UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرىقاتناش ئادەتلىرى

قاتناش ئادەتلىرى

جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن باشلاپ يول ئىنسانلار بىلەن غايىنى بىر - بىرىگە باغلاپ كەلدى، تارىختىكى يول ۋە ئىنسانلارنىڭ يول يۈرۈشىگە ئالاقىدار ھېكايىلەر، ئەمەلىيەتتە تارىخ ئۆزىنىڭ ھېكايىلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىنسانلار دەسلەپتە پەقەت قورۇقلۇقتىلا ماڭغان، چوڭ دەريالارغا يولۇققاندا، «دەرياغا قاراپ ھاڭ - تاڭ قېلىش» تىن باشقا ئىلاجى بولمىغان. كېيىن كىشىلەر چاپما قولۋاق ياساشنى ئۆگىنىۋالغان. كېمە بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ قاتناش ئىشلىرى ئوڭايلىشىپ كەتكەن، قورۇقلۇقتىكى قاتناشتىمۇ ئۆزگىرىشلەر بولغان: كىشىلەر پىيادە ماڭماي ئات مىنىپ ماڭىدىغان بولغان، يەنە يۇمىلاق ياغاچنىڭ ئاسان دومىلايدىغانلىقىدەك پرىنسىپقا ئاساسەن چاقنى كەشىپ قىلىپ، ھارۋىلارنى ياسىغان. شۇنىڭ بىلەن ئاپتوموبىللار، پويىزلار بارلىققا كەلگەن، ئەڭ تېجەشلىك ھەم بەدەن چېنىقتۇرغىلى بولىدىغان ۋېلىسىپىتمۇ بارلىققا كەلگەن. قار - مۇز قاپلاپ كېتىدىغان جايلاردا ئىنسانلار يەنە چاڭغا، چانا قاتارلىق ئالاھىدە قاتناش قوراللىرىنى كەشىپ قىلغان. قاتناش قورالى ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، ئۇلارغا مىليونلىغان ئەمگەكچى خەلقنىڭ يۈرەك قېنى ۋە ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن. قەدىمكى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ چاقنى ياخشى كۆرۈشى ھازىرقى كىشىلەرنىڭ ھەشەمەتلىك پىكاپلارنى ياخشى كۆرگىنىگە ئوخشايدۇ. چاقنىڭ ئەپسانىلەردىكى مەنىسى ئۇ قۇياشقا، ئىلاھقا ۋە ئامەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بەزى جايلاردا كۆيۈۋاتقان چاقنى تاغدىن دۈگىلىتىش ياكى يۇمىلاق ياغاچ تەخسىنى ئاسمانغا ئېتىش ئارقىلىق قىشلىق كۈن - تۈن توختىشى ۋە يازلىق كۈن - تۈن توختىشىنى تەبرىكلەيدۇ؛ قىمارخانىلاردا چاقتىن رۇلېتكا ئايلانما تەخسىسى ياسىتىپ ئامەتنىڭ سىمۋولى قىلىدۇ؛ بۇددا دىنىدا يەنە چاق توغرىسىدىكى نۇقتىئىنەزەرلەردىن پايدىلىنىپ «مېتامپىسخۇرنىڭ جاجىسىنى يېيىشى» دېگەن دىنىي ئەقىدىنى ئويدۇرۇپ چىققان. كېمە قەدىمكى كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئاجايىپ سېھرىي كۈچىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇرغان. ئافرىقىدىكى تانزانىيىلىكلەر بىر دانە قولۋاقنى ياساپ بولۇپ، سۇغا چۈشۈرىدىغان چاغدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، قولۋاققا ئامەت تىلەيدىغان ئەپسۇن يېزىلغان تۇمارلارنى يۆگەيدۇ. ياپونىيىنىڭ قىزلار بايرىمىدا، قىز بالىلار ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ياغاچ قونچىقىنى ياغاچتىن ياسالغان كىچىك كېمىگە سېلىپ دېڭىزغا قويۇۋېتىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆزىگە ئامەت ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگودا خەلق ئارىسىدا قەغەزنى چاپلاپ تەقلىدىي كېمە ياساپ، ئاتا - بوۋىلىرىغا ياكى ئىلاھقا تاۋاپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان ئادەت بار، بۇ ۋابا ۋە كېسەل ئالۋاستىلىرىنى ئۇزىتىپ قويۇش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى
قاتناش ئادەتلىرى | UyghurWiki | UyghurWiki