UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرىپىر ئانا

پىر ئانا

جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى تەيۋەن ئارىلىدا300 دىن ئارتۇق پىرئانا بۇتخانىسى بار، ئەڭ چوڭى يۈنلىن ناھىيىسىنىڭ بېيخاڭجېن بازىرىدا بولۇپ، چاۋتيەنگۇڭ بۇتخانىسى، كۇڭزى ئىبادەتخانىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دېھقانلار كالېندارى بويىچە ھەر يىلى1 - ئايدىن3 - ئايغىچە، ئۆلكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىدىغان تاۋاپ قىلىش ئۆمەكلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ، كېلىدىغان ئادەم سانى كۆپ بولغاندا100 مىڭغا يېتىدۇ.3 - ئاينىڭ23 - كۈنى پىر ئانا دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ ئالدى - كەينىدە، كۈجە كۆيدۈرۈپ تاۋاپ قىلىدىغانلار ئەڭ كۆپ بولىدۇ. پىرئانا جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز ياقىسىدىكى كىشىلەر چوقۇنىدىغان مۇھاپىزەتچى ئىلاھە. رىۋايەت قىلىنىشىچە، پىرئانىنىڭ ئەسلىي ئىسمى لىن مونياڭ بولۇپ، مىلادىيە960 - يىلى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ پۇتيەن ناھىيىسى مېيجۇ ئارىلىدا تۇغۇلغان، ئۇ بىر ھەربىي سەركەردىنىڭ قىزى ئىكەن. ئۇ تۇغۇلۇپ بىر ئايلىق بولغۇچە ئۇنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىمىغاچقا، ئىسمىنى مۇنياڭ دەپ قويغانىكەن. ئۇ ئەقىللىق، ئاق كۆڭۈل بولغاچقا، بىر ئالىي راھىبتىن دېڭىزغا دەسسىسە چۆكۈپ كەتمەسلىك سېھرىنى ئۆگەنگەنىكەن،15 ياش ۋاقتىدىلا مېيجۇگاڭ پورتىنىڭ دېڭىز يۈزىدە بىر يەردە يوشۇرۇن خادا تاش ۋە قاينام بارلىقىنى، ئۇ يەردە دائىم كېمىلەر ئاغدۇرۇلۇپ ئادەم ئۆلۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىدىكەن، ئۇ كىچىك كېمىسىنى ھەيدەپ دېڭىزنى چارلاپ، بېلىقچى كېمىلەرگە يول باشلاپ، يۇرتداشلارنى مۇھاپىزەت قىلىدىكەن. ئۇ28 ياشقا كىرگەن يىلى يېرىم كېچىدە، پورتقا قايتىپ كېلىۋاتقان بىر بېلىقچى كېمىنىڭ تۇيۇقسىز چىققان قارا بوران زەربىسىدىن ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ دەرھال قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىپ، بېلىقچىلارنى بىر - بىرلەپ قۇتقۇزىدىكەن. ئەمما ئۆزى ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كېتىپ، قىرغاققا چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۆلۈپ كېتىدىكەن. ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ باشقىلارنى قۇتقۇزغان لىن مونياڭنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، يۇرتداشلار ئۇنىڭغا بۇت تىكلەپ بۇتخانا سېلىپ ھەمدە ئۇنىڭ مۇبارەك نامىنى پىرئانا دەپ ئاتىغان. كېيىن پىرئانا روھىنىڭ پۇقرالارنى بالا - قازادىن ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر بارغانسېرى كۆپەيگەن ۋە سىرلىقلىشىپ كەتكەن. بەزىلەر پىرئانا دائىم ئۇچىسىغا قىزىل كىمخاب كىيىپ دېڭىز چارلاپ، تالاپەتكە يولۇققانلارنى قۇتقۇزىدۇ، دېسە؛ بەزىلەر دېڭىزدا تالاپەتكە يولۇققاندا پىرئانا دەپ ئۈنلۈك ۋارقىرىسا، قۇش ياكى چىراغ نۇرى پەيدا بولۇپ يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەيدۇ. سۇڭ، يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئۆتكەن خانلار ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئۇنى خانىم، پىر ئايال، پىر خانىش دېگەن ناملار بىلەن ئاتىغان. شۇنىڭ بىلەن خەلق ئىچىدە يەنە بىر رىۋايەت كېلىپ چىققان. ئېيتىلىشىچە، مونياڭ ئۆز يۇرتىنىڭ مازۇ دېگەن بۇ يېقىملىق ئاتىلىشىنى ياخشى كۆرىدىكەن، شۇڭا دولقۇننىڭ خەتىرىگە يولۇققاندا مازۇ دەپ توۋلىسا، دېڭىز ئىلاھى دەرھال بېشىغا چاچ كىيىپ پەيدا بولىدىكەن؛ ئەگەر پىر خانىش دەپ توۋلىسا، بىردەمدىن كېيىن تاج ۋە تەتىللا كىيىپ پەيدا بولىدىكەن. دۆلىتىمىزنىڭ تيەنجىن شەھىرى شىمالىي جۇڭگودىكى چوڭ دېڭىز ترانسپورت پورتى بولۇپ، ئۇ يەردە پىرخانىشقا نەزىر - چىراغ قىلىش ئومۇملاشقان، ئۇ پىرئانا بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان پەرىزات ھېسابلىنىدۇ. ھەر يىلى پىر خانىشنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ناھايىتى قىزىپ كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى
پىر ئانا | UyghurWiki | UyghurWiki