UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلارباگۇا

باگۇا

جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلار نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان كىشىلەر «پالنامە» نى ئىزچىل سىرلىق، چۈشەنمەك تەس كىتاب، دەپ قاراپ كەلگەن. بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، كىتابتا دېيىلگەن باگۇا (رەمنىڭ سەككىز سىمۋوللۇق بەلگىسى)غا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ، ھازىرغىچە رەم بەلگىسىنىڭ نېمىگە سىمۋول قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەن پىكىر يوق. باگۇا (رەمنىڭ سەككىز سىمۋوللۇق بەلگىسى) «پالنامە» دىكى سەككىز خىل ئاساسىي شەكىل بولۇپ، «--«»−» بەلگىلىرىدىن تۈزۈلگەن، «−» مۇزەككەرنى، «--» مۇھەننەسنى بىلدۈرىدۇ. رەم بەلگىسىنىڭ نامى مۇنداق: چيەن ، كۈن ، جېن ، شۈن ، كەن ، لى ، گېن ، دۇي ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاسمان، يەر، چاقماق، شامال، سۇ، ئوت، تاغ، سازلىقتىن ئىبارەت سەككىز خىل تەبىئەت ھادىسىسىگە سىمۋول قىلىنغان. «چيەن» بىلەن «كۈن» رەم بەلگىسىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، مۇزەككەر بەلگىسى (—) بىلەن مۇھەننەس بەلگىسى (--) باگۇا (رەمنىڭ سەككىز سىمۋوللۇق بەلگىسى) نىڭ ئەڭ ئاساسىي بەلگىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇنداقتا »-« بىلەن «--» نېمىگە سىمۋول قىلىنغان؟ رىۋايەت قىلىنىشىچە، رەمنىڭ سەككىز سىمۋوللۇق بەلگىسىنى يىراق قەدىمكى زاماندا فۇشى تەبىئەت ھادىسىسى ۋە ئەتراپىدىكى جىسىملارغا ئاساسەن ئىجاد قىلغان. لېكىن زادى قانداق ھادىسە ۋە جىسىمغا ئاساسەن ئىجاد قىلىنغانلىقى توغرىسىدا پىكىر بىردەك ئەمەس. بەزىلەر بۇ بەلگىنى رەقەم ياكى شەكىللىك يېزىق، ياكى ئارغامچا - تۈگۈچ يېزىقىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان، رەم بەلگىسى بەلكىم دۆلىتىمىز يېزىقىنىڭ ئىپتىدائىي شەكلى بولۇشى مۇمكىن، دەيدۇ. مەسىلەن، »كەن« سىمۋول قىلىنغان سۇنىڭ رەم بەلگىسى بىلەن قەدىمىي يېزىقتىكى سۇ نىڭ شەكلى بىر خىل. بەزىلەر رەمنىڭ سەككىز سىمۋوللۇق بەلگىسىدىكى مۇزەككەر بەلگىسى »−« بىلەن مۇھەننەس بەلگىسى «--» نى ئەر - ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسىغا سىمۋول قىلىنغان، ئۇنىڭدىن ئەر، ئايال، ئاتا - ئانا، مۇسبەت - مەنپىي، قاتتىق - يۇمشاق، ئاسمان - زېمىن كۆزقارىشى شەكىللەنگەن، دەپ قارايدۇ. گەرچە جۇڭگو - چەت ئەلنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشىدە ئىنسانلارنىڭ ئەجدادلىرىدا جىنسىي ئەزاغا چوقۇنۇشتەك مەدەنىيەت ھادىسىسى مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل ھادىسە قانداق قىلىپ رەمنىڭ سەككىز سىمۋوللۇق بەلگىسى بولۇپ قالدى، بۇنىڭغا قارىتا ھازىرغىچە مۇۋاپىق جاۋاب يوق. بىر خىل پىكىردىكىلەر: شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى كىشىلەر تاشپاقا قېپى بىلەن پال ئاچقاندا، تاشپاقا قېپىنى كۆيدۈرگەندىكى سىزىقلارغا ئاساسەن ياخشى - يامانلىققا ھۆكۈم قىلغان، رەمنىڭ سەككىز سىمۋوللۇق بەلگىسىمۇ تاشپاقا قېپىدىكى سىزىقلاردىن ئۆزگىرىپ كەلگەن، دەپ قارايدۇ. يەنە بىر خىل پىكىردىكىلەر، قەدىمكى كىشىلەر پالئوت بىلەن پال ئاچقاندا، سانلارنى مۇئەييەن ئۇسۇل بىلەن ساناپ، ھېسابلاپ چىقارغان نەچچە سان بىلەن ياخشى - يامانلىققا ھۆكۈم قىلىدۇ، مانا بۇ «پالنامە» دىكى رەم بەلگىسى، دەپ قارايدۇ. بۇ ئۇسۇل كىشىلەردە تاق سان، جۈپ سان ئۇقۇمى شەكىللەنگەن ئاساستا بارلىققا كەلگەن. بۇ پىكىرلەرنىڭ ھەممىسى پەرەز بولۇپ، ئومۇمنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكىنى يوق.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلار