ئولتۇراقلىشىش ئادەتلىرى
جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى
دەسلەپكى ئىنسانلار تەبىئىي ئۆڭكۈرلەر، دەرەخ كاۋاكلىرى ياكى باشقا تەبىئىي نەرسىلەرنى پاناھلىنىش جايى قىلىپ، غار ۋە دالىدا ياشاشتەك ئۇزۇن دەۋرنى بېشىدىن كەچۈرگەن. كېيىن ئىنسانلار تەدرىجىي ھالدا دەرەخ شېخى، دەرەخ يوپۇرمىقى، دەرەخ قوۋزاقلىرىدىن بوران - يامغۇردىن پاناھلىنىدىغان ئاددىي لاپاسلارنى توقۇشنى ياكى لاي - كېسەك، دەرەخ شېخى، قومۇش قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئويمان ئۆڭكۈرلەرنى توسۇپ يېپىشنى ئۆگىنىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگودا قەدىمكى زاماندىكى دەسلەپكى «كەپە» ۋە »ئۆڭكۈر« لەر مەيدانغا كەلگەن. بۇ ئىپتىدائىي تۇرالغۇلار يەنىمۇ تەرەققىي قىلىپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم گەمە، توپا گەمە ۋە چۇۋۇپ يۆتكىگىلى بولىدىغان چېدىر ۋە كەپىلەر مەيدانغا كەلگەن. يەنە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە ئىنسانلار يەنە ئۈستى يېپىلغان ۋە تۆت تېمى بار ئۆيلەرنى ئىجاد قىلدى.
ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش ئادىتى تۇرالغۇ ئۆينىڭ ئىقتىدارى، ياسىلىش ھۈنەر - سەنئىتى، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئالاقىدار قائىدە - يوسۇن ھەم ئادەملەرنىڭ ياشاش مۇھىتى قاتارلىق شارائىتلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. مەسىلەن، جۇڭگونىڭ شىمالىي رايونلىرىدىكى يېزا - بازارلاردا ھەمىشە تۇرالغۇ ئۆينىڭ يان تەرىپىگە ئاشلىق ۋە باشقا پارچە - پۇرات نەرسىلەرنى قويىدىغان ئىسكىلات سالىدۇ. ئۆيدىن سەل يىراقراق يەرگە ئېغىل - قوتان سالىدۇ، ۋەھاكازالار. ئەمما غەربىي جەنۇب رايونلىرىدىكى نۇرغۇن مىللەتلەر، ئومۇمەن تاغقا قاراپ ئولتۇراقلىشىدۇ، كۆپىنچە ئىككى قەۋەتلىك ئۆي سالىدۇ، ئۈستىدە ئادەم تۇرىدۇ، ئاستىدا چوشقا، كالا باقىدۇ. غەربىي جەنۇب رايونلىرىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا ئىسسىنىشتا ئوتدان ئومۇملاشقان، شەرقىي شىمال قاتارلىق جايلاردا ئۆيگە كاڭ قۇرۇش ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك ھېسابلىنىدۇ.
ئېتىقاد كىشىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش ئادىتىگە سەل قارىغۇسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەرەب بىناكارلىقى، ياۋروپا - ئامېرىكا بىناكارلىقى، ھىندىستان ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى قورۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىسلام دىنى، خرىستىئان دىنى، بۇددا دىنلىرىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان. جۇڭگودا فېئوداللىق دەۋرلەردە تۇرالغۇ ئۆي سېلىشتا ھەمىشە ئالدى بىلەن لاي ئارقىلىق پال سالىدىغان پالچى تەكلىپ قىلىپ، «ئۆي ئورنىنىڭ ياخشى - يامانلىقىغا» پال ئاچتۇرۇشتەك خۇراپىي ئىشلار بار ئىدى. بەزى مىللەتلەرنىڭ ھويلىسىدا مەخسۇس ئىلاھقا باش قويىدىغان جايى بار بولۇپ، باشقىلارنىڭ خالىغانچە ئولتۇرۇپ، يېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. جەنۇبىي جۇڭگو رايونىدىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئوتدان مۇقەددەس جاي بولۇپ، ھەر قانداق كىشىنىڭ ئوتداننىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتۈشىگە يول قويۇلمايدۇ، بۇ ئوتقا چوقۇنۇش ئادىتىنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.