UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرىيېمەك - ئىچمەك ئادەتلىرى

يېمەك - ئىچمەك ئادەتلىرى

جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى تاماق يېيىش ئادەمنىڭ بىر خىل ئاساسىي ئېھتىياجى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيەتلىرىنىڭ بىرى، بۇنىڭ بىلەن ھەر خىل يېمەك - ئىچمەك ئادەتلىرى شەكىللەنگەن. تاماق ئېتىش ئپتىدائىي ئىنسانلار ئوتتىن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋالغاندىن ئېتىبارەن باشلانغان. ئۇ چاغدا كىشىلەر تۇتۇۋالغان ياۋايى ھايۋاننىڭ تېرىسىنى سويۇپ بولۇپ ئوتتا قاقلاپ پىشۇرغان ياكى ئوتتا كۆيدۈرۈپ پىشۇرغان، بۇنىڭ بىلەن كۆيدۈرۈپ، قاقلاپ پىشۇرۇشتەك تاماق ئېتىش ئۇسۇلى شەكىللەنگەن. كېيىن يەنە سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇش، ھوردا پىشۇرۇش، قورۇش، ياغدا قورۇش، ياغدا پىشۇرۇش، قايناقسۇغا بېسىپ پىشۇرۇش، ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇش، شورپىدا پىشۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن ئۇسۇللار كەشىپ قىلىنغان. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئىنسانلارنى مول يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىن ئەتتى. بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر گۈرۈچ، ئۇنلارنى ئاساسىي يېمەكلىك، بېلىق، تۇخۇم، سۈت، كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەرنى قورۇما، تۇز، شېكەر، ئاچچىقسۇ، جاڭيۇ قاتارلىقلارنى تەم تەڭشىگۈچ، ھاراق، چاي، قەھۋەلەرنى ئىچىملىك قىلىدىغان بولدى. ئېلىمىزدە خەنزۇلارنىڭ ئاساسىي يېمەكلىكلىرىدىن يالغۇز ئۇن تامىقىنى ئالساق، ھورنان، شورپىلىق جۇۋاۋا، قوتۇرماچ، ئۈگرە چۆپ (قويۇق، سۇيۇق چۆپ ئاشلار) قاتارلىق تۆت چوڭ تۈرى بار. ھەربىر تۈرنىڭ ھەر خىل ئېتىلىشلىرى بار: ھورناندىن خۇاجەر ھەم ئۇنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى پىشۇرمىلىرى، كىچىك قاسقان مانتىسى، شاۋمەي (ھوردا خېمىردىن پىشۇرۇلغان قىيمىلىق تاماق)، نېلۇپەر مانتىسى، پۇرچاق قىيمىلىق مانتا قاتارلىق ھەر خىللىرى بار؛ شورپىلىق جۇۋاۋا تۈرىدىن يېسسىۋىلەك جۇۋاۋىسى، ئارىلاش يېمەكلىكلەر جۇۋاۋىسى، چاسبا جۇۋاۋا، ئاشىق - مەشۇق جۇۋاۋىسى، پۆرە قاتارلىق خىللىرى بار؛ قوتۇرماچ تۈرىدىن ئادەتتىكى قاتلىما، قىيمىلىق قاتلىما، گوكەي، غۇس - غۇس قوتۇرماچ قاتارلىقلار بار؛ چۆپلەردىن يالغۇز جاڭيۇلا خۇرۇچ قىلىنىدىغان ئۈگرە، گۈرۈچ مەلھىمى كەسمە چۆپى، ئىنچىكە توغرالغان قورۇما گۆش چۆپى، تارتقان چۆپ، يونۇپ ئاش قاتارلىق خىللىرى بار. قورۇمىلاردىن فۇجيەن قورۇمىلىرى، سىچۇەن قورۇمىلىرى، گۇاڭدۇڭ قورۇمىلىرى، بېيجىڭ قورۇمىلىرى، سەندۇڭ قورۇمىلىرى، جياڭسۇ قورۇمىلىرى، خۇنەن قورۇمىلىرى، خۇيجۇ قورۇمىلىرى، خۇبېي قورۇمىلىرى قاتارلىق قورۇما سىستېمىلىرى بار. «جەنۇب تەرەپنىڭ تاتلىققا ئامراق، شىمالنىڭ تۇزلۇققا، شەرق تەرەپنىڭ چۈچۈمەلگە ئامراق، غەربنىڭ ئاچچىققا» دېگەن گەپ، شىمالىي جۇڭگو ۋە جەنۇبىي جۇڭگو رايونلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ تاماق يېيىشتىكى ئادىتىنى ئىپادىلەيدۇ. بېيجىڭ ئۆردەك كاۋىپى، يەلقازان گۆشى، دېجۇ دۈملىمە توخۇسى، ئەر - خوتۇنلار ئۆپكە توغرامچىسى، ماپۇ دۇفۇسى، جاۋخۇا توخۇسى، تۇز سۈيى ئۆردىكى قاتارلىقلار كىشىلەر بىرقەدەر پىششىق بىلىدىغان داڭلىق قورۇمىلار ھېسابلىنىدۇ. تاماقلىنىش قېتىمى جەھەتتىمۇ بىر قاتار ئادەتلەر شەكىللەنگەن. قەدىمكى زاماندا ئىنسانلار ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىككى قېتىملا تاماق يېگەنىكەن، كېيىن ئۈچ ۋاخ تاماق يېيىشكە ئۆزگەرگەن. ئۈچ ۋاخلىق تاماق ئوتتۇرىسىغا بەزى رايونلاردا يەنە ئارىلىق تاماق، پېچىنە - پرەنىك، كېچىلىك تاماق، ئۇششاق يېمەكلىك قاتارلىق قوشۇمچە ئوزۇقلىنىش شەكىللىرىنى قوشۇۋالغان. بايرام كۈنلىرى يەنە نۇرغۇن ئالاھىدە يېمەك - ئىچمەك ئادەتلىرى كېلىپ چىقتى. مەسىلەن، توي قىلغان چاغدىكى نەۋرە - ئەۋرىلەر تاتلىق يېمەكلىكى، كېلىن چېيى، قىز تۇغقان چاغدىكى قىز ھارىقى، تۇغۇلغان كۈننى قۇتلۇقلاش ئۇزۇن ئۆمۈر ئېشى، تۇغۇلغان كۈن تورتى قاتارلىقلار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى