ۋىۋىسكا ۋە بەلگە
جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى
ئىلگىرى ماگىزىنلارنىڭ نامى ھەمىشە تاختىغا يېزىلىپ، دۇكاننىڭ ئالدىغا ئېسىپ قويۇلاتتى، بۇ ۋىۋىسكا دېيىلىدۇ. دۇكان ئاچقۇچىلار ھەممىسى سودىسىنىڭ يۈرۈشۈپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىپ، دۇكان ئىسمىغا كۆپىنچە قۇتلۇق سۆزلەرنى ئىشلىتىدۇ. بەزىلەر ئاممىباب دۇكان ناملىرىنى سەككىز مىسرا شېئىر قىلىپ يىغىنچاقلىغان: «ئەل ئامان، ئاۋام ئامان، مەڭگۈ باياشات، گۈللىنىش، ئادىل پايدا، تەڭ ئامەت كۆرۈش، تەڭ پايدا ئېلىش، بايلىقى ئېشىش، باياشات ئۆتۈش، باراۋەرلىك، ئىناقلىق، ئوڭۇشلۇق باشلىنىش، ھەممە ئوڭۇشلۇق. مول ئامەت، توپلىنىش، پايدا ئۈزۈلمەس، كەمتەرلىك ئەخلاقلىق، تىرىكچىلىك، باشتا ئامەت، مەڭگۈ ئادىل، تۈمەن گۆھەر، راۋان، يېڭى باھار، باراقسان، ئاسايىشلىق - ساغلاملىق.» بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن دۇكان ناملىرىنى ھەممە يەردە دېگۈدەك كۆرۈش مۇمكىن.
بەزى كونا دۇكانلار ۋىۋىسكا ئاسقاندىن باشقا يەنە مەسنەۋىلەرنى ئاسىدۇ. مەسىلەن، «سودىدا ئىشەنچلىك بولۇش، خېرىدارلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش» دېگەندەك. بەزىلەر يەنە شۇ دۇكاننىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، مەسىلەن، «كۆك، سېرىق، قىزىل، ئاق، قارا، سۆسۈن، يېشىل، قىزىل، كۆك، قىزغۇچ سېرىق» دېگەنلەرنى ئاسىدۇ، بىر قارىسىلا رەڭ دۇكىنى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئاشپۇزۇل - تاماقخانىلارغا « مەززىلىك قورۇما تائاملىرىمىز بىلەن مېھمانلارنى قارشى ئالىمىز، مۇھىتىمىز ئازادە، پاكىز، خۇددى باھاردەك» دېگەندەك مەسنەۋىلەر يېزىلىدۇ.
ۋىۋىسكا ۋە مەسنەۋىلەردىنمۇ ئىلگىرى بىر خىل ئېلان − بەلگە قوللىنىلغان. ئىلگىرى يېغىلىق دەۋرلىرىدىلا قاۋاقخانىلارغا بەلگە - بايراق ئېسىلاتتى. بەلگىنىڭ شەكىللىرى ھەر خىل بولىدۇ، مەسىلەن، ئەمەلىي نەرسىلەر بەلگە قىلىنىدۇ، يەنى نېمە ساتسا شۇنى بەلگە قىلىپ ئېسىپ قويىدۇ؛ ئۈلگە بەلگىلەر كۆپىنچە ئەمەلىي نەرسە كىچىك بولغاچقا، چوڭايتىپ ئېسىپ قويۇلىدۇ. تارغاق - سۈزگۈچ دۇكانلىرىنىڭ ئالدىغا ئالاھىدە ياسالغان چوڭ تارغاق - سۈزگۈچلەر بەلگە قىلىپ ئېسىپ قويۇلىدۇ. بەزىلەر مۇناسىۋەتلىك ئوبرازلىق نەرسىلەرنى قوللىنىدۇ، ئاشپۇزۇللارنىڭ ئالدىغا باشاق ئوبرازى چۈشۈرۈلگەن گەردىشلەر ئېسىلىدۇ؛ ئاياغ كىيىم دۇكانلىرىغا شىرنىڭ ئاياغلارنى قۇسۇۋاتقان سۈرىتى سىزىلغان ۋىۋىسكىلىرى ئېسىلىدۇ. بەزىلەر ئالاھىدە بەلگە ئىشلىتىدۇ، چايخانىلارنىڭ ئالدىغا ھەممە تەرىپىگە «يامغۇردىن ئىلگىرىكى چاي»، «لۇڭجىن چېيى» دېگەندەك داڭلىق چاي ناملىرى يېزىلغان چاسا تاختايلار ئېسىلىدۇ، ئاستىغا قىزىل لېنتىلار ئىلىپ قويۇلىدۇ؛ ۋېلىسىپىت رېمونت قىلىدىغانلار دۇكىنىنىڭ ئالدىغا ۋېلىسىپىتنىڭ كونا چاق كامېرلىرىنى ئېسىپ قويىدۇ، بەزىلەر يەنە ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا «车» دېگەن خەتنى چوڭ يېزىپ قويىدۇ. ساتىراشخانىلارنىڭ ئالدىغا قىزىل، ئاق، كۆك رەڭلىك ئېلېكترلىك ئايلانما تۇلۇق چىراغ ئېسىلىپ، زامانىۋىلاشقانلىقنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ.