ئالاھىدە پەيلىك خەت
جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى
جۇڭگودا قەدىمكى زاماندا توخۇ پېيىنى خەتكە سانجىپ، ئىشنىڭ ناھايىتى جىددىي ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ئادەت بولغان. يۈننەن ئۆلكىسىدىكى لاخۇ مىللىتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئۆز يېزىقى بولمىغاچقا، خەت ئالاقە ئىشلىرىدا ئالاھىدە بەلگىلەرنى قوللىناتتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئاسمان ئىلاھى لاخۇ مىللىتىگە ئەسلىدە يېزىق بەرگەنىكەن، شۇ چاغدا لاخۇ مىللىتى تۇرغان جاي بىلەن ئىلاھنىڭ ئارىلىقى بەك يىراق بولۇپ، يېزىق ئالغىلى بېرىشتا بىر يىل كېچىكىپ قالغاچقا، ئاسمان ئىلاھى يېزىق يېزىپ بېرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالدىدا كەلگەن مىللەتلەرگە بۆلۈپ تۈگىتىۋەتكەن. بۇ چاغدا ئاسمان ئىلاھى لاخۇ مىللىتى ئەۋەتكەن ئادەمنىڭ نومى گۈرۈچ ئۇنى قاتلىمىسى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، لاخۇ يېزىقىنى قاتلىمىنىڭ ئۈستىگە يېزىپ بەرگەن. قايتىش سەپىرىدە ئۇدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ كېتىپ، بۇ لاخۇ ۋەكىلى ئەمدى يولنىڭ يېرىمىنى تۈگىتىشىگە ئوزۇقى تۈگەپ كەتكەن، يېنىدا پەقەت لاخۇ يېزىقى يېزىلغان قاتلىمىلا قالغان، ئۇ بۇ چاغدا ھەم توڭلاپ، ھەم ئېچىرقاپ، قاتلىمىغا قاراۋېرىپ، كۆڭلىدە بۇ قاتلىمىنى يەۋېتىپلا يېزىقنى كۆڭلۈمدە ساقلىسام بولمامدۇ، دېگەن خىيال كېچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قاتلىمىنى يەۋەتكەن. ئۇ كەنتكە كەلگەندە كىشىلەر ئۇنىڭدىن يېزىقنى چىقىرىشنى سورىغاندا، ئۇنىڭ ئېسىدە ھېچ نەرسە قالمىغان. يېزىق بولمىغانلىقتىن، كىشىلەر خەت ئالاقىدە ئىلاجسىز مەلۇم بەلگە ۋە مەلۇم مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئەمەلىي نەرسە ئارقىلىق مەقسىتىنى ئىپادىلىگەن.