UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلارسېرىق رەڭنى ئۇلۇغ بىلىش

سېرىق رەڭنى ئۇلۇغ بىلىش

جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلار جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ سېرىق رەڭنى ئۇلۇغ بىلىش ئەنئەنىسى بار. فېئوداللىق جەمئىيەتتە سېرىق رەڭ ئۇلۇغلىنىپ، خانلىق ئىلاھىي ھوقۇقىنىڭ سىمۋولى قىلىنىپ، مەخسۇس خان جەمەتىلا ئىشلىتىدىغان رەڭ، دەپ قارالغان. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ بەزىلەر قەدىمكى جۇڭگولۇقلار ئۆزى سېرىق تەنلىك بولغاچقا، سېرىق رەڭنى ئۇلۇغلىغان، دەپ قارىشىدۇ. بۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچىلار: قەدىمكى زاماندا تاشقى ئالاقە بېكىنمە ھالەتتە بولۇپ، سېلىشتۇرۇش، پەرقلەندۈرۈش مەۋجۇت بولمىغاچقا، ئۆزلىرىنىڭ ئاق تەنلىكلەر، قارا تەنلىكلەر بىلەن پەرقلىنىدىغان سېرىق تەنلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمايدۇ، دەپ قارايدۇ. بەزىلەر، سېرىق رەڭ قارا، ئاق، قىزىل، قىزغۇچ سېرىق ئارىسىدىكى رەڭ بولۇپ، تەبىئىيلا مەركىزىي رەڭ بولىدۇ، مۆتىدىل تەبىئەتلىك جۇڭخۇا مىللىتى شۈبھىسىزلا مەركىزىي رەڭنى ئۇلۇغلايدۇ، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن يەنە بەزىلەر بۇنىڭغا قارىتا: كىشىلەر نېمە ئۈچۈن سېرىق رەڭنى مەركىزىي رەڭ دەپ تاللايدۇ؟ بۇ ماس كېلىپ قېلىشمۇ ياكى مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغانمۇ؟ بۇنى قەدىمكى زامان كىشىلىرى تاللىغانمۇ ياكى كېيىنكىلەر شۇنداق چۈشەنگەنمۇ؟ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مايالار يامغۇر ئىلاھى بىلەن يەرنى قوغدىغۇچى ئىلاھ »چاك« قا چوقۇنىدۇ، چاك قىزىل، قارا، سېرىق، ئاق تۆت خىل رەڭلىك بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمالدا تۇرىدۇ. ئامېرىكا قىتئەسىدىكىلەر سېرىق رەڭنى مەركىزىي رەڭ ياكى ئوتتۇرا رەڭ دېمىگەن، دېگەن گۇماننى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بەزىلەر جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تېرىقچىلىق ئىگىلىكى ۋە جۇڭگولۇقلارنىڭ يەرگە بولغان مۇھەببىتىدىن سەۋەب ئىزدەپ، خۇاشيا مىللىتى ئەۋلادمۇئەۋلاد غەربىي شىمالدىكى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتە ياشاپ كەلگەن، مۇنبەت سېرىق تۇپراق دېھقانچىلىقتىن مول ھوسۇل بەرگەن، مال - چارۋىنى كۆپەيتكەن، شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىگە يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، تۇرالغۇ ئۆي ئاتا قىلغان سېرىق توپىنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا سېرىق توپىنىڭ رەڭگىنى ئۇلۇغلاشتەك بىر خىل پسىخىكا شەكىللەنگەن، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر بۇنى قەدىمىي مەدەنىيەتتىكى «مەركىزىي رايون» نەزەرىيىسى بىلەن چۈشەندۈرۈپ، غەربىي شىمالدىكى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتە ياشىغان يەن، خۇاڭ مىللىتى ئۆزلىرىنى مەدەنىيەتنىڭ يادروسى، ئۆزلىرى ياشىغان يەرنى مەركىزىي يەر، مەركىزىي يەرنىڭ رەڭگىنى مەركىزىي رەڭ، دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن سېرىق رەڭ شۈبھىسىزكى، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان، ئۇ ئاخىر خان مونوپول قىلغان رەڭ بولۇپ قالغان، دەپ قارايدۇ. لېكىن، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ سېرىق رەڭنى ئۇلۇغلىشىنىڭ سەۋەبىنى زادى قانداق چۈشەندۈرۈشكە ھازىرغىچە بىر ھۆكۈم چىقىپ باقمىدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلار
سېرىق رەڭنى ئۇلۇغ بىلىش | UyghurWiki | UyghurWiki