UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلارمۇقەددەس كوئېنلۇن

مۇقەددەس كوئېنلۇن

جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلار «تاغ - ئېزىملار قۇرئى»، «خۇەينەنزى ئەرەنلىرى» قاتارلىق كىتابلاردا، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدا كوئېنلۇن دەپ ئاتىلىدىغان، ئېگىزلىكى تۈمەن چاقىرىم كېلىدىغان، ئەرش ئوردىسىغا تاقىشىدىغان بىر مۇقەددەس تاغ بار، ئۇ خۇاڭدىنىڭ پانىي ئالەمدىكى ئوردىسى، تاغ چوققىسىدىن يىل بويى نۇر چاقناپ تۇرىدۇ، تاغ چوققىسىنى بۇلۇتلار ئوراپ تۇرىدۇ، بۇلۇتلار ئارىسىدىن ھەشەمەتلىك ئوردا - راۋاقلار بىر كۆرۈنۈپ - بىر يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ...، دەپ خاتىرىلەنگەن. شۇڭا، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز «بىزنىڭ مەشھۇر ئەجدادلىرىمىز كوئېنلۇندىن كەلگەن» دەپ پەخىرلىنىشىدۇ. ئۇنداقتا رىۋايەتلەردىكى كوئېنلۇن تېغى ھازىرقى كوئېنلۇن تاغ تىزمىسىمۇ؟ ئۇ زادى نەدە؟ «تاغ - ئېزىملار قۇرئى» دا كوئېنلۇن تېغى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ مەنبەسىدە بولۇپ، تاغدىن قاشتاش كۆپ چىقىدۇ، دەپ خاتىرىلەنگەن. شۇڭا، قەدىمدىن تارتىپ كىشىلەر خۇاڭخې دەرياسىنىڭ مەنبەسىنى تۇتقا قىلىپ كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئورنىنى بېكىتكەن ھەمدە قاشتاش چىقىشنى قوشۇمچە ئىسپات قىلغان. لېكىن قەدىمكى كىشىلەرنىڭ خۇاڭخې دەرياسىنىڭ مەنبەسىگە بولغان قارىشى بىردەك ئەمەس بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن نەچچە يەردە كوئېنلۇن تېغى بولۇش ئەھۋالى كېلىپ چىققان. كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئورنىنى ئەڭ بۇرۇن بېكىتكۈچى خەن ۋۇدىدۇر. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا ئىككى قېتىم بارغان، ئۇ غەربىي شىمالنىڭ بىر قىسىم تاغ - دەريا ۋە جۇغراپىيىسىنى ئەمەلىي تەكشۈرۈپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ مەنبەسىنى شىنجاڭدىكى خوتەندە، شۇنداقلا خوتەن چېگرىسى ئىچىدىكى جەنۇبىي تاغدىن قاشتاش چىقىدۇ، دەپ قارىغان. بۇنىڭ بىلەن خەن ۋۇدى كوئېنلۇن تېغىنى خوتەندىكى جەنۇبىي تاغ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن. بۇنى پادىشاھ بېكىتكەچكە، بۇ خىل كۆزقاراش بەلگىلىك نوپۇزغا ئىگە بولغان، «كوئېنلۇن تاغ تىزمىسى» دېگەن ناممۇ شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان. ئۇزاقتىن بۇيان خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇنىڭغا باشقىچە كۆزقاراشتا بولۇپ كەلگەن. خەن ۋۇدى بىلەن دەۋرداش سىما چيەن جەنۇبىي تاغ ھەيۋەتمۇ ئەمەس، چىرايلىقمۇ ئەمەس، ئۇنى رىۋايەتتىكى كوئېنلۇن تېغى بىلەن بىر ئورۇنغا قويۇشقا بولمايدۇ، دەپ قارىغان. بەن گۇمۇ ئۆزىنىڭ ئەسىرىدە بۇ تاغنى «كوئېنلۇن» دېمەي، يەنىلا جەنۇبىي تاغ دېگەن. كېيىن بەزى ئالىملار خۇاڭخې دەرياسىنىڭ مەنبەسىنىڭ خوتەندە ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان، بۇنىڭ بىلەن خەن ۋۇدىنىڭ پىكرى تۈپتىن ئىنكار قىلىنغان. قەدىمكى زامان كىشىلىرىنىڭ خۇاڭخې دەرياسىنىڭ مەنبەسىگە بولغان كۆزقارىشى ئوخشاش بولمىغاچقا، راست - يالغان، چوڭ - كىچىك نۇرغۇن كوئېنلۇن تېغى بارلىققا كەلگەن. بەزىلەر تارىختا يەتتە يەردە كوئېنلۇن تېغى بارلىقىنى ستاتىستىكا قىلىپ چىققان. بىرى چەت ئەلدە، بىرى شىنىڭدا، بىرى گەنسۇدا، بىرى شىنجاڭدا، بىرى چىڭخەينىڭ غەربىي جەنۇبىدا، بىرى شىزاڭدا، بىرى ھىندىستاندا، بۇ كوئېنلۇن تېغىغا يەنە بىر قەۋەت سۈرلۈك تۈس بەرگەن. ھازىرقى زاماندىكى تارىخشۇناس گۇ جيېگاڭ «تاغ - ئىزىملار قۇرئى» نى ئومۇميۈزلۈك تەتقىق قىلغان بولسىمۇ، كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئورنىنى توغرا بېكىتەلمىگەن، ئۇ كوئېنلۇن تېغىنى گەنسۇدا بولۇشىمۇ، چىڭخەيدە بولۇشىمۇ ياكى شىنجاڭدا بولۇشىمۇ مۇمكىن دەپ قارىغان. كۆپ ساندىكى كىشىلەر كوئېنلۇن تېغىنى بىر رايوننىڭ ئومۇمىي نامى، ئۇ ھازىرقى پامىر ئېگىزلىكى، ھىمالايا تاغ تىزمىسى، كوئېنلۇن تاغ تىزمىسى ۋە چىڭخەي رايونىدىكى تاغ تىزمىلىرىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، قەدىمكى كىتابتا خاتىرىلەنگەن كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئورنىنىڭ زادى نەدىلىكى يەنىلا سىر بولۇپ تۇرماقتا.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلار