UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرىدەيزۇلارنىڭ بامبۇك ئۆيى ۋە ئوتدان

دەيزۇلارنىڭ بامبۇك ئۆيى ۋە ئوتدان

جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى يۈننەندىكى دەيزۇلار بامبۇك ئۆيلەردە تۇرۇپ ئادەتلەنگەن، ھازىر بەزىلىرى ياغاچ قورۇلمىلىق ئۆيلەرنى سېلىپ ئولتۇرسىمۇ، ئەمما شەكلى ئۆزگەرمىدى، يەنىلا بامبۇك ئۆي دەپ ئاتىلىدۇ. بامبۇك ئۆيلەر ئايرىم كورپۇسلۇق سېلىنىدۇ، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئۆز ئالدىغا ھويلىسى بولىدۇ، ئەتراپىغا بانان، چوڭ ئاپېلسىن، ئەنبەھ (ماڭگو) قاتارلىق ئىسسىق بەلۋاغ مېۋىلىك دەرەخلىرىنى تىكىدۇ. ھەربىر بامبۇك ئۆي كۆپىنچە10 كۋادرات مېتىرلىق چاسا شەكىللىك سېلىنىدۇ، ئۆگزىنىڭ تۆت تەرىپى يانتۇ بولۇپ، چىغ قالپاققا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئۆگزىگە ئۆزلىرى توقۇغان «پاخال پالاس» ياكى ئۆزلىرى پىشۇرغان كاھىشلارنى ياتقۇزىدۇ. ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ئادەم تۇرىدۇ، ئاستىنقى قەۋىتىنى ئوتۇن - سامان، دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى قويۇشقا ۋە مال بېقىشقا ئىشلىتىدۇ. بامبۇك ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتى يەردىن تەخمىنەن5 .2 مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ، ياغاچ تۈۋرۈك ئىشلىتىلىدۇ، پول ۋە تاملىرىغا يوغان بامبۇكلاردىن تۈز يېرىپ تەكشىلەنگەن تاختايلار ئىشلىتىلىدۇ. پەلەمپىيى توققۇز ياكى11 بولىدۇ. ئۈستىدە كارىدورى ۋە بالكونى بولىدۇ. بالكون پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر يۈز - كۆزىنى يۇيىدىغان، پۇت يۇيىدىغان ۋە سالقىنداپ دەم ئالىدىغان جاي قىلىنىدۇ. ئۆينىڭ ئىچى ئىچكىرى - تاشقىرى ئىككى ئېغىزلىق بولىدۇ (ئۈچ - تۆت ئېغىزلىقلىرىمۇ بولىدۇ)، ئادەتتە ئوتتۇرا رەتتىكى يەتتە تال تۈۋرۈكتىن ئىككىگە ئايرىلىدۇ، تاشقىرى ئۆي مېھمانخانا، ئىچكەركى ئۆي ياتاق قىلىنىدۇ. بىر ئائىلىدىكى بىرقانچە ئەۋلاد كىشى بىر ئېغىز ياتاق ئۆيدە بىللە تۇرىدۇ، ئوتتۇرىغا رەخت پەردە تارتىپ كارىۋاتلىرىنى ئايرىپ ياتىدۇ. پەلەمپەينىڭ بىر بېشىدا قۇرامىغا يەتكەن قىزلىرى ياتىدۇ. ئىچى تەرىپىدە قېرىلار ياتىدۇ ياكى ئاشلىق تۈرىدىكى نەرسىلەرنى قويىدۇ. مېھمانخانىغا ياغاچ راملىق (تەگلىك) ئوتدان قويۇلۇپ، تاماق ئېتىش، ئىسسىنىشقا ئىشلىتىلىدۇ، بۇ ئۆي ھەم تاماق يەيدىغان، ھەم مېھمان كۈتىدىغان جاي قىلىنىدۇ. نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئوتدانلىرى بولىدۇ، ئەمما نامى، شەكلى ۋە ئادىتى بىر - بىرىگە ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. دەيزۇلار ئوتدان ئورنىتىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، پاك ئادەمدىن بىرنى تەكلىپ قىلىپ ئورنىتىدۇ. ئورناتقۇچى ئۆي ئىگىسى تەقدىم قىلغان تۆت دانە تۇخۇمنى قوبۇل قىلىشى، ئارقىدىن ئالدىن ياساپ قويۇلغان ئوتدان تەگلىكنىڭ ئۈستىگە بانان يوپۇرمىقى سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغاچ تاختاي قويۇپ، ئۈستىنى يەنە لاي بىلەن سۇۋاپ بېرىشى كېرەك. يېڭى ئۆينى مۇبارەكلەش مۇراسىمى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ئۆيدىكى ئەر خوجايىن ئۈچ پۇتلۇق جازىنى تىكلەپ بەرسە، ئايال خوجايىن ئوتۇن سېلىپ ئوت ياقىدۇ، ئارقىدىن چوڭلار دۇئا - تىلاۋەت قىلىدۇ، شۇندىلا ئوتدان ئورنىتىلىپ بولغان ھېسابلىنىدۇ. ئۈچ پۇتلۇق جازىنى خالىغانچە يۆتكەشكە بولمايدۇ، ھەرقانداق كىشى ئوتداننى ئاتلاپ ئۆتۈشكە بولمايدۇ، ئوتۇنغا ئوت ياققاندا تېگىدىن يېقىش، ئوتۇن سالغاندا ئىككى يېنىدىن سېلىش كېرەك. ئوتداننىڭ ئىچى تەرىپىدە ئۆيدىكى ئاياللار ئولتۇرىدۇ، تېشى تەرىپىنىڭ ئوڭ بۇلۇڭىدىكى بىرىنچى ئورۇندا ئەر خوجايىن ئولتۇرىدۇ، دائىم كىرىپ تۇرىدىغان ئادەملەر جىنسىغا قاراپ ئىچىدە ياكى تېشىدا ئولتۇرىدۇ. ئەگەر ئۆيدىكى ئوتداننى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، شۇنىڭ بىلەن تەڭ پەلەمپەينىمۇ ئالماشتۇرۇشى كېرەك. دەيزۇلار مېھماندوست كېلىدۇ، ئەمما ياتلار ئۆي ئىگىسىنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرسە بولمايدۇ. بامبۇك ئۆينىڭ ئۈستىگە چىققاندا ئاياغنى سېلىۋېتىش كېرەك، بوسۇغىدا ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى
دەيزۇلارنىڭ بامبۇك ئۆيى ۋە ئوتدان | UyghurWiki | UyghurWiki