UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرىزىننەت بۇيۇملىرى ئادىتى

زىننەت بۇيۇملىرى ئادىتى

جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى كىيىم - كېچەك، زىننەت بۇيۇملىرى ئادىتىنىڭ شەكىللىنىشى ئادەتتە تەبىئىي مۇھىت، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيىسى، ئىجتىمائىي، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر، دىنىي ئېتىقاد قاتارلىق ئامىللارنىڭ چوڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. يەر ئاستىدىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، جۇڭگودا شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا خۇاشيا مىللىتىنىڭ جەلپ قىلارلىق ئاستى - ئۈستى كىيىم - كېچەك، چاچ بوغۇش، چاپاننىڭ تۈگمىسى ئوڭ تەرەپتە بولۇش ئادىتى ئاساسەن شەكىللىنىپ بولغان، جۇ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە باش كىيىممۇ بارغانسېرى مۇكەممەللەشكەن. يېغىلىق دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە تۈرلۈك ئېقىملار مەيدانغا كېلىپ ۋە گۈللىنىپ، ئىجتىمائىي ئىدىيىلەر جانلىنىپ، كىيىم - كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرى پاكىزە ۋە جانلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولدى. خەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە دۆلەت كۈچى ئېشىپ، توقۇمىچىلىق كەسپى تەرەققىي قىلدى، كىيىم - كېچەك سالاپەتلىك نەپىس، سالماق بولۇشتەك ئۇسلۇبقا ئىگە بولدى. ۋېي، جىن سۇلالىلىرىدىن كېيىن، مىللەتلەر ئارىسىدىكى بېرىش - كېلىش ئالاقىلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، غۇزچە كىيىملەر مودا بولۇپ ئومۇملاشتى. بۇددا دىنى كىرگەندىن كېيىن، كىيىم - كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرىدا يەنە ھىندىستاننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، مەسىلەن، ھۆر قىزلارنىڭ قورسىقى ئوچۇق كىيىملىرى ۋە ئىككى قېشىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىزىل چېكىت چېكىشلىرى ھىندى ۋە پارسلارنىڭ كىيىم - كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە دۆلەت بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، ئىقتىساد گۈللەندى، كىيىم - كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرى پۇزۇر، پاسونى يېڭى، كۆركەم بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولدى، باش زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ خىللىرى كۆپەيدى. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يېڭى كۇڭزىچىلىقنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك، كىيىم - كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرى بارا - بارا مۇتەئەسسىپلىككە يۈزلەندى، كىيىملەر ئادەم بەدىنىگە چىپ كەلتۈرۈپ تىكىلىدىغان بولدى، كىيىم - كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرىدا ناھايىتى ئېھتىياتچان، مەنىلىك بىر خىل ئۇسلۇب مەيدانغا كەلدى. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇللار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرىپ ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقتىن، كىيىم - كېچەكتە رەڭ قوغلىشىش روشەن بولدى، كىيىم - كېچەك پاسونلىرى كۆپىنچە ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىش تۇرمۇش ئادەتلىرىگە ماسلاشتۇرۇلدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە، كىيىم - كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرىدا يېڭى ئامىللار، يەنى غەربچە يوپكا ئىشتان، شىلەپە، گالستۇك قاتارلىقلار مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى. كىيىم - كېچەك ئادىتى يەنە ئادەمنىڭ جىنسى، كەسپى، ئىجتىمائىي ئورنى، مىللىتى قاتارلىق ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر قەدىمدىنلا ئەر - ئاياللارنىڭ ئوخشاش بولمىغان فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن كىيىم - كېچەكلەرنى ئىجاد قىلغان، قەدىمكى يۇناندا ئەر - ئاياللارنىڭ كىيىمىدە روشەن پەرق بولغان. جۇڭگودا قەدىمكى زاماندا ئەر - ئاياللارنىڭ ھەممىسى يوپكا كىيگەن، كېيىن يوپكا ئەرلەر كىيىمى ئىچىدىن شاللىنىپ، ئىشتان پەيدا بولغان. كەسىپلەشتۈرۈلگەن كىيىم - كېچەك ئادەتلىرى تېخىمۇ كۆپ، مەسىلەن، ئىش فورمىسى، ئوۋچىلىق فورمىسى، ھەربىي فورما، ئوقۇغۇچىلار فورمىسى شۇنىڭدەك قەدىمكى زاماندىكى ئوردا كىيىمى قاتارلىقلار. فىئوداللىق جەمئىيەتتە، كىيىم - كېچەكلەرنىڭ رەختى ۋە پاسونى ھەمىشە باي - كەمبەغەللىك ۋە ئېسىلزادە - پەسلىكنىڭ پەرقى قىلىنىدۇ. بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە ئېتىقادى ھەمىشە كىيىم - كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرىدا ئىپادىلىنىدۇ. ياپونىيىلىكلەرنىڭ ياپونچە كىيىمى، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىﻌان ئاياللارنىڭ چۈمبىلى، جۇڭگودىكى زاڭزۇ، موڭغۇل مىللەتلىرىنىڭ ئۇزۇن جۇۋىسى، غەربىي جەنۇبىي جۇڭگودىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ موم بوياق پاختا رەختتىن تىكىلگەن كىيىملىرى ۋە بېشىغا ئورايدىغان ئاق - قارا رەختلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى روشەن مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. كىيىم - كېچەكنىڭ رەڭگى ھەمىشە ئېتىقاد مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇڭگودا قەدىمكى زاماندا، خۇشاللىق قائىدە - يوسۇن كىيىملىرىدىن ساپ رەڭلىكلىرى − قىزىل، سېرىق، ئارا رەڭلىكلىرى ئاچ يېشىل، ئاچ قىزىل بولىدۇ؛ ماتەم قائىدە - يوسۇن كىيىملىرىدىن ساپ رەڭلىكلىرى − ئاق، قارا، ئارا رەڭلىكلىرى كۈل رەڭ، قېنىق جىگەر رەڭ بولىدۇ. غەرب ئەللىرىدىكى بىرمۇنچە مىللەتلەردە، تويى بولغان قىز ئاق ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىدۇ ۋە ئاق رەڭلىك زىننەت بۇيۇمى تاقايدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئاق رەڭ پاكلىق ۋە سۇباتلىقنىڭ سىمۋولى ئىكەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى