مانجۇلارنىڭ تازىلىققا رىئايە قىلىشى
جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى
مانجۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قالسىڭىز، ھويلىسىنىڭ ناھايىتى پاكىز بېسىقتۇرۇلغانلىقىنى، ئۆي سەرەمجانلىرىنىڭ رەتلىك قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، بىر خىل ئازادىلىك ھېس قىلىسىز.
مانجۇلارنىڭ كونا پاسوندىكى ئۆيلىرى، ئېگىز، كەڭ - كۇشادە، ھاۋا ئۆتۈشلۈك، يورۇق كېلىدۇ. ئۇلار ئادەتتە ھەر كۈنى دېگۈدەك چاڭ - توزانلارنى تازىلاپ، ئىشىك - دېرىزىلىرىنى پاكىز سۈرتۈپ تۇرىدۇ. ھەر يىلى12 - ئاينىڭ23 - كۈنى چوڭ تازىلىق قىلىدۇ. بۇلۇڭ - پۇچقاقلاردىمۇ ھېچقانداق ئەخلەت قالدۇرمايدۇ. ھەربىر ئائىلىنىڭ غەربىي تېمىغا ساكيامونىنىڭ قۇتىسى ۋە نەسەبنامە قۇتىسىنى ئېسىپ، ئۈستىگە قىزىل لاتا يېپىپ قويىدۇ. بۇ ئۇرۇقداشلىقتا ئەڭ مۇقەددەس بۇيۇم ھېسابلىنىپ، ئۇنى ھەر كۈنى سۈرتۈپ تازىلاپ، خۇددى يالىغاندەك پاكىز ساقلايدۇ.
ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە، ئۆي ئىچىگە ئاساسلىق ئالتۇن ھەل بېرىلگەن بىر ئىشكاپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئىشكاپ ئۈستىگە ئىككى دانە قىزىل ساندۇق، ساندۇق ئۈستىگە ئىككى دانە قىزىل قۇتا قويۇلىدۇ. ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ئىشكاپ ئىچىگە كىيىم - كېچەكلەر قويۇلىدۇ. بىر جۈپ ساندۇقنىڭ بىرىگە چوڭلارنىڭ ئاخىرەتلىك كىيىمى قويۇپ ساقلىنىدۇ، يەنە بىرىگە كۈندىلىك كىيىدىغان كىيىملەر قويۇلىدۇ. ئىككى قۇتىغا ئاياللارنىڭ زىننەت بۇيۇملىرى سېلىنىدۇ. بۇ ئىشكاپ، ساندۇق، قۇتىلارنى ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم سۈرتۈپ تازىلاپ تۇرىدۇ.
مانجۇلارنىڭ كىيىم - كېچەك ۋە يوتقان - كۆرپىلىرى ناھايىتى رەتلىك ۋە پاكىز. يوتقان - كۆرپە ۋە كىيىم - كېچەكلىرىنى يۇغاندىن كېيىن يەنە پات بېرىپ سىلىقلايدۇ، بۇنداق قىلغاندا كىيىم ھەم تىك ۋە تەكشى، ھەم رەتلىك ۋە پاكىز تۇرىدۇ، چاڭ - توزان قونسىمۇ قېقىۋەتسىلا چۈشۈپ كېتىدۇ، كېيىنكى قېتىم يۇيغاندا كىر ئاسان چىقىدۇ.
ئىلگىرى مانجۇلار ئاشخانىسىدا پۈتۈنلەي ساپال جاۋۇر ئىشلىتەتتى، ئۇلار جاۋۇرلارنى دائىم سۈرتۈپ تۇرىدۇ، ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن قاچا - قومۇچ ئىشكاپىغا تىزىپ قويىدۇ. قازان يۇيۇشتا يۇغۇچ ۋە قازاننىڭ پاكىزلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىشلىتىلگەن قاچا، چوكىلارنى ئىككى قېتىم يۇيىدۇ. مېھمان كۈتكەندە تۆت تەخسە ئىشلىتىلىدۇ، يېمەكلىك ئۇسۇلغان قاچا - تەخسىلەرنىڭ گىرۋەكلىرىگە يۇقۇندىلار يۇقۇپ قالسا بولمايدۇ، تازىلىققا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ.