UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلار«باشيەنۋاڭ« كىم

«باشيەنۋاڭ« كىم

جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلار ياڭ ئائىلىسىنىڭ باتۇرلىرى ھەققىدىكى ھېكايىلەردىكى «باشيەنۋاڭ» ئۆزى كېلىشكەن بولۇپلا قالماي، يەنە ھەققانىيەتنى ياقلايدۇ. ياڭ ئائىلىسىنىڭ باتۇرلىرى ھەر قېتىم قارا نىيەتلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، بۇ ھامان كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇلارنى قوغداپ، قارا نىيەتلەرگە نەپرىتىنى بىلدۈرىدۇ، ھەتتا پادىشاھمۇ ھەر ئىشتا ئۇنىڭغا يول قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، بۇ «باشيەنۋاڭ» دېگەن كىم؟ ئۇ تارىختا ھەقىقەتەن ئۆتكەنمۇ؟ دېگەن سوئالنى قويىدۇ. بۇ ئەسلىدە جاۋاب بەرمەك ئاسانلا سوئال ئىدى، چۈنكى ھېكايىدىكى «باشيەنۋاڭ» نىڭ ئىسمى جاۋ دېفاڭ بولۇپ، «سۇڭ تارىخى» دا مەخسۇس جاۋ دېفاڭ توغرىسىدا يېزىلغان «چىن بېگى دېفاڭ تەزكىرىسى» بار، قارىغاندا، «باشيەنۋاڭ» شۈبھىسىزكى چىن بېگى دېفاڭدۇر. لېكىن كىشىلەر بۇنى چىن بېگى جاۋ دېفاڭنىڭ كېلىپ چىقىشى بىلەن باغلىسا، ۋەقەنىڭ ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەنلىكىنى بايقايدۇ. چىن بېگى جاۋ دېفاڭ سۇڭ تەيزۇ − جاۋ كۇاڭيىننىڭ تۆتىنچى ئوغلى بولۇپ، ئۇ كېسەل بىلەن ئۆلگەندە ياڭ لاۋلىڭگۇڭ تېخى ھايات ئىدى، ياڭ يەنجاۋ تېخى ئەمدىلا24 ياش بولۇپ، چېگرا قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالمىغانىدى. بۇ ھېكايىدىكى «باشيەنۋاڭ» نىڭ چېگرا قوماندانى ياڭ يەنجاۋنى كۆپ قېتىم قۇتقۇزۇپ قالغانلىق ۋەقەسى بىلەن ماس كەلمەيدۇ. روشەنكى، چىن بېگى جاۋ دېفاڭ «باشيەنۋاڭ» ئەمەس. بەزىلەر باشيەنۋاڭنى سۇڭ تەيزۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى دېجاۋ بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشىدۇ. سۇڭ تەيزۇڭ − جاۋ كۇاڭيىن ئۆلگەندىن كېيىن، سۇڭ تەيزۇڭ − جاۋ گۇاڭيى جىيەنى جاۋ دېجاۋنىڭ خانلىق تەختىنى تارتىۋالىدۇ ھەمدە دېجاۋنى ئۆلۈۋېلىشقا قىستايدۇ. كىشىلەر دېجاۋغا بولغان ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى «شيەنۋاڭ» دەپ ئاتايدۇ. لېكىن بۇ پەقەت خەلق ئارىسىدىكىلا نام بولۇپ، تارىختا دېجاۋغا «باشيەنۋاڭ» دېگەن نام بېرىلمىگەن. ئۇنداقتا، «باشيەنۋاڭ» نەدىن كېلىپ قالغان؟ ۋەكىل خاراكتېرگە ئىگە بىر خىل قاراش — «باشيەنۋاڭ» جاۋ دېفاڭ يازغۇچى ئويدۇرۇپ چىققان شەخس. مەسىلەن، جىڭجۈي تىياتىرىنىڭ ئەنئەنىۋى نومۇرلىرىدا «خې خانىشنىڭ ئوردىنى بېشىغا كىيىشى» دەيدىغان بىر نومۇردا جاۋ دېفاڭغا «باشيەنۋاڭ» لىق نامى بېرىلگەنلىك ۋەقەسى بار. سۇڭ تەيزۇڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن، خې خانىش ئېرىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكى تۈپەيلىدىن دېجاۋنى ئوردىغا ئەۋەتىپ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگۈزىدۇ، نەتىجىدە جاۋ گۇاڭيىدىن تىل ئىشىتىدۇ، دېجاۋ ئاچچىقىغا چىدىماي ئوردا قوبۇلخانىسىدا تۈۋرۈككە ئۈسۈپ ئۆلۈۋالىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان خې خانىش دېفاڭلارنى باشلاپ بېرىپ جاۋ گۇاڭيىنى يۈزسىز دەپ قاتتىق تىللايدۇ. جاۋ گۇاڭيى ئامالسىز يەڭگىسىدىن كەچۈرۈم سورايدۇ ھەمدە جاۋ دېفاڭغا «باشيەنۋاڭ» دېگەن نامنى بېرىدۇ. بۇنىڭدىن «باشيەنۋاڭ» نىڭ ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، لېكىن سەۋەبى بولۇپ، پاكىتى يوقلۇقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلار