ساپاننى قۇتلۇقلاش، كالىنى قەدىرلەش، تېرىلغۇنى باشلاش
جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى
جۇڭگودا بۇنىڭدىن7000 يىل ئىلگىرىلا شال تېرىلاتتى. ئۇزاق يىللار داۋامىدا، شال تېرىقچىلىقىغا ئالاقىدار ئادەتلەرمۇ تەدرىجىي شەكىللەنگەن.
چاغان ئاخىرلىشىپ دەسلەپكى كۈنىدىكى يەر ھەيدەش »قوشقا چىقىش« دەپ ئاتىلىدۇ. ئېتىزغا ساپان سالغان كۈنى يېنىكرەك ئىشلار قىلىنىپ، يىل بويى ئازادىرەك بولۇش تىلىنىدۇ. بەزى دېھقان ئائىلىلىرى ئۈچ تال كۈجە يېقىپ، ئىككى ۋاراق قەغەز پۇلنى كۆيدۈرۈپ ساپاننى قۇتلۇقلاپ، تېرىلغۇنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيدۇ. بەزى ئائىلىلەر ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىنىشتىن ئىلگىرى تېرىلغۇ كالىلىرىنى بىر دانە توخۇ، بەش جىڭ چوشقا گۆشى، نەچچە ئون جىڭ پۇرچاق بىلەن باقىدۇ. بۇ كالىنى قەدىرلەش دەپ ئاتىلىدۇ.
چوكانتال مەۋسۇمىدىن ئىلگىرى مايسا ئېتىزلىرى تەييارلىنىدۇ، ئۇرۇق قاچىلانغان قاچىغا بىر تال تېرەك ياكى سۆگەت چىۋىقى سانجىپ قويۇلۇپ، زىرائەتنىڭ ئۈنۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنىڭ بېشارىتى قىلىنىدۇ. مايسا ئېتىزىنىڭ بۇلۇڭلىرىدا كۈجىلەرنى كۆيدۈرۈپ، ئىسرىق سېلىپ، ئاشلىق ئىلاھى »ئېتىز ئاتا«، »ئېتىز ئانا« لارنىڭ مايسىلارنى سېسىشتىن ساقلىشىنى تىلەيدۇ. مايسا تىككىلى بارىدىغان ئەرلەرنىڭ قورسىقى چوقۇم توق بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئادەمنىڭ قورسىقى توق بولسا، ئاشلىقمۇ توق، دانلىق بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئۇرۇق سېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ھەرقايسى كەنتلەرنىڭ ئۈچ ئاچا يول ئېغىزلىرىغا چىراغ ئېسىپ قويۇلىدۇ، پۈتۈن كەنتتىكىلەر ئۆيمۇئۆي نۆۋەتلىشىپ چىراغقا ياغ جىقلاپ، ئۆتكەن - كەچكەنلەرنىڭ مايسا ئېتىزىنى دەسسىۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
مايسا تىكىش (كۆچۈرۈش) باشلىنىپ، تۇنجى كۈنىدىكى مايسا تىكىش «مايسا تىكىشنى باشلاش» دېيىلىدۇ. ئايال خوجايىنلار ھەر خىل يېمەكلىك، تاماق، قورۇما، ھاراق ۋە گۆشلەرنى تەييارلاپ، ئۆيدىكىلەر بىرلىكتە يېيىشىدۇ؛ ھەربىر كىشى بىردىن تۇخۇم يەيدۇ، بۇ «ياخشىلىقنىڭ بېشارىتى» دېيىلىدۇ. بەزى ئائىلە باشلىقلىرى مايسا ئېتىزىنى بىر ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن بىر تۇتام مايسىنى يۇلۇپ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، ئىشىك بېشىغا تاشلاپ قويىدۇ، بۇنىڭدا «مايسا ئۆينى تونۇۋالسا، مول ھوسۇل مۇشۇ يەردىن كىرىدۇ» دەيدۇ.
مايسا تىكىش ئاخىرلىشىدىغان چاغدا، ئۆي ئىگىسى يەنە بىرنەچچە تۇتام مايسىنى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۆگزىسىدىكى كاھىشلارنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويىدۇ. بۇ «مايسا تىكىشنى توختىتىش» ھېسابلىنىدۇ. بەزى جايلاردا پۈتۈن كەنت بويىچە ئەڭ بالدۇر مايسا كۆچۈرۈش «مايسا تىكىشنى باشلاش» دېيىلىدۇ. ئەڭ ئاخىردا تىكىپ تۈگىتىش «مايسا تىكىشنى توختىتىش» دېيىلىدۇ. مايسا تىكىشنى باشلىغان ۋە توختاتقاندا، ئەتراپتىكىلەر ۋە قولۇم - قوشنىلار بىر مەھەل مايسا تىكىشكە ياردەملىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلىنى بىلدۈرىدۇ.
شال پىشقاندا ئالدى بىلەن ئېتىزدىن بەش تال باشاقنى ئۈزۈپ كېلىپ، دۈملەپ پىشۇرغاندىن كېيىن تاماقنىڭ ئۈستىگە سانجىپ، يەنە قورۇما ۋە چاي قاتارلىقلارنى بىللە تەييارلاپ، ئېتىز بېشىغا ئاپىرىپ ئاشلىق ئىلاھىغا نەزىر بېرىدۇ، ئاندىن شالغا ئورغاق سالىدۇ. بەزى جايلاردا ناھايىتى مول ھاراق، قورۇمىلارنى تەييارلايدۇ، لۇڭيەن مېۋىسى، لىجى مېۋىسى، ياڭاق، نېلۇپەر ئۇرۇقى، چىلان قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بىر قاچا قورۇما قورۇيدۇ، بۇ «ۋۇخۇسەن» دېيىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئورمىچىلار قورسىقىنى راسا تويغۇزۇپ ئورمىغا تېگىش قىلىدۇ.