UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرىسۇجۇنىڭ پىرەنىكلىرى

سۇجۇنىڭ پىرەنىكلىرى

جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى يېمەكلىك، قەنت - گېزەك، پېچىنە - پىرەنىكلەر جۇڭگو يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى، ئۇلار بېيجىڭچە، گۇاڭدۇڭچە، سۇجۇچە يېمەكلىلەر دەپ ئۈچ چوڭ سىستېمىغا بۆلۈنىدۇ. تارىخىي مەدەنىيەتلىك داڭلىق شەھەر سۇجۇنىڭ سۇجۇچە يېمەكلىكلىرى يۇقىرىدىكى ئۈچ چوڭ سىستېما ئىچىدە تارىخى ئەڭ ئۇزاق ھەم ئەڭ مۇھىملىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. سۇجۇنىڭ دائىملىق قەنت - گېزەك، پېچىنە - پىرەنىكلىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ ھەمدە تۆت پەسىل، سەككىز مەۋسۇمنىڭ تەرتىپى بويىچە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. باھاردا قاتلىما، يازدا تورت، كۈزدە چۈرۈك يېمەكلىك، قىشتا قەنت - گېزەكلەر سۇجۇنىڭ پەسىللىك يېمەكلىكلىرى ھېسابلىنىدۇ. ھەتتا ھەر بىر ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، مەسىلەن،4 - ئايدىن6 - ئايغىچە يازلىق بۇغداي، گۈرۈچ ئۇنى يېمەكلىكلىرىنى يەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە4 - ئايدا سېرىق قارىغاي پىرەنىكى، قارىغاي ئۇرۇقى پىرەنىكى، بەش رەڭلىك كۆركەم پېچىنە يەيدۇ،5 - ئايدا ماش پىرەنىكى، ھەسەل تورتى،6 - ئايدا يالپۇز، ئاق قارىغاي پىرەنىكى قاتارلىقلارنى يەيدۇ. دائىملىق يېمەكلىكلەر سۇجۇلۇقلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بولۇپمۇ يىل، پەسىل، بايرام ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قائىدە - يوسۇنلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، نەتىجىدە ئۇزاق ۋاقىتلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قويۇق ئۆرپ - ئادەت بولۇپ شەكىللەنگەن. يىل تەرتىپى ئادەتلىرىدىن قارىغاندا، ۋۇ بەگلىكىدىكى ئادەتتە12 - ئاينىڭ24 - كۈنى ئوچاق ئىلاھى ئۇزىتىلىدۇ، ئوچاق ئىلاھىغا بېرىلىدىغان نەزىر - چىراغقا ئىشلىتىلىدىغان يېمەكلىكلەر نومى گۈرۈچى ئۇنى ۋە شېكەردىن يۇمىلاق شەكىلدە تەييارلىنىدۇ. بالىلار ئوچاق ئىلاھىنى ئۇزاتقاندا چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ: »ئوچاق ئىلاھىغا چوڭ يامبۇ بەردۇق، يېيىشىگىلا ئۇيقۇ باسىدۇ« دەپ ۋارقىرىشىدۇ. چاغاننىڭ ھارپا ئاخشىمى ھارپا كېچىلىك تامىقىنى يېيىشتىن ئىلگىرى، ھەممىسى چاغانلىق پروژنىلەرنى ئاتا - بوۋىلىرىغا ئاتاش ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان سىغىنىشىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇ ئاخشىمى تۈنەكتە داستىخانغا چاغانلىق پروژنىلەرنى ۋە باشقا يېمەكلىلەرنى قويىدۇ. چوكانتال بايرىمىدا قاتلىما، چىڭتۇەنزىلەرنى قەبرە بېشىغا ئاپىرىپ يوقلايدۇ، بۇ «قىشلىق يېمەكلىك» ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.7 - ئاينىڭ7 - كۈنى چياۋگو يەيدۇ؛ بۇ كۈنى تاڭ يورۇشىغىلا، ئانىسى يەنە پىرەنىكنى قىزىنىڭ ماڭلىيىغا تەگكۈزۈپ، «ھەممە ئىشنىڭ ياخشى بولۇشى» نى تىلەيدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالا بىر ئايلىق بولغاندا چېچىنى چۈشۈرىدۇ، نۇرغۇن ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرى سوۋغا تەقدىم قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ كىرىدۇ، مەسىلەن، پىرەنىك − ئامەت قوشلاپ كەلسۇن دېگەن مەنىنى، ئۈمىد يېمەكلىكى − ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشنى بىلدۈرىدۇ، گۈرۈچ پىرەنىكى − كۆڭۈللۈك، شېرىن - شىكەر ئۆتۈشنى بىلدۈرىدۇ. توي كۈنى يىگىت قىزنى ئالغىلى بارغاندا، قېيناتا - قېينانىلىرىغا سوۋغا قىلىدىغان بېلىق، گۆش، توخۇ، ئۆردەك، رەڭلىك تۇخۇم قاتارلىقلارنى ئېلىپ بارغاندىن تاشقىرى يەنە ئىككى تاۋاق چوڭ يۇمىلاق قاسقان نېنىنىڭ ئۈستىگە قوش خۇشاللىق دەپ يېزىلغان قىزىل خەتنى چاپلاپ ئېلىپ بارىدۇ، بۇ «چوڭ تاۋاق سوۋغا قىلىش» دېيىلىدۇ. ئېلىپ بېرىلغان ئىككى تاۋاق چوڭ يۇمىلاق قاسقان نېنىنى قىزىنىڭ كارىۋىتى ئالدىغا قويۇلغان ھامان، قىز يېڭى ئايىغىنى كىيىپ، ئىككى پۇتىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىككى تاۋاق ھور نېنىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ، بۇ «ھور ناننى ئاياغ بىلەن دەسسەش» دېيىلىپ، ئەرنىڭ ئۆيىگە بارغاندىن كېيىن خۇشال - خۇرام ئۆتىدىغانلىقنى ئىپادىلەيدۇ. ئەر تەرەپنىڭ يېڭى كارىۋىتى ئۈستىگە شېكەر قومۇشى − قېرىغىچە تاتلىق - شېرىن ئۆتۈش دېگەن مەنىدە، چىلان − بالدۇرراق ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈش دېگەن مەنىدە قويغاندىن باشقا يەنە خۇشال جەم بولغانلىقنى بىلدۈرىدىغان يېمەكلىكلەرنى قويىدۇ، بۇ «ئورۇن سېلىش» دېيىلىدۇ. سۇجۇلۇقلار ئادەتتە50 ياشتىن باشلاپ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەيدۇ، ھەر10 يىلنى بىر چوڭ تۇغۇلغان كۈن، ھەر بەش يىلنى بىر كىچىك تۇغۇلغان كۈن ھېسابلايدۇ. تۇغقانلىرى، دوستلىرى شاپتۇل، (تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەشتە قويۇلىدىغان خېمىردىن ياسالغان ياكى ھۆل شاپتۇل) تورتى، ئۇزۇن ئۈگرە سوۋغا قىلىدۇ. شاپتۇل نومى ئۇنىدىن تەييارلانغان شاپتۇل شەكىللىك قىلىپ تەييارلىنىدۇ. تورت ۋە شاپتۇلنىڭ رەڭگى ئاچ قىزىل بولۇپ، تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىنى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمۈلدۈرىدۇ. شاپتۇل، تورت تىلەك يېمەكلىكلىرىنىڭ سانى جۈپ بولۇش، يەنە كېلىپ يېشى بىلەن ماس كېلىشى كېرەك. مەسىلەن،60 ياشقا كىرگەن بولسا60 تال شاپتۇل،60 دانە يېمەكلىك سوۋغا قىلىنىشى كېرەك، سوۋغا قىلىنغان شاپتۇل، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىلا قوبۇل قىلىپ يىغىۋالماستىن، بەلكى ئازراق ئېلىپ قېلىپ، قالغانلىرىنى سوۋغا ئېلىپ كەلگۈچىلەرگە بېرىش، شۇنداقلا بېرىش سانىغا چەك قويماسلىق كېرەك، ئەمما چوقۇم قوش سان بولۇشى كېرەك، بۇ «بەخت قالدۇرۇش» دېيىلىدۇ. يىغىلغان شاپتۇل، تورت ياش تۇغقانلىرى ئۈگرە ئاش بىلەن قوشۇپ (تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىدە ئاساسەن ئۈگرە ئاش يېيىلىدۇ، بۇ ئۇزۇن ئۆمۈر ئېشى دېيىلىدۇ) ئەتراپتىكى قوشنىلىرىغا ئەكىرىپ بېرىدۇ، بۇ «بەخت تارقىتىش» دېيىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى
سۇجۇنىڭ پىرەنىكلىرى | UyghurWiki | UyghurWiki