«فۇساڭ «زادى قايسى دۆلەت
جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلار
1931 - يىلى لۇشۈن ئەپەندى ياپونىيىلىك دوستىغا تەقدىم قىلغان شېئىرىدا: «ئالتۇن كۈز ھازىر دەل فۇساڭدا، ئېرەن يوپۇرماقلىرى بولدى قىزىرىپ، مەجنۇنتال يەلپۈنۈپ مېھمان ئۇزىتار، ئەسلەيمەن ياشلىقىمنى شەرققە تەلپۈنۈپ» دەپ يازىدۇ.
بۇ يەردە «فۇساڭ» ياپونىيىنى كۆرسىتىدۇ. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا نۇرغۇنلىغان شائىرلار «فۇساڭ» سۆزى بىلەن ياپونىيىنى ئىپادىلىگەن. لېكىن فۇساڭنىڭ زادى قايسى دۆلەتنى كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا تارىختىن بۇيان ئىختىلاپلار بولۇپ، بەزىلەر ئۇ ياپونىيىنى كۆرسىتىدۇ، دېسە، يەنە بەزىلەر مېكسىكىنى كۆرسىتىدۇ، دەيدۇ. بۇ توغرىدا تالاش - تارتىش نەچچە يۈز يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ «دەۋا» ھازىرغىچە ئاياغلاشقىنى يوق.
ئىختىلاپنىڭ مەنبەسى بىر ئەسەرگە بولغان ئوخشاشمىغان چۈشەنچىدىن بولغان. مىلادىيە5 - ئەسىردە خۇيشېن ئىسىملىك بىر راھىب شەرقتىكى فۇساڭغا ساياھەتكە بېرىپ قايتىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى باشقىلارغا دەپ بەرگەن، لېكىن ئۇ فۇساڭنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىنى ئېنىق ئېيتمىغان. «لياڭنامە. چەت ئەل تەزكىرىسى» دە، تولۇق بولمىغان بۇ ماتېرىيال ساقلىنىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى بىر قىسىم ئالىملار كىتابتىكى بىر قىسىم بايانلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئىسپاتلىغان. بەزىلەر «لياڭنامە» دىكى مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەرگە ئاساسەن، فۇساڭ دۆلىتىنىڭ جۇڭگودىن30 مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا ئىكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىقارغان. روشەنكى، بۇ جۇڭگو بىلەن بىر دېڭىزدا قارىشىپ تۇرىدىغان ياپونىيە بولماي، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مېكسىكا بولىدۇ. بەزىلەر بۇ خىل كۆزقاراشقا قارشى تۇرىدۇ، ئۇلار جۇڭگونىڭ قەدىمىي كىتابلىرىدىكى مۇساپە، يۆنىلىش توغرا ئەمەس، ئۇنى ئاساس قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ قارىشىدۇ. دۇڭ «فاڭشۇ » «ئون قىتئە خاتىرىسى» دە، فۇساڭ «قىزىل پەرەڭگۈل» (بىرخىل ئۆسۈملۈك) چىقىدىغان يەرنى «كۈن چىقىدىغان جاي» دەپ خاتىرىلىگەن، ياپونىيە دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى دەل «كۈن چىقىدىغان جاي» بولۇپ، ئۇنىڭچە بولغاندا، فۇساڭ ياپونىيىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنىڭدىن قالسا، ئالىملارنىڭ فۇساڭ زادى قانداق ئۆسۈملۈك دېگەنگە بەرگەن چۈشەندۈرۈشىمۇ ئوخشاش ئەمەس. فۇساڭ مېكسىكىنى كۆرسىتىدۇ، دەيدىغان ئالىملار خۇيشېن بايان قىلغان فۇساڭنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئەسلىدە مېكسىكىدىن چىقىدىغان ئاگاۋىسى ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ كۆزقارىشى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئۇلار خۇيشېن دېگەن فۇساڭنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جۇڭگودىن ياپونىيىگە ئېلىپ بېرىلغان بروئۇسسونىتسىيە دەرىخى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ شەكلى ۋە رولى ئاساسەن ئوخشاش، شۇنداقلا بروئۇسسونىتسىيە دەرىخى قەدىمكى زاماندا گۇساڭ دېيىلەتتى، فۇساڭ شۈبھىسىزكى بروئۇسسونىتسىيە دەرىخىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ.
فوساڭ دۆلىتى زادى قايسى دۆلەت، تا ھازىرغىچە بىرلىككە كەلگەن قاراش يوق.