ئاسمان يامىغۇچى سىرلىق كىشى
جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلار
گەرچە «نۈيۋانىڭ ئاسماننى يامىشى» غا دائىر رىۋايەت كەڭ تارقالغان بولسىمۇ، لېكىن نۈيۋاغا دائىر ئېچىلمىغان سىر تېخى ئىنتايىن كۆپ.
بىرىنچى، نۈيۋانىڭ ئەر ياكى ئايال ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى گۇمان. قەدىمدىن تارتىپ كىشىلەر ئادەتتە نۈيۋانى ئايال دەپ كەلگەن. قەدىمىي يازما ماتېرىياللاردا نۈۋانى ئايال، ئۇنى ئايال ئىلاھ، ئايال خان، فۇشىنىڭ سىڭلىسى دېگەندەك بايانلار خېلىلا كۆپ. نۈيۋاغا ئائىت رەسىملەردىمۇ ئۇ ئايال قىلىپ سىزىلغان. لېكىن چىڭ سۇلالىسىدە بەزىلەر نۈيۋانىڭ ئەر ئىكەنلىكىنى، فامىلىسىنىڭ فېڭ، نامىنىڭ نۈشى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قەدىمكى دەۋردىكى ئەۋلىيادەك پادىشاھ ئىكەنلىكىنى، ئەينى ۋاقىتتا يېزىق ئىجاد قىلىنمىغاچقا، ئىسىمنىڭلا چاقىرىلىدىغانلىقىنى، «نۈيۋا» نىڭ كېيىنكىلەرنىڭ بۇ پادىشاھنىڭ نامىغا ئاساسەن يېزىپ چىققان ئىسىم ئىكەنلىكىنى، شۇڭا نۈيۋانىڭ پەقەت ئىسىملا بولۇپ، جىنسىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان.
ئىككىنچى، نۈيۋانىڭ ئاسمان يامىغانلىقى زادى قانداق ئىش؟ ھازىر بىز نۈيۋانىڭ ئاسمان يامىغانلىقىنى پەقەت قەدىمكى زاماننىڭ ئەپسانە - رىۋايىتى، ئۇنىڭدا يىراق قەدىمكى زامان كىشىلىرىنىڭ تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش خىيالى ۋە ئارزۇسى ئىپادىلەنگەن، ئۇ ئەمەلىيەت ئەمەس، دەپ قارايمىز. ئەگەر نۈيۋا قەدىمكى زاماندىكى تارىخىي شەخس بولسا، ئادەم تاشنى قانداق تاۋلاپ ئاسمان يامايدۇ؟ كېيىن كىشىلەر ئاسمان ياماشنى ھەر خىل چۈشەندۈردى. بەزىلەر نۈيۋانىڭ تاش تاۋلىشى ئوت چىقىرىش ئۈچۈن، دېدى. يەنە بەزىلەر نۈيۋانىڭ رۇدىدىن مېتال تاۋلاپ قورال - سايمان ياساپ، تەبىئىي ماددىلارنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تولدۇردى، شۇڭا كىشىلەر تاش تاۋلاپ تەبىئەتنى تولدۇردى (خەنزۇ تىلىدا نۈيۋانىڭ ئاسماننى يامىشى «نۈيۋا بۇتيەن» دېيىلىدۇ، بۇنىڭدىكى «بۇ» سۆزىنىڭ تولدۇرۇش، ياماش دېگەن مەنىلىرى بار، «تيەن» نىڭ ئاسمان، ئالەم دېگەن مەنىلىرى بار) دېدى. نەتىجىدە، نۈيۋانىڭ ئاسماننى يامىشى مېتاللۇرگىيە تېخنىكىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ۋە قوللىنىلىشى دەپ چۈشەندۈرۈلدى.
ئۈچىنچى، نۈيۋانىڭ قەبرىسى قەيەردە؟ بۇ مەسىلىگە قارىتا بەش خىل قاراش بار. بىرىنچى خىل قاراش، ئۇنىڭ قەبرىسى سەنشى ئۆلكىسى يۇڭجى ناھىيىسى خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى فېڭلىڭدۇدا. چۈنكى، تارىخنامىلەردە نۈيۋانىڭ فامىلىسى فېڭ دەپ خاتىرىلەنگەن، شۇڭا نۈيۋا قەبرىسى فېڭلىڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىككىنچى خىل قاراش، ئۇنىڭ قەبرىسى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ تۇڭگۇەن ناھىيىسىدە. ئۈچىنچى خىل قاراش، ئۇنىڭ قەبرىسى خېنەن ۋېنشياڭ (ھازىرقى لىڭباۋ ناھىيىسىگە تەۋە)دا. تۇڭگۇەن، ۋېنشياڭلار خۇاڭخې دەرياسىنىڭ بويىدا، بۇ ئىككى خىل قاراشتىكى قەبرىنىڭ ئورنى ئەمەلىيەتتە فېڭلىڭدۇدىن ئىبارەت. تۆتىنچى خىل قاراش، ئۇنىڭ قەبرىسى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ جاۋچېڭ ناھىيىسى (ھازىرقى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ خۇڭدۇڭ ناھىيىسى جاۋچېڭ بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبى)دە. بەشىنچى خىل قاراش، سەندۇڭ جىنىڭدا.