تۇجيا مىللىتىنىڭ تەبرىك مۇراسىمى
جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى
يېڭى ئۆي سېلىش خۇنەندىكى تۇجيا مىللىتىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ خۇشاللىق ئىشلارنىڭ بىرى، ئۇلاردا ئەزەلدىنلا بىرەرى يېڭى ئۆي سالسا، كۆپچىلىك ياردەم بېرىدىغان ئادىتى بار.
تەبرىكلەش پائالىيىتى «لىم» نى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۆيگە لىم سالغان كۈنى ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرى كېلىپ سوۋغا تەقدىم قىلىپ تەبرىكلەيدۇ. لىم سېلىشتىن ئىلگىرى يەنە لىم كېسىش ۋە لىمنى گۈللۈك قىلىپ بوياش تەرتىپلىرى بېجىرىلىدۇ.
لىم كېسىش دېگىنىمىز، ئۆي ئىگىسى لىملىق دەرەخنى كېسىدىغان ياغاچچىغا بىر جۈپ يېڭى ئاياغ ۋە پايپاق، بىر پارچە قىزىل رەخت، بىرنەچچە بولاق پوجاڭزا تەييارلايدۇ. لىم كۆتۈرۈشكە يەنە كۈچتۈڭگۈر ئىككى يىگىتنى تاللايدۇ، ئۇلار تاغقا چىقىپ »قوش ئاچىماق« ئۆسكەن بىر تۈپ شەمشاد دەرىخىنى لىم قىلىشقا تاللايدۇ ھەمدە ئۇنى يىقىتىپ، ئۆلچەپ ئىككى بېشىنى كېسىۋەتكەندىن كېيىن، قىزىل رەختنى لىملىق ياغاچنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويىدۇ، ياغاچچى پوجاڭزىغا ئوت يېقىپ ئاتىدۇ. ئىككى يىگىت لىمنى كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ، يولدا مۈرىنى ئالماشتۇرۇشقىلا بولىدۇكى، ھەرگىز لىمنى يەرگە قويۇپ دەم ئېلىشقا بولمايدۇ. لىم يېڭى ئۆي سېلىنغان جايغا ئېلىپ كېلىنگەندە، پوجاڭزا ئېتىپ قارشى ئېلىنىدۇ.
ياغاچچى يېڭى لىمنى ياساپ بولغاندىن كېيىن ئادەم تەكلىپ قىلىپ رەندىلەپ، سىلىقلانغان لىمنىڭ ئوڭ يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىزىل، قارا رەڭلەردە ئالەم ھادىسىلىرىنى كۆرسىتىدىغان سخېما سىزدۇرىدۇ، شەرق ۋە غەربتىكى ئىككى بېشىغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا «乾«، »坤» دېگەن ئىككى خەتنى يازدۇرىدۇ ھەمدە ھەربىر خەتنىڭ ئىچى تەرىپىگە رەمنىڭ سەككىز سىمۋوللۇق بەلگە سخېمىسىدىن بىرنى سىزدۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرى سوۋغا قىلغان كۈمۈش «قاپارتما» نى سوۋغا قىلغۇچىلارنىڭ بوغۇن چوڭ - كىچىكلىكى تەرتىپى بويىچە ئالەم ھادىسىلىرىنى كۆرسىتىدىغان سخېمىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن باشلاپ لىمغا مىخلايدۇ.
لىم چىقىرىش مۇراسىمى سەھەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ياغاچچى لىمنى چىقىرىڭلار دېگەندىن كېيىن، ياردەملىشىدىغان كىشىلەر دەرھال بېزەلگەن لىملارنى جازىلايدۇ، ئىككى نەپەر ناخشىچى «لىم چىقىرىش ناخشىسى» ئېيتىدۇ، ناخشىنىڭ تېكىستىنى كۆپىنچە ئېيتقۇچىلار ئۆزى ئۇدۇللۇق توقۇيدۇ. ناخشىچىلار ئوتتۇرىدىكى بىر ئېغىز ئۆينىڭ لەمپىسى سىرتىدىن ناخشا ئېيتىپ تۆر ئۆيگە مېڭىپ كىرىپ: «ئاستا ماڭ، چىڭ ئەگەش، تاڭ ئاتتى شەپەق كۆرۈندى. رەڭگارەڭ بۇلۇتلار كۆتۈرۈلۈپ مەۋج ئۇردى، ھەممەيلەن لىم چىقىرىپ ناخشا ئېيتىشتۇق» دېگەنلەرنى ئېيتىدۇ. ئىلھام بىلەن ئېيتىلغان ناخشىلاردا ھەم يېڭى ئۆي مەدھىيىلىنىدۇ، ھەم ئۆي ئىگىسى تەبرىكلىنىدۇ. ئىككى ناخشىچى تۆر ئۆيدە تۇرۇپ، بىرى بىر مىسرا، يەنە بىرى بىر ئابزاس ئېيتىشىپ ئاستا مېڭىپ، يېقىملىق ناخشىلارنى توۋلىشىدۇ. كېيىن لىم ئۈستىدىن نومى گۈرۈچ ئۇنى قاتلىمىسىنى تاشلايدۇ. بىر كىشى ئاۋۋال «بايلىق» ۋە «قەدىر - قىممەت» كە سىمۋول قىلىنغان ئىككى قاتلىمىنى قولىغا ئېلىپ، ئۆي ئىگىسىدىن: «بايلىق كېرەكمۇ ياكى قەدىر - قىممەت كېرەكمۇ؟» دەپ سورايدۇ، ئۆي ئىگىسى: «بايلىق ۋە قەدىر - قىممەتنىڭ ھەممىسى كېرەك» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، ئارقىدىن ئۇ قاتلىمىنى قوينىغا سېلىپ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېشىپ قالغان يۇمىلاق قوتۇرماچسىمان قاتلىمىلارنى لىمنىڭ ئۈستىدىن تاشلايدۇ، سورۇندىكى كىشىلەر تالىشىپ يەيدۇ. بۇ ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشنىڭ، ئائىلىسىنىڭ بېيىپ روناق تېپىشنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ ئاخىردا، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرى توپ - توپ رەڭلىك تاۋارلارنى لىملارغا ئارتىپ، تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ چاغدا پوجاڭزىلار ئېتىلىپ، شاد - خۇراملىق يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ.