تۇرمۇش ئادەتلىرى
جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى
تاماق يېيىش، كىيىم كىيىش، تۇرالغۇ، قاتناش، داۋالاش قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئادەتلەرنىڭ كۆپ ۋە مۇرەككەپلىكىدىن ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئوخشاش بولمىغان دەۋر، ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان جايلاردىكى ھەر خىل ئۆرپ - ئادەتلەر خۇددى كىشىنىڭ كۆزىنى ئىمىر - چىمىر قىلىۋېتىدىغان كالېيدوسكوپقا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
دۆلىتىمىزنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادىتىدە، قورۇمىلارنىڭ تەمىنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، سەككىز چوڭ قورۇما سىستېمىسى، بىرقانچە مىڭ خىل قورۇما بار. بەزىلەر تەمىنى يىغىنچاقلاپ »جەنۇب تەرەپتە تاتلىق يەيدۇ، شىمالدا تۇزلۇق، شەرقتە چۈچۈمەل، غەربتە ئاچچىق يەيدۇ« دېيىشىدۇ. يېمەك - ئىچمەك ئادىتى كۆپ تەرەپلىمە بولىدۇ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە تائاملاردىن مەسىلەن، بېيجىڭ ئۆردەك كاۋىپى، نىڭبو تاڭيۈەنى، بايراملىق يېمەكلىكلەردىن، مەسىلەن، تاۋۇز چاغىنى ئايتوقىچى، لابا (12 - ئاينىڭ8 - كۈنى ئىچىلىدىغان ئۇماچ) كۈمىچى قاتارلىقلار بار. يېمەكلىك سوۋغىلىرىنى تەقدىم قىلىشىش، مېھمانلارنىڭ ئورۇن تەرتىپى، قورۇمىلارنىڭ چىقىرىلىش تەرتىپى، بەخت تىلەش ۋە ئاگاھ بولۇشلاردىمۇ نۇرغۇن قائىدىلەر بار. ھاراق ئىچىش، چاي ئىچىش ئادەتلىرىگىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.
كىيىم - كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرى باش كىيىم، ئاياغ كىيىم، چاچ پاسونى ۋە تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ يەردە ئاساسلىق كىيىم - كېچەك كۆزدە تۇتۇلىدۇ. كىيىم - كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرىدىكى ئەڭ چوڭ پەرق ئادەمنىڭ جىنسىي پەرقىدە ئىپادىلىنىدۇ، ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ كىيىدىغان ۋە تاقايدىغانلىرى بىر - بىرىگە ئوخشاش بولمايدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. كىيىم كىيىشتە، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىگە قۇلايلىق بولۇشى ئالدىنقى شەرت قىلىنىدۇ، شۇڭا ھەر خىل ئۆلچەم ۋە پاسونلار ئىجاد قىلىنغان، بۇلار ئاساسلىق ياقا، يەڭ، پەش، تۈگمە، بەلدەمچە قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆتۈشمە ياقا، يۇمىلاق ياقا، چاسا ياقا، مېدالىئون ياقا، ئۆرە ياقا، ئۆرۈمە ياقا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىكى بار، ئۇدۇل پەش، يانتۇ پەش مەيلى سولدا ياكى ئوڭدا بولسۇن، بىر - بىرىگە ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ياش قۇرامى، پەسىل، مىللىتى، كەسپى، ئىجتىمائىي ئورنى، ئىشلىتىلىش ئورنىغا ئاساسەن ھەر خىل، رەڭگارەڭ كىيىم - كېچەك، زىبۇزىننەت ئادەتلىرى شەكىللەنگەن.
ئولتۇراقلىشىش ئادىتى جاي ۋە كىلىمات بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بېيجىڭچە تۆت ئەتراپىغا ئۆي سېلىنغان قورۇلاردا، ئۆي ۋە قورۇ جەنۇب - شىمال تىك ئوق سىزىقى بويىچە سىممېترىك قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، دەرۋازا كۆپىنچە ئۆينىڭ شەرقىي - جەنۇب بۇلۇڭىدا بولىدۇ. ھويلىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى تۆر ئۆيدە چوڭلار تۇرىدۇ، شەرق، غەربتىكى يان ئۆيلەردە كىچىكلەر تۇرىدۇ. يېپىق شەكىللىك قورۇلاردىكى ئۆيلەردە تۇرۇش ئاساسلىق چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ، چوڭ تىپتىكى تۇرالغۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تىك ئوق سىزىقى ئۈستىگە زال، چوڭ زال ۋە تۆر ئۆي سېلىنىدۇ، ئوڭ - سول تىك ئوق سىزىقى ئۈستىگە مېھمانخانا، كۇتۇپخانىلار، مۇھىم بولمىغان ياتاق ئۆي ۋە ئاشخانىلار ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. تېشى ئاق تام، سۇر كاھىش بىلەن بېزىلىپ، ناھايىتى كۆركەم كۆرۈنىدۇ. گەمە شەكىللىك تۇرالغۇلار خېنەن، سەنشى، شەنشى، گەنسۇ قاتارلىق سېرىق توپىلىك رايونلاردا ئومۇملاشقان. بۇ تەبىئىي توپا تامنى كولاپ توغرا ئۆڭكۈر قازسىلا پۈتىدۇ، بەزىلەر يەنە ئۆڭكۈر ئىچىگە خىش ئەگمە ۋە تاش ئەگمىلەرنى قوپۇرۇۋالىدۇ، قارىماققا خۇددى كۆۋرۈك سۈڭگۈچىگە ئوخشاپ قالىدۇ، لاي - توپىلارنىڭ يىمىرىلىپ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، گەمە سىرتىغىمۇ خىش ئەگمە قوپۇرۇلۇپ، يار يۈزى قوغدىلىدۇ. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئولتۇراقلىشىش ئادىتى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ، ئىلگىرى موڭغۇل چارۋىچىلار يايلاقلاردا ئۇزاق مۇددەت سەييارە ھەرىكەت قىلىپ يۈرگەچكە، ئۇلار كىگىز ئۆيلەردە تۇراتتى، ياغاچ خادىلارنى جازا قىلىپ، ئۈستىنى ۋە ئەتراپىنى كىگىز بىلەن ياپىدۇ، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە يايلاق ئالمىشىش سەۋەبلىك ئۇدۇللۇق يۆتكىلىپ تۇرىدۇ. ئولتۇراقلىشىش ئادىتى يەنە ئۆي قورۇلۇشى قىلىش، ئۆي كۆچۈرۈش ۋاقتىدىكى ھەر خىل ئادەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.