كېمە كۆزى ۋە باش كېمىچى
جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى
دۇڭخەي دېڭىزىنىڭ جۇشەن بېلىقچىلىق مەيدانىدا، ھەربىر بېلىق كېمىسىنىڭ بېشىنىڭ ئىككى تەرىپىگە بىر جۈپ «كۆز» مىخلىنىدۇ، بۇ «بېزەك بېكىتىش» دېيىلىدۇ. بېزەك بېكىتىش مۇراسىمى ناھايىتى تەنتەنىلىك بولىدۇ، ئۇنىڭدا بىر قۇتلۇق كۈن تاللىنىدۇ ھەمدە ۋېنېرا، يۇپىتېر، مېركۇرىي، مارس، ساتۇرن قاتارلىق بەش يۇلتۇزغا ئاساسەن، بەش خىل رەڭلىك مەشۇت يىپنى كېمىنىڭ كۆز ئالمىسى قىلىدىغان كۈمۈش يىڭنە ئۈستىگە باغلايدۇ، كېمە ئىگىسى ئۇنى كېمە بېشىغا بېزەك قىلىپ بېكىتىدۇ، ئارقىدىن يېڭى قىزىل رەخت بىلەن پۈركەپ قويىدۇ، بۇ »كۆزىنى ئېتىپ قويۇش« دېيىلىدۇ. داقا - دۇمباق، پوجاڭزا سادالىرى ئىچىدە يېڭى كېمە سۇغا چۈشۈرۈلۈپ دېڭىزغا كىرىپ بولغاندا، كېمە ئىگىسى كېمە بېشىدىكى يوپۇقنى ئېچىۋېتىدۇ، بۇ «كۆزىنى ئېچىش» دېيىلىدۇ.
بېلىقچى كېمىلىرىدە يەنە «كېمە جېنى» بولىدۇ. ئۇ سۇ بۆلمىسىگە قۇراشتۇرۇلىدۇ، ئادەت بويىچە «سۇدىكى جان» دېيىلىدۇ. بېلىقچىلار كېمىنى ياغاچ ئەجدىھا، ئەجدىھا سۇدا يۈرىدۇ، ئۇنىڭ جېنى بولسىلا، دولقۇنلارنى يېرىپ، ئوڭۇشلۇق ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ، دەپ قارايدۇ.
خۇاڭخەي دېڭىزىدىكى بېلىقچىلىق كەنتىدە باش كېمىچى ئەڭ مۇھىم شەخس ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ياكى خوشلاشقاندا، ئەدەپ بىلەن «شامال ئوڭدىن كەلگەي» ياكى «يۈك تولۇق بېسىلغاي» دېيىش كېرەك. زىياپەتتە باش كېمىچى تۆردە ئولتۇرىدۇ، قورۇمىلارنى تارتقاندا، بېلىقنىڭ بېشىنى باش كېمىچىگە ئۇدۇللاپ قويۇپ، ئۇنىڭ بېلىق توپلىرىنى توسۇپ قالالايدىغان باش بولۇشىنى تىلەيدۇ. كېمە ئۈستىدە، بېلىقچىلار باش كېمىچىنىڭ قوماندانلىقىغا مۇتلەق بويسۇنىدۇ. باش كېمىچى ھەقىقەتەن پۈتۈن كېمىگە قوماندانلىق قىلىدىغان تىرىك جان ھېسابلىنىدۇ.
بېلىقچىلار سۆز ۋە ھەرىكەتتە يامانلىقتىن ساقلىنىشى، سۆزىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. بېلىق يېگەندە يېرىمىنى يەپ بولۇپ، تېگىدىكى يەنە بىر تەرىپىنى ئۆرۈپ يېمەسلىك ھەم بۇ چاغدا «ئۆرۈش» سۆزىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى، كېمىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى بېلىقچىلار ئۈچۈن چوڭ ئاپەت، ئەتىيازلىق كەلكۈندە كېمە دەسلەپكى سەپەرگە چىققاندا، تۇنجى قېتىملىق سۇ چوڭقۇرلۇقىنى ئۆلچىگەندە، بىردەك46 دەرىجە دەپ مەلۇم قىلىش كېرەك، چۈنكى47 دەرىجە بولۇپ قالسا كېمە تېيىز سۇدا ئاسان پېتىپ قالىدۇ،45 دەرىجە بولۇپ قالسا چوڭقۇرلۇقى ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئەمەلىي ئۆلچىنىش ئەھۋالى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەڭ دەسلەپكىسىنى46 دەرىجە دەپ مەلۇم قىلىش كېرەك. بۇنىڭدا توسالغۇسىز بولۇش، دېڭىز سەپىرى ئوڭۇشلۇق بولۇشتەك ياخشىلىق كۆزلىنىدۇ.
بېلىقچى كېمىلەر دېڭىزدا خەتەرگە يولۇقسا، ئەتراپتىكى كېمىلەرنىڭ ھەممىسى كېلىپ ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. بىركىم سۇغا چۈشۈپ كەتسە، قەيەرلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر - بىرىنى قۇتۇلدۇرىدۇ.
بېلىقچى كېمىلەر دېڭىزدا قىيا تاشقا ئۇرۇلۇش ياكى تېشىلىپ سۇ كىرىپ كېتىش قاتارلىق ھادىسىلەر يۈز بەرسە، تالاپەتكە يولۇققۇچى ئالدى بىلەن كېمىنىڭ بېشىدىكى ئېنىق كۆرۈنىدىغان جايغا بىر سۈپۈرگىنى تەتۈر تىكلەپ سانجىپ قويىدۇ، ئارقىدىن ماچتىنىڭ ئۇچىغا يىرتىق كىيىمدىن بىرنى ئېسىپ قويىدۇ. ئەگەر ئاخشىمى بولۇپ قالسا، مەشئەل يېقىپ داس، قازاندەك نەرسىلەرنى ئۇرۇپ ئاۋاز چىقىرىپ باشقىلارنى قۇتقۇزۇشقا چاقىرىدۇ. باشقا كېمىلەر بۇ بەلگىنى كۆرگەندىن كېيىن، دەرھال پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەمگە ئاتلىنىدۇ. قۇتقۇزۇش كېمىلىرى تالاپەتكە يولۇققان كېمىگە يېقىنلىشىپ، ئالدى بىلەن توم ئارغامچىنى تاشلاپ ئادەملەرنى قۇتقۇزىدۇ، ئارقىدىن ئارغامچا بىلەن كېمىنى سۆرەپ ماڭىدۇ.