UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلار«ئاق يىلان«رىۋايى

«ئاق يىلان«رىۋايى

جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلار ساياھەتچىلەر خاڭجۇ شىخۇدىكى دۇەنچياۋدىن ئۆتكەندە ئادىمىيلىككە تولغان ئاق يىلان رىۋايىتىنى ئەسلىمەي قالمايدۇ. بۇ ھېكايە ئەڭ بۇرۇن مىڭ سۇلالىسىدىكى فېڭ مېڭلۇڭ تۈزگەن «ئەلگە دەۋەت ھېكمەتلەر» دىكى «ئاق خانىمنىڭ لېيفېڭ مۇنارىغا مەڭگۈلۈك بەند قىلىنىشى» دا چىقىدۇ. كېيىن كىشىلەر بۇنى دراما، چاڭچىلە قىلىپ ئۆزگەرتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەڭ تارقىلىپ، خەلقنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۆت مەشھۇر خەلق چۆچەكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. فېڭ مېڭلۇڭ تۈزگەن ئاق يىلان رىۋايىتى خەلق چۆچەكلىرىگە ئاساسەن رەتلىنىپ پىششىقلانغان. ئۇنداقتا، بۇ رىۋايەت زادى قانداق شەكىللەنگەن؟ كۆپ ساندىكى ئالىملار ئاق يىلان رىۋايىتىنى دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندىكى يىلان ئالۋاستىلىرىغا ئائىت ھېكايىلىرىدىن شەكىللەنگەن، دەپ قارايدۇ. «جىڭسى ئىبادەتخانىسى تەزكىرىسى» دە خاتىرىلىنىشىچە، سۇڭ سۇلالىسىدە بۇ ئىبادەتخانىغا يېقىن يەردىكى تاغدا دائىم بوغما يىلان كۆرۈنىدىكەن ھەمدە ئايال كىشىگە ئۆزگىرىپ، يولدىن ئۆتكۈچىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدىكەن. «چىڭپىڭشەن پاراڭلىرى» دىكى «شىخۇ كۆلىدىكى ئۈچ مۇنار ھەققىدە خاتىرە» دىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يىلان ئالۋاستىنىڭ ھېكايىسى خاتىرىلەنگەن. جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شى شۈەنزەن ئىسىملىك بىر تالىپ شىخۇنى سەيلە قىلىش جەريانىدا بىر قىزنى قۇتقۇزۇپ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغان. قىزنىڭ ئانىسى ئاق كىيىملىك خانىم شى شۈەنزەنگە كۆيۈپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى توي قىلىپ، يېرىم ئاي بىللە ئۆتكەن. كېيىن بۇ تالىپنىڭ تاغىسى شى جېنرېن ئۇلارنىڭ جىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ، جادۇ ئىشلىتىپ جىنلارنى يوقاتقان. ئاق كىيىملىك خانىم ئەسلىگە قايتىپ ئاق يىلانغا ئۆزگەرگەن، قىز ئەسلىدە توخۇ جىن، ئۇلارنىڭ قارا كىيىملىك مومىسى سۇغۇر جىن ئىكەن. ئاخىر دەرۋىش ئۈچ تاش مۇنار بىلەن بۇ ئۈچ جىننى شىخۇ كۆلىگە بەند قىلىۋەتكەن. بەزىلەر مانا بۇ يىلان جىننىڭ ھېكايىسى كېيىنكى ئاق يىلان رىۋايىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس سالغان، دەپ قارايدۇ. بەزى ئالىملار دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ - ئادىتىدىن چىقىش قىلىپ، ئاق يىلان رىۋايىتىنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەيدۇ. دۆلىتىمىزدە قەدىمكى زامان كىشىلىرىنىڭ «ئادەم باشلىق، يىلان تەنلىك» ئوبرازىنى توتېم قىلىپ چوقۇنىدىغان ئادىتى بار، «تاغ - ئېزىملار قۇرئى»، «شاھنامە»، «بامبۇك يىلنامە» قاتارلىق قەدىمىي كىتابلاردا ئادەم بىلەن يىلاننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن ئوبرازىغا ئائىت خاتىرىلەر ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن، ئىلاھ دەپ ھۆرمەتلىنىۋاتقان نۈيۋا، سۈيرېنشى قاتارلىقلار. ئاق يىلان رىۋايىتى مانا بۇ مىللىي ئۆرپ - ئادەتنىڭ داۋاملىشىشى ۋە ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى. بۇنىڭغا پۈتۈنلەي قارىمۇقارشى يەنە بىر خىل پىكىر بار، بۇ پىكىردىكىلەر ئاق يىلان رىۋايىتى چەت ئەلدىن كەلگەن، ئۇ پەقەت ھىندىستاندا ئېقىپ يۈرگەن ھېكايىگە جۇڭگودا بۇرۇن بار ھەر خىل ئەپسانە - ھېكايىلەرنى قوشۇش ئارقىلىق سىستېمىلىق بىر ھېكايە بولغان خالاس، دەپ قارايدۇ. ئاق يىلان رىۋايىتىنىڭ مەنبەسى مەسىلىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلار