مۈچەل
جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلار
12 چەت ئەللىكلەرنى تەئەججۈپلەندۈرىدىغىنى جۇڭگولۇقلار ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ ئىسىم - فامىلىسى، تۇغۇلغان يىل، ئاي، كۈنلىرىنى دەپ بولغاندىن كېيىن ئارقىسىغا يەنە مۈچىلىنى دەپ، چاشقان، كالا، يولۋاس، ئەجدىھا دېگەندەك ھايۋانلارنىڭ نامىنى قوشۇپ قويىدۇ.
ئەسلىدە، ياۋ ۋە شۇن دەۋرلىرىدىن باشلاپلا ئەجدادلىرىمىز جيا، يى، بىڭ، دىڭ دېگەندەك10 بۇرج بەلگىسى ۋە زى، چۇ، يىن، ماۋ دېگەندەك12 مۈچەل بەلگىسىنى بىرلەشتۈرۈپ «مۈچەل بۇرجلۇق يىل خاتىرىلەش ئۇسۇلى» نى كەشىپ قىلغان. قەدىمكى پالچىلار12 خىل ھايۋاننى12 مۈچەلنىڭ ئورنىغا قويغان، يەنى زىنىڭ ئورنىغا چاشقاننى، يىننىڭ ئورنىغا يولۋاسنى، ماۋنىڭ ئورنىغا توشقاننى... قويغان، كېيىن تەرەققىي قىلىپ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى مۈچەل بولۇپ قالغان، مەسىلەن، زى يىلى تۇغۇلغانلار چاشقان يىللىق، چۇ يىلى تۇغۇلغانلار كالا يىللىق دېيىلىپ، كېيىن «12 مۈچەل» دەپ ئاتالغان. يەنى «12 يىل» دەپمۇ ئاتالغان.12
مۈچەلنىڭ كېلىش مەنبەسى توغرىسىدا پىكىر بىردەك ئەمەس. بەزىلەر تارىخنامىلەرنى ئاساس قىلىپ، خەن سۇلالىسىدىن بۇرۇن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خۇاشيا مىللىتىدە ھايۋان نامىنى مۈچەل قىلىپ يىل خاتىرىلەش ئۇسۇلى بارلىققا كەلمىگەن، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالى ۋە شىمالىي قىسمىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇزاق مەزگىللىك چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدا ھايۋان نامى ئارقىلىق يىل خاتىرىلەش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلغان، ھونلار خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغاندىن كېيىنلا چارۋىچى مىللەتلەر بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئاھالىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى باردى - كەلدى قويۇقلىشىپ، ئۇلارنىڭ ھايۋان نامى بىلەن يىل خاتىرىلەش ئۇسۇلىمۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان ھەمدە خەنزۇلارنىڭ12 مۈچەل بەلگىسى بىلەن بىرلىشىپ12 مۈچەلنى شەكىللەندۈرگەن، دەپ قارايدۇ.
يەنە بەزىلەر12 مۈچەل خۇاشيا مىللىتى تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن يىل خاتىرىلەش ئۇسۇلى، چۈنكى قەدىمكى زاماندا كىشىلەر توتېمغا ئومۇميۈزلۈك ئېتىقاد قىلغان، بەزى ھايۋانلارغا نىسبەتەن ئەيمىنىش پوزىتسىيىسىدە بولغان، شۇڭا ئاسترونومىيىدە نۇرغۇنلىغان يۇلتۇزلار تۈركۈمى توز، شىر، تۇلپار،ئەرش مۈشۈكى، پاتمىچۇق دېگەندەك ھايۋانلارنىڭ نامى بىلەن نام بېرىلگەن. بۇنىڭدىن ئوبرازلىق ھايۋان ئارقىلىق ئابستراكت12 مۈچەل بەلگىسىنى ئىپادىلەش، ئۇنىڭدىن12 مۈچەل شەكىللىنىش تامامەن مۇمكىن، دەپ قارايدۇ.
يۇقىرىقى ئىككى خىل كۆزقاراشتىن باشقا يەنە بەزىلەر12 مۈچەلنى چەت ئەلدىن، يەنى ھىندىستاندىن كىرگەن، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب، بىرىنچىدىن،12 مۈچەل ئارقىلىق ياش ھېسابلاش ھىندىستاندا جۇڭگودىن بۇرۇن قوللىنىلغان. ئىككىنچىدىن، ھىندىستاندا12 مۈچەلگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھايۋانلار جۇڭگونىڭكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، پەقەت جۇڭگودا ئۇنىڭ ئىچىدىكى شىر يولۋاسقا، سەۋە قۇشى توخۇغا ئۆزگەرتىۋېتىلگەن، لېكىن ھىندى تىلىدا يولۋاس بىلەن شىرنىڭ تەلەپپۇزى ئوخشاشلا «شىر» بولۇپ، بۇ يەردە يولۋاس ياكى شىر دېيىشنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق پەرقى يوق. سەۋە قۇشى بىلەن توخۇغا كەلسەك، بۇ جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك مۇھىتى ۋە تەبىئىي بايلىقلىرىنىڭ ئوخشاشماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، لېكىن ئۇلارنىڭ قىياپىتى ئاساسەن ئوخشاش.
مۈچەلنىڭ بارلىققا كېلىشىگە دائىر دۆلىتىمىزدە خەلق ئارىسىدىمۇ نۇرغۇنلىغان تەسىرلىك رىۋايەتلەر بار، لېكىن12 مۈچەل زادى قانداق بارلىققا كەلگەن، بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.