جىن سۇلالىسى دەۋرىدىمۇ بۇ پادىشاھ تامغىسى نۇرغۇن قانلىق قىرغىنچىلىقلار ئارقىلىق قولدىن قولغا ئۆتۈپ يۈرگەن. تاڭ گاۋزۇ − لى يۈەن دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، پادىشاھ تامغىسىنىڭ نامى «گۆھەر» گە ئۆزگەرتىلگەن.
«خېشى قاشتېشى» دىن باشلانغان «پادىشاھ تامغىسى» مۇشۇنداق قولدىن قولغا ئۆتۈپ1000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن. بەش دەۋر زامانىغا كەلگەندە پادىشاھ تامغىسى تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىپ، دېرىكى بولمىغان. سۇڭ تەيزۇ − جاۋ كۇاڭيىن شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنى قۇرغاندىن كېيىن، ئادەم ئەۋەتىپ بۇ تامغىنى ھەر تەرەپتىن ئىزدىگەن، لېكىن ئۇنىڭغا ئېرىشەلمىگەن. تاكى مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئاخىرقى خان فۇيى خان سارىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىنمۇ باش ساقچى نازىرى جاڭ بى بىلەن لۇجۇڭلىنلارمۇ بۇ تامغىنىڭ دېرىكىنى قىلغان.
پادىشاھ تامغىسى قانداق يوقاپ كەتكەن؟ ئۇ زادى نەدە؟ تارىختىن قالغان بۇ سىرنى يېشىش ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا تاغدەك دۆۋىلەنگەن تارىخ ماتېرىياللىرىدىن يىپ ئۇچى ئىزدىمەكتە.