قەدىمىي جەڭگاھ چىبى قەيەردە
جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى سىرلار
چىبى ئۇرۇشى دۆلىتىمىزدە قەدىمكى زاماندا ئېلىپ بېرىلغان ئاز كۆپنى يەڭگەن، ئەقىل بىلەن كۈچلۈك دۈشمەن مەغلۇب قىلىنغان مەشھۇر جەڭ، لو گۇەنجۇڭ بۇ جەڭنى «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» گە كىرگۈزگەندىن كېيىن، بۇ جەڭ ھەممە بىلىدىغان، تەسىرى چوڭقۇر جەڭگە ئايلانغان. لېكىن تارىخنامىلەردە چىبىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ئېنىق خاتىرىلەنمىگەچكە، بۇ يەرنى كۆرمەكچى بولغان كونىلىققا سىغىنغۇچىلار بىر بولسا ئورۇننى خاتا تاللاپ قويغان، بىر بولسا خاتاسىنى خاتا پېتىچە كۆرۈۋەرگەن.
يەرنى ئەڭ بالدۇر خاتا تاللاپ قويغان ئادەم تاڭ سۇلالىسىدىكى شائىر دۇمۇ بىلەن سۇڭ سۇلالىسىدىكى شائىر سۇ دۇڭپۇدۇر. ئۇلار چىبىنى تېما قىلغان شېئىرلىرىدا خاتا ھالدا خۇبېي خۇاڭگاڭ شەھەر سىرتىدىكى چىبىجىنى قەدىمىي جەڭگاھ چىبى دەپ قارىغان. ئەمەلىيەتتە چىبىجى چىبى بىلەن ئاھاڭى ئوخشىشىپ كەتكەن بىلەن، ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى تارىخنامىدە خاتىرىلەنگەندىن زور پەرق قىلىدۇ. ئەينى زاماندىكى جەڭگاھ چوقۇم ئۇ يەردە ئەمەس.
بۇنداق روشەن خاتالىق يېقىنقى زاماندا تۈزىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەرخىل كىتابلاردىكى ئەسكەرتىشلەر يەنىلا بىرلىككە كەلمىگەن. بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئىككى خىل پىكىر بار، بىرىدە چىبى «خۇبېي ئۆلكىسى جيايۈ ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدا، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا» دېيىلگەن. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى «چىبى ئۇرۇشى» ۋە «نيەن نۇجياۋ. چىبى قىياسى ئالدىدا قەدىمكىنى ئەسلەش» دېگەن تېكىستلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ ئىزاھات قوللىنىلغان. لېكىن يەنە بەزىلەر بۇ پىكىرگە قوشۇلمايدۇ، ئۇلار چىبىنىڭ ئېنىق ئورنى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ پۇچى ناھىيىسىدىكى چىبى يېزىسىدا دەپ قارايدۇ، ئۇلارنىڭ ئاساسلانغىنى تاڭ سۇلالىسىدىكى «يۈەنخې يىللىرىدىكى ۋىلايەت، ناھىيىلەرنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» بولۇپ، بۇ كىتابتا «چىبى تېغى پۇچى ناھىيىسىنىڭ غەربىدىن120 چاقىرىم يىراقلىقتىكى جايدا، شىمال تەرىپى دەرياغا تۇتىشىدۇ، دەريانىڭ شىمالىي قىرغىقى ۋۇلىندۇر، جۇ يۈ خۇاڭ گەينى ئىشقا سېلىپ ساۋ ساۋنىڭ كېمىلىرىنى كۆيدۈرۈپ ئۇنى مەغلۇپ قىلغان» دېيىلگەن. كېيىن «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تارىختىكى مۇھىم جۇغراپىيە ئەسەرلىرىدە بۇ خىل پىكىر قوللىنىلغان. بۇ ئىككى خىل پىكىرنىڭ قايسىسى توغرا، قايسىسى خاتا، تالاش - تارتىش ھازىرغىچە توختىغىنى يوق.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چىبى پۇچى ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىدا دەيدىغانلار كۆپىيىپ قالدى، ئۇلار، بىرىنچىدىن، «يۈەنخې يىللىرىدىكى ۋىلايەت، ناھىيىلەرنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» دىكى خاتىرىلەرنى ئىشەنچلىك، دەپ قارىغان؛ ئىككىنچىدىن، جەنۇبىي سۇلالە دەۋرىدىكى شېڭ خۇڭيۈەننىڭ «جېڭجۇ خاتىرىسى»، «يۈەنخې يىللىرىدىكى ۋىلايەت، ناھىيىلەرنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» دىن بۇرۇن يېزىلغان، لېكىن بۇ ئىككى كىتابتا خاتىرىلەنگەن چىبىنىڭ ئورنى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش، دەپ قارىغان. يەر شەكلى بويىچە كۆزەتكەندىمۇ پۇچى ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى چىبى ھەم چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا، ھەم ۋۇلىن بىلەن دەريا كېسىشىپ بىر - بىرىگە قارىشىپ تۇرىدۇ، بۇ تارىخنامىلەردىكى خاتىرىگە نىسبەتەن ماس كېلىدۇ. شۇڭا، يېڭىدىن نەشر قىلىنغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەرىتىسى» دىمۇ چىبىنى خۇبېي ئۆلكىسىدىكى پۇچى ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدا دەپ كۆرسىتىلگەن. لېكىن، ئوخشاش بولمىغان پىكىردىكىلەر يەنىلا بار.