UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلارخەنزۇ يېزىقى

خەنزۇ يېزىقى

جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلار جۇڭگونىڭ خەنزۇ يېزىقى دۇنيادىكى تارىخى ئۇزۇن يېزىقلارنىڭ بىرى، ئۇنداقتا جۇڭگودا خەنزۇ يېزىقى قاچان بارلىققا كەلگەن؟ بەزىلەر ئارغامچا - تۈگۈچ خەنزۇ يېزىقىنىڭ مەنبەسى، دەپ قارايدۇ. لېكىن كۆپ كىشىلەر، ئارغامچا - تۈگۈچ قەدىمكى زاماندىكى ۋەقەلەرنى خاتىرىلەش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇنى ئىپتىدائىي مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قوللانغان، ئۇنى يېزىق دېيىشكە بولمايدۇ، دەپ قارىشىدۇ. يەنە بەزىلەر خەنزۇ يېزىقى باگۇا (رەمنىڭ سەككىز سىمۋوللۇق بەلگىسى) دىن شەكىللەنگەن، دەپ قارىشىدۇ. جۇڭگو قەدىمكى زاماندا ئومۇم ئېتىراپ قىلغان قاراش − خەتنى ساڭجيې ئىجاد قىلغان. ئۇنداقتا ساڭجيې قايسى دەۋرنىڭ ئادىمى؟ بەزىلەر ئۇنى خۇاڭدىنىڭ سالنامىچىسى دېسە، يەنە بەزىلەر قەدىمكى زاماندىكى پادىشاھ دەيدۇ. بەزىلەر شېننۇڭ دەۋرى بىلەن خۇاڭدى دەۋرى ئارىلىقىدا ياشىغان دېسە، يەنە بەزىلەر يەندى دەۋرىدە ياشىغان دەيدۇ … ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزىلەر «ساڭجيې» نىڭ تەلەپپۇزى 契 (ئوقۇلۇشى ìq، مەنىسى ئويمىچىلىق پىچىقى)، 刻 (ئوقۇلۇشى èk، مەنىسى ئويۇش) دېگەن خەتلەر بىلەن ئوخشاش، قەدىمكى زاماندا خەت قەلەمدە يېزىلماي، پىچاقتا ئويۇلاتتى، ساڭجيې دېگەن خەت ئويىدىغان ئادەم دېگەننى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر جۇڭگونىڭ يېزىقىنى ئەمگەكچى خەلق ئورتاق ئىجاد قىلغان، «ۋۇ» ۋە «شى» لارنىڭ رەتلىشى بىلەن تەرەققىي قىلىپ شەكىللەنگەن، دەپ قارايدۇ. «ۋۇ» ۋە «شى» لارنىڭ كىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا يەنە ئوخشاش بولمىغان شەرھىلەشلەر بار. نۆۋەتتە ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ئومۇمىي جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىدىغان پىكىر − جۇڭگونىڭ يېزىقى يىن، شاڭ دەۋرلىرىدە بارلىققا كەلگەن. لېكىن يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بۇنىڭغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان پىكىردە بولۇپ، ئۇلار يىن، شاڭ دەۋرلىرىدە چىغىناق - تارغاق يېزىقى مۇكەممەللىشىپ بولغان، ھەرقانداق بىر شەيئىنىڭ ھامان بارلىققا كېلىش، تەرەققىي قىلىش ۋە مۇكەممەللىشىش جەريانى بولىدۇ، شۇڭا جۇڭگونىڭ يېزىقىنىڭ بارلىققا كېلىش ۋاقتىنى ئاز دېگەندە1000 يىل ئالدىغا سۈرۈشكە بولىدۇ، دەاپ قارايدۇ؛ بەزىلەر شيا سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە سۈرۈش كېرەك، دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ؛ يەنە بەزىلەر شيا سۇلالىسىدىن ئىلگىرىكى مەزگىللەرگە سۈرۈش كېرەك، دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ داڭلىق ئالىمى گو مورو شىئەندىكى بەنپو خارابىسىنى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىكى ياڭشاۋ مەدەنىيىتىنىڭ تىپىك ۋەكىلى، بەنپو رەڭلىك ساپاللىرىدىكى ئاددىي ئويمىلار جۇڭگو يېزىقىنىڭ مەنبەسى، دەپ قارايدۇ. ئەگەر بۇ پىكىرگە ئاساسلانساق، جۇڭگو يېزىقى بۇنىڭدىن تەخمىنەن6000 يىل بۇرۇن بارلىققا كەلگەن بولىدۇ، يەنى شيا سۇلالىسىدىنمۇ1000 يىل بۇرۇن بارلىققا كەلگەن بولىدۇ. يۇقىرىقى تۈرلۈك قاراشلاردا دەلىل - ئىسپاتلار يېتەرلىك ئەمەس.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلار